نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
995 | 7 | 41 | لهم من جهنم مهاد ومن فوقهم غواش وكذلك نجزي الظالمين |
| | | دوزاختا ئۇلارنىڭ ئاستىغا سالىدىغان كۆرپىسىمۇ ئوتتىن، ئۈستىگە يېپىنىدىغان يوتقىنىمۇ ئوتتىن بولىدۇ، زالىملارغا مۇشۇنداق جازا بېرىمىز |
|
996 | 7 | 42 | والذين آمنوا وعملوا الصالحات لا نكلف نفسا إلا وسعها أولئك أصحاب الجنة هم فيها خالدون |
| | | ئىمان ئېيتقانلار ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار - كىشىنى پەقەت كۈچى يېتىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىمىز ئەنە شۇلار ئەھلى جەننەتتۇر، ئۇلار جەننەتتە ھەمىشە قالىدۇ |
|
997 | 7 | 43 | ونزعنا ما في صدورهم من غل تجري من تحتهم الأنهار وقالوا الحمد لله الذي هدانا لهذا وما كنا لنهتدي لولا أن هدانا الله لقد جاءت رسل ربنا بالحق ونودوا أن تلكم الجنة أورثتموها بما كنتم تعملون |
| | | ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدىكى ئۆچمەنلىكلىرىنى ئېلىپ تاشلىدۇق (يەنى جەننەتكە كىرگەنلەر ئارىسىدا ئۆزئارا ئاغرىق - ئاداۋەت بولمايدۇ). ئۇلارنىڭ (سارايلىرى) ئاستىدىن (جەننەتنىڭ) ئۆستەڭلىرى ئېقىپ تۇرىدۇ، ئۇلار: «جىمى ھەمدۇسانا بىزنى بۇ (نېمەتلەرنى ھاسىل قىلىشقا) يېتەكلىگەن اﷲ قا بولسۇنكى، اﷲ بىزنى يېتەكلىمىگەن بولسا، توغرا يول تاپمىغان بولاتتۇق، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ پەيغەمبەرلىرى بىزگە ھەقنى ئېلىپ كەلدى›› دەيدۇ، ئۇلارغا: «قىلغان ئەمەلىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە بېرىلگەن جەننەت مانا مۇشۇ›› دەپ نىدا قىلىنىدۇ (يەنى پەرىشتىلەر شۇنداق دەپ نىدا قىلىدۇ) |
|
998 | 7 | 44 | ونادى أصحاب الجنة أصحاب النار أن قد وجدنا ما وعدنا ربنا حقا فهل وجدتم ما وعد ربكم حقا قالوا نعم فأذن مؤذن بينهم أن لعنة الله على الظالمين |
| | | ئەھلى دوزاخقا: ‹‹بىز پەرۋەردىگارىمىز بىزگە ۋەدە قىلغان نەرسىنى ھەق تاپتۇق، سىلەرمۇ پەرۋەردىگارىڭلار ۋەدە قىلغان نەرسىنى ھەق تاپتىڭلارمۇ؟ ›› دەپ توۋلايدۇ. ئۇلار: ‹‹ھەئە›› دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر جاكارچى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (مۇنداق دەپ) جاكارلايدۇ: ‹‹زالىملارغا اﷲ نىڭ لەنىتى بولسۇن |
|
999 | 7 | 45 | الذين يصدون عن سبيل الله ويبغونها عوجا وهم بالآخرة كافرون |
| | | زالىملار كىشىلەرنى اﷲ نىڭ داغدام يولىدىن توسىدۇ، ئۇنىڭ ئەگرى بولۇشىنى تىلەيدۇ ھەمدە ئۇلار ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدۇ |
|
1000 | 7 | 46 | وبينهما حجاب وعلى الأعراف رجال يعرفون كلا بسيماهم ونادوا أصحاب الجنة أن سلام عليكم لم يدخلوها وهم يطمعون |
| | | ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر توسما بولىدۇ. توسمىنىڭ ئۈستىدە (ئەئرافتا) ئەھلى جەننەت ۋە ئەھلى دوزاخنى ئۇلارنىڭ سىماسىدىن تونۇيدىغان ئادەملەر (يەنى ئەھلى ئەئراف) بولىدۇ، ئۇلار ئەھلى جەننەتكە: «سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز›› دەپ توۋلايدۇ. ئۇلار جەننەتكە كىرمىگەن، (ئەمما) كىرىش ئۈمىدىدە تۇرغانلاردۇر |
|
1001 | 7 | 47 | وإذا صرفت أبصارهم تلقاء أصحاب النار قالوا ربنا لا تجعلنا مع القوم الظالمين |
| | | ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئەھلى دوزاخ تەرەپكە بۇرۇلغاندا: ‹‹ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى زالىم قەۋم بىلەن بىللە قىلمىغىن›› دەيدۇ |
|
1002 | 7 | 48 | ونادى أصحاب الأعراف رجالا يعرفونهم بسيماهم قالوا ما أغنى عنكم جمعكم وما كنتم تستكبرون |
| | | ئەئرافتىكىلەر (يەنى ياخشىلىقلىرى بىلەن يامانلىقلىرى تەڭ بولۇپ قالغان، جەننەتتىمۇ ئەمەس، دوزاختىمۇ ئەمەس كىشىلەر) سىماسىدىن تونۇيدىغان (دوزىخى) ئادەملەرگە: ‹‹توپلىغان پۇل - ماللىرىڭلار ۋە تەكەببۇرلۇقۇڭلار سىلەرگە نېمىگە ئەسقاتتى؟ ›› دەپ توۋلايدۇ |
|
1003 | 7 | 49 | أهؤلاء الذين أقسمتم لا ينالهم الله برحمة ادخلوا الجنة لا خوف عليكم ولا أنتم تحزنون |
| | | (ئەئرافتىكىلەر دوزىخىلار مۆمىنلەرنىڭ پېقىرلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ) سىلەر اﷲ نىڭ رەھمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ، دەپ قەسەم قىلغان كىشىلەر مۇشۇلارمۇ؟ (مانا بۇلارغا) جەننەتكە كىرىڭلار، سىلەرگە (كەلگۈسىدىن) غەم قىلىش، (كەتكەنگە) قايغۇرۇش يوقتۇر (دېيىلدى دەيدۇ) |
|
1004 | 7 | 50 | ونادى أصحاب النار أصحاب الجنة أن أفيضوا علينا من الماء أو مما رزقكم الله قالوا إن الله حرمهما على الكافرين |
| | | ئەھلى دوزاخ ئەھلى جەننەتكە: ‹‹سۇدىن ياكى اﷲ سىلەرگە بەرگەن ئىچىدىغان نەرسىلەردىن بىزگە بىر ئاز قۇيۇپ بەرسەڭلار! ›› دەپ توۋلايدۇ، ئەھلى جەننەت ئۇلارغا (جاۋابەن): ‹‹اﷲ ئۇلارنى كاپىرلارغا ھارام قىلغان›› دەيدۇ |
|