نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
3877 | 37 | 89 | فقال إني سقيم |
| | | ئۇ يۇلتۇزلارغا قارىدى، ئاندىن: «مەن ھەقىقەتەن كېسەل بولۇپ قالىمەن» دېدى |
|
3878 | 37 | 90 | فتولوا عنه مدبرين |
| | | ئۇلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ ئايرىلىشتى (يەنى ئۇنى تاشلاپ كېتىشتى) |
|
3879 | 37 | 91 | فراغ إلى آلهتهم فقال ألا تأكلون |
| | | ئىبراھىم ئاستا ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ: «(مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن، بۇ تاماقتىن) يېمەمسىلەر؟ نېمىشقا گەپ قىلمايسىلەر؟» دېدى |
|
3880 | 37 | 92 | ما لكم لا تنطقون |
| | | ئىبراھىم ئاستا ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ: «(مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن، بۇ تاماقتىن) يېمەمسىلەر؟ نېمىشقا گەپ قىلمايسىلەر؟» دېدى |
|
3881 | 37 | 93 | فراغ عليهم ضربا باليمين |
| | | ئاندىن ئۇلارغا يۈزلىنىپ ئوڭ قولى بىلەن ئۇرۇپ پاچاقلاشقا كىرىشتى |
|
3882 | 37 | 94 | فأقبلوا إليه يزفون |
| | | ئۇلار (يەنى قەۋمى) ئىبراھىمنىڭ يېنىغا ئالدىراپ - سالدىراپ كېلىپ: «بىز ئۇلارغا چوقۇنۇۋاتساق، سەن ئۇلارنى چېقىپ تاشلامسەن؟» دېدى |
|
3883 | 37 | 95 | قال أتعبدون ما تنحتون |
| | | ئىبراھىم ئېيتتى: «(ئۆزۈڭلار) ئويۇپ ياسىغان بۇتلارغا چوقۇنامسىلەر؟ |
|
3884 | 37 | 96 | والله خلقكم وما تعملون |
| | | ھالبۇكى، سىلەرنى ۋە ياسىغان نەرسەڭلارنى اﷲ ياراتقاندۇر» |
|
3885 | 37 | 97 | قالوا ابنوا له بنيانا فألقوه في الجحيم |
| | | ئۇلار: «ئىبراھىم ئۈچۈن بىر بىنا سېلىڭلار، (ئۇنى ئوتۇن بىلەن تولدۇرۇپ ئوت يېقىڭلار، ئوت يانغاندا) ئۇنى ئوتقا تاشلاڭلار» دېدى. (ئۇلار ئىبراھىمنى ئوتقا تاشلاش بىلەن) ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلماقچى بولدى |
|
3886 | 37 | 98 | فأرادوا به كيدا فجعلناهم الأسفلين |
| | | بىز (ئىبراھىمنى ئوتتىن سالامەت قۇتقۇزۇش بىلەن) ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدۇق |
|