نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
709 | 5 | 40 | ألم تعلم أن الله له ملك السماوات والأرض يعذب من يشاء ويغفر لمن يشاء والله على كل شيء قدير |
| | | بىلەمسەنكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى اﷲ قا خاستۇر، اﷲ خالىغان ئادەمگە ئازاب قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ، اﷲ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر |
|
710 | 5 | 41 | يا أيها الرسول لا يحزنك الذين يسارعون في الكفر من الذين قالوا آمنا بأفواههم ولم تؤمن قلوبهم ومن الذين هادوا سماعون للكذب سماعون لقوم آخرين لم يأتوك يحرفون الكلم من بعد مواضعه يقولون إن أوتيتم هذا فخذوه وإن لم تؤتوه فاحذروا ومن يرد الله فتنته فلن تملك له من الله شيئا أولئك الذين لم يرد الله أن يطهر قلوبهم لهم في الدنيا خزي ولهم في الآخرة عذاب عظيم |
| | | ئى پەيغەمبەر! دىللىرىدا ئىشەنمەي، ئېغىزلىرىدا: «ئىمان ئېيتتۇق» دەپ قويىدىغانلار (يەنى مۇناپىقلار) دىن ۋە يەھۇدىيلاردىن كۇفرىغا (پۇرسەت تاپسىلا كۇفرىنى ئىزھار قىلىشقا) ئالدىرايدىغان كىشىلەر سېنى غەمكىن قىلمىسۇن، ئۇلار (ئەھبارلىرى ئوقۇغان) يالغانغا قۇلاق سالىدۇ، ساڭا كەلمىگەن (يەنى ئۆچلۈك قىلىپ سېنىڭ سۆھبىتىڭگە ھازىر بولمىغان) باشقا بىر قەۋمگە (يەنى خەيبەر يەھۇدىيلىرىنىڭ سۆزىگە) قۇلاق سالىدۇ، ئۇلار (تەۋراتنىڭ) سۆزلىرىنى جايلىرىدىن ئۆزگەرتىۋېتىدۇ (يەنى اﷲ نىڭ ئەھكاملىرىنى باشقىلارغا ئالماشتۇرۇۋېتىدۇ). ئۇلار: «ئەگەر سىلەرگە بۇ (ھۆكۈم) بېرىلسە، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار، ئەگەر ئۇ بېرىلمىسە قوبۇل قىلماڭلار» دەيدۇ، اﷲ بىركىمنىڭ گۇمراھلىقىنى ئىرادە قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن اﷲ قا قارشى قولۇڭدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ (يەنى ھېچ ئادەم ئۇنىڭدىن گۇمراھلىقنى دەپئى قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ). دىللىرىنى (قىلمىشى قەبىھ بولغانلىقتىن كۇفرىدىن) پاك قىلىشنى اﷲ خالىمىغان كىشىلەر ئەنە شۇلاردۇر، ئۇلار دۇنيادا رەسۋالىققا، ئاخىرەتتە چوڭ ئازابقا قالىدۇ |
|
711 | 5 | 42 | سماعون للكذب أكالون للسحت فإن جاءوك فاحكم بينهم أو أعرض عنهم وإن تعرض عنهم فلن يضروك شيئا وإن حكمت فاحكم بينهم بالقسط إن الله يحب المقسطين |
| | | ئۇلار يالغانغا قۇلاق سالغۇچىلاردۇر، (پارا ۋە جازانىغا ئوخشاش) ھارامنى يېگۈچىلەردۇر. (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار سېنىڭ ئالدىڭغا (دەۋالىشىپ كەلسە)، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىپ قويساڭ، ياكى ئۇنى رەت قىلساڭ بولىدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ياكى ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈش سېنىڭ ئىختىيارىڭ)، ئەگەر ئۇلارنى رەت قىلساڭ، ئۇلار ساڭا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ (چۈنكى اﷲ سېنى كىشىلەرنىڭ شەررىدىن ساقلايدۇ)، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلساڭ، ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، اﷲ ھەقىقەتەن ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ |
|
712 | 5 | 43 | وكيف يحكمونك وعندهم التوراة فيها حكم الله ثم يتولون من بعد ذلك وما أولئك بالمؤمنين |
| | | ئۇلارنىڭ يېنىدا اﷲ نىڭ ھۆكمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەۋرات تۇرسا (يەنى تەۋراتتىكى ھۆكۈملەرنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئەمەل قىلمايۋاتسا)، (ئى مۇھەممەد) قانداقچە سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلىدۇ؟ ئاندىن كېيىن (يەنى ھەقىقەت ئاشكارا بولغاندىن كېيىن) سېنىڭ ھۆكمىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ، ئەنە شۇلار (تەۋراتقىمۇ، ساڭىمۇ) ئىشەنمىگۈچىلەردۇر |
|
713 | 5 | 44 | إنا أنزلنا التوراة فيها هدى ونور يحكم بها النبيون الذين أسلموا للذين هادوا والربانيون والأحبار بما استحفظوا من كتاب الله وكانوا عليه شهداء فلا تخشوا الناس واخشون ولا تشتروا بآياتي ثمنا قليلا ومن لم يحكم بما أنزل الله فأولئك هم الكافرون |
| | | بىز ھەقىقەتەن (مۇساغا) تەۋراتنى نازىل قىلدۇق، تەۋراتتا (توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان) ھىدايەت ۋە نۇر بار، (اﷲ نىڭ ھۆكمىگە) بويسۇنغان پەيغەمبەرلەر يەھۇدىيلار ئارىسىدا (تەۋرات بىلەن) ھۆكۈم قىلىدۇ، (يەھۇدىيلارنىڭ) زاھىتلىرى ۋە ئۆلىمالىرىمۇ (ئۆزگەرتىشتىن) ساقلاشقا بۇيرۇلغان كىتابۇللاھ (يەنى تەۋرات) بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ، ئۇلار تەۋراتنى (ئۆزگەرتىشتىن ساقلاشقا) نازارەتچى ئىدى. (ئى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆلىمالىرى!) كىشىلەردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار. مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ئاز پۇلغا تېگىشمەڭلار (يەنى پۇل - مال، مەنسەپ ۋە پارا ئۈچۈن ئايەتلىرىمنىڭ ھۆكمىنى ئۆزگەرتىۋەتمەڭلار)، كىملەركى اﷲ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار كاپىرلاردۇر |
|
714 | 5 | 45 | وكتبنا عليهم فيها أن النفس بالنفس والعين بالعين والأنف بالأنف والأذن بالأذن والسن بالسن والجروح قصاص فمن تصدق به فهو كفارة له ومن لم يحكم بما أنزل الله فأولئك هم الظالمون |
| | | ئۇلار (يەنى ئىسرائىل ئەۋلادى) غا تەۋراتتا شۇنداق بەلگىلىدۇقكى، جانغا جان (يەنى ناھەق ئادەم ئۆلتۈرگەن ئۆلتۈرۈلىدۇ)، كۆزگە كۆز (يەنى كىشىنىڭ كۆزىنى ناھەق قۇيۇۋەتكەن ئادەمنىڭ كۆزىنى قۇيۇۋېتىلىدۇ)، بۇرۇنغا بۇرۇن (يەنى كىشىنىڭ بۇرنىنى ناھەق كەسكەننىڭ بۇرنى كېسىلىدۇ)، قۇلاققا قۇلاق (يەنى كىشىنىڭ قۇلىقىنى ناھەق كەسكەننىڭ قۇلىقى كېسىلىدۇ)، چىشقا چىش (يەنى كىشىنىڭ چىشىنى ناھەق تۆككەننىڭ چىشى تۆكۈلىدۇ) ۋە (كىشىنى) قانداق يارىدار قىلغان بولسا شۇنداق يارىدار قىلىنىش بىلەن قىساس ئېلىنىدۇ، كىمكى (جىنايەتچىنى) ئەپۇ قىلسا (يەنى ئۇنىڭدىن قىساس ئالمىسا)، بۇ ئۇنىڭ (گۇناھى) غا كەففارەت بولىدۇ، اﷲ نازىل قىلغان بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىغان كىشىلەر زالىملاردۇر |
|
715 | 5 | 46 | وقفينا على آثارهم بعيسى ابن مريم مصدقا لما بين يديه من التوراة وآتيناه الإنجيل فيه هدى ونور ومصدقا لما بين يديه من التوراة وهدى وموعظة للمتقين |
| | | ئۇلارنىڭ (يەنى بەنى ئىسرائىل پەيغەمبەرلىرىنىڭ) ئارقىسىدىن ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتنى (يەنى ئۇنىڭ اﷲ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقىنى) ئېتىراپ قىلغۇچى ئىسا ئىبن مەريەمنى ئەۋەتتۇق، ئۇنىڭغا ھىدايەت بىلەن نۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنجىلنى ئاتا قىلدۇق، (ئىنجىل) ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتنى ئېتىراپ قىلغۇچىدۇر (يەنى ئۇنىڭغا مۇۋاپىقتۇر)، تەقۋادارلارغا ھىدايەت ۋە پەند - نەسىھەتتۇر |
|
716 | 5 | 47 | وليحكم أهل الإنجيل بما أنزل الله فيه ومن لم يحكم بما أنزل الله فأولئك هم الفاسقون |
| | | ئەھلى ئىنجىللار (يەنى ناسارالار) اﷲ ئىنجىلدا نازىل قىلغان ئەھكاملار بويىچە ھۆكۈم قىلسۇن، اﷲ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمىغانلار پاسىقلاردۇر |
|
717 | 5 | 48 | وأنزلنا إليك الكتاب بالحق مصدقا لما بين يديه من الكتاب ومهيمنا عليه فاحكم بينهم بما أنزل الله ولا تتبع أهواءهم عما جاءك من الحق لكل جعلنا منكم شرعة ومنهاجا ولو شاء الله لجعلكم أمة واحدة ولكن ليبلوكم في ما آتاكم فاستبقوا الخيرات إلى الله مرجعكم جميعا فينبئكم بما كنتم فيه تختلفون |
| | | (ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرى (ساماۋى) كىتابلارنى ئېتىراپ قىلغۇچى ۋە ئۇلارغا شاھىت بولغۇچى ھەق كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) نازى قىلدۇق. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئارىسىدا اﷲ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئان (ئەھكامى) بويىچە ھۆكۈم قىلغىن، ساڭا كەلگەن ھەقتىن بۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن. (ئى ئۈممەتلەر!) سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلارغا بىرخىل شەرىئەت ۋە ئوچۇق يول تەيىن قىلدۇق. ئەگەر اﷲ خالىسا، ئەلۋەتتە، سىلەرنى بىر ئۈممەت قىلاتتى (يەنى پۈتۈن ئىنسانلارنى بىر دىندا قىلاتتى). لېكىن اﷲ سىلەرگە بەرگەن شەرىئەتلەر ئارىسىدا سىلەرنى سىناش ئۈچۈن (كۆپ ئۈممەت قىلىپ ئايرىدى). ياخشى ئىشلارغا ئالدىراڭلار. ھەممىڭلار اﷲ نىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەرنى (ئۇنىڭ قايسى ھەق، قايسى ناھەق ئىكەنلىكىنى) اﷲ سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ |
|
718 | 5 | 49 | وأن احكم بينهم بما أنزل الله ولا تتبع أهواءهم واحذرهم أن يفتنوك عن بعض ما أنزل الله إليك فإن تولوا فاعلم أنما يريد الله أن يصيبهم ببعض ذنوبهم وإن كثيرا من الناس لفاسقون |
| | | (ئۇلار يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) نىڭ ئارىسىدا اﷲ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئاننىڭ (ئەھكامى) بويىچە ھۆكۈم قىلغىن، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن، ئۇلارنىڭ اﷲ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئاننىڭ بىر قىسمىدىن سېنى ۋاز كەچۈرۈشىدىن ساقلانغىن. ئەگەر ئۇلار (اﷲ ساڭا نازىل قىلغان ھۆكۈمدىن) يۈز ئۆرۈسە، (ئى مۇھەممەد!) بىلگىنكى، ئۇلارنىڭ بىر قىسىم گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن اﷲ ئۇلارنى جازالاشنى ئىرادە قىلىدۇ. شەك - شۈبھىسىزكى، كىشىلەردىن نۇرغۇنى پاسىقتۇر (يەنى پەرۋەردىگارىنىڭ تائىتىدىن باش تارتىپ، ھەققە خىلاپلىق قىلىپ گۇناھقا چۆمگۈچىلەردۇر) |
|