نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
890 | 6 | 101 | بديع السماوات والأرض أنى يكون له ولد ولم تكن له صاحبة وخلق كل شيء وهو بكل شيء عليم |
| | | اﷲ ئاسمانلارنى ۋە يەرنى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچىدۇر، اﷲ نىڭ خوتۇنى يوق تۇرسا، قانداقمۇ بالىسى بولسۇن؟ ھەممە نەرسىنى اﷲ ياراتقان، ھەممە نەرسىنى اﷲ ئوبدان بىلگۈچىدۇر |
|
891 | 6 | 102 | ذلكم الله ربكم لا إله إلا هو خالق كل شيء فاعبدوه وهو على كل شيء وكيل |
| | | ئەنە شۇ اﷲ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، اﷲ تىن بۆلەك ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇ ھەر نەرسىگە ھامىيدۇر |
|
892 | 6 | 103 | لا تدركه الأبصار وهو يدرك الأبصار وهو اللطيف الخبير |
| | | كۆزلەر اﷲ نى كۆرمەيدۇ، اﷲ كۆزلەرنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، اﷲ (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر |
|
893 | 6 | 104 | قد جاءكم بصائر من ربكم فمن أبصر فلنفسه ومن عمي فعليها وما أنا عليكم بحفيظ |
| | | (ئى پەيغەمبەر ئېيتقىنكى) سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن (ھىدايەتنى ئازغۇنلۇقتىن ئايرىپ كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر كەلدى، كىمكى ھەقنى كۆرۈپ ئىمان ئېيتسا ئۆزىگە پايدا، كىمكى ئۇنىڭدىن كۆز يۇمىسا (يەنى باش تارتسا) ئۆزىگە زىيان. مەن سىلەرگە (ئەمەلىڭلارنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان) كۆزەتچى ئەمەسمەن (پەقەت سىلەرنى ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرمەن) |
|
894 | 6 | 105 | وكذلك نصرف الآيات وليقولوا درست ولنبينه لقوم يعلمون |
| | | ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار): (ئى مۇھەممەد!) سەن (قۇرئاننى باشقىلاردىن) ئۆگەندىڭ دەيدۇ دەپ، ھەقنى بىلىدىغان قەۋمگە بايان قىلىمىز دەپ، ئايەتلەرنى مۇشۇنداق شەكىللەردە بايان قىلدۇق |
|
895 | 6 | 106 | اتبع ما أوحي إليك من ربك لا إله إلا هو وأعرض عن المشركين |
| | | (ئى مۇھەممەد!) ساڭا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ۋەھيى قىلىنغان قۇرئانغا ئەمەل قىلغىن؛ اﷲ تىن باشقا مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، مۇشرىكلار بىلەن تەڭ بولمىغىن |
|
896 | 6 | 107 | ولو شاء الله ما أشركوا وما جعلناك عليهم حفيظا وما أنت عليهم بوكيل |
| | | ئەگەر اﷲ (ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىشنى) خالىسا، ئۇلار شېرىك كەلتۈرمەيتتى، سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى قىلغىنىمىز يوق، سەن ئۇلارغا ھامىيمۇ ئەمەسسەن |
|
897 | 6 | 108 | ولا تسبوا الذين يدعون من دون الله فيسبوا الله عدوا بغير علم كذلك زينا لكل أمة عملهم ثم إلى ربهم مرجعهم فينبئهم بما كانوا يعملون |
| | | مۇشرىكلارنىڭ خۇدانى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان بۇتلىرىنى تىللىماڭلار، (ئۇنداق قىلساڭلار) ئۇلار بىلمىگەنلىكلىرىدىن ھەددىدىن ئېشىپ اﷲ نى تىللايدۇ. شۇنىڭدەك بىز ھەر ئۈممەتكە ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىنى چىرايلىق كۆرسەتتۇق، ئاندىن ئۇلارنىڭ قايتىپ بارىدىغان جايى اﷲ نىڭ دەرگاھىدۇر، اﷲ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ (يەنى ياخشىغا مۇكاپات بېرىدۇ، ياماننى جازالايدۇ) |
|
898 | 6 | 109 | وأقسموا بالله جهد أيمانهم لئن جاءتهم آية ليؤمنن بها قل إنما الآيات عند الله وما يشعركم أنها إذا جاءت لا يؤمنون |
| | | ئەگەر ئۇلارغا بىرەر مۆجىزە كەلسە، ئۇنىڭغا چوقۇم ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى (بىلدۈرۈپ) اﷲ نىڭ نامى بىلەن قاتتىق قەسەم ئىچىشىدۇ. (ئى مۇھەممەد!) مۆجىزىلەر (مېنىڭ ئەمەس)، اﷲ نىڭ دەرگاھىدىكى ئىش، دېگىن. (ئى مۆمىنلەر!) سىلەر نېمىنى بىلىسىلەر؟ مۆجىزىلەر كەلسە، ئۇلار، ئېھتىمال، ئۇنىڭغا ئىشەنمەسلىكلىرى مۇمكىن |
|
899 | 6 | 110 | ونقلب أفئدتهم وأبصارهم كما لم يؤمنوا به أول مرة ونذرهم في طغيانهم يعمهون |
| | | ئۇلارنىڭ دىللىرىنى، كۆزلىرىنى ھەق (نى چۈشىنىش ۋە كۆرۈش) تىن بۇرىۋېتىمىز، ئۇلار دەسلەپتە مۆجىزىلەرگە ئىشەنمىگىنىدەك (يەنى ئىشەنمەيدۇ)، ئۇلارنى گۇمراھلىقلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرۈشكە قويۇۋېتىمىز |
|