نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
4334 | 43 | 9 | ولئن سألتهم من خلق السماوات والأرض ليقولن خلقهن العزيز العليم |
| | | ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «ئاسمانلار ۋە زېمىننى كىم ياراتتى» دەپ سورىساڭ، ئۇلار: «ئەلۋەتتە ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى (اﷲ) ياراتتى» دەيدۇ |
|
4335 | 43 | 10 | الذي جعل لكم الأرض مهدا وجعل لكم فيها سبلا لعلكم تهتدون |
| | | اﷲ سىلەر ئۈچۈن زېمىننى قارارگاھ قىلدى، (سەپەردە كۆزلىگەن يېرىڭلارغا) بېرىۋېلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە زېمىندا نۇرغۇن يوللارنى ياراتتى |
|
4336 | 43 | 11 | والذي نزل من السماء ماء بقدر فأنشرنا به بلدة ميتا كذلك تخرجون |
| | | اﷲ بۇلۇتتىن (سىلەرگە زىيان يەتكۈزمەي، پايدا يەتكۈزىدىغان) ئۆلچەمدە يامغۇر ياغدۇردى، ئۇنىڭ بىلەن بىز (گىيا ئۈنمەس قاقاس) ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈردۇق، سىلەر مۇشۇنداق (يەنى ئۆلۈك يەردىن ئۆسۈملۈك چىقىرىلغاندەك) (قەبرەڭلاردىن) چىقىرىلىسىلەر |
|
4337 | 43 | 12 | والذي خلق الأزواج كلها وجعل لكم من الفلك والأنعام ما تركبون |
| | | اﷲ پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ تۈرلىرىنى ياراتتى، سىلەرگە ئۈستىگە چىقىشىڭلار ئۈچۈن كېمە ۋە مىنىشىڭلار ئۈچۈن ھايۋان قاتارلىقلارنى ياراتتى. ئاندىن سىلەر ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چىققانلىرىڭلاردا پەرەۋردىگارىڭلارنىڭ نېمىتىنى ئەسلەپ: «بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكتۇر، بىز ئۇنىڭغا (مىنىشكە) قادىر ئەمەس ئىدۇق، بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز» دېگەيسىلەر |
|
4338 | 43 | 13 | لتستووا على ظهوره ثم تذكروا نعمة ربكم إذا استويتم عليه وتقولوا سبحان الذي سخر لنا هذا وما كنا له مقرنين |
| | | اﷲ پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ تۈرلىرىنى ياراتتى، سىلەرگە ئۈستىگە چىقىشىڭلار ئۈچۈن كېمە ۋە مىنىشىڭلار ئۈچۈن ھايۋان قاتارلىقلارنى ياراتتى. ئاندىن سىلەر ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چىققانلىرىڭلاردا پەرەۋردىگارىڭلارنىڭ نېمىتىنى ئەسلەپ: «بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكتۇر، بىز ئۇنىڭغا (مىنىشكە) قادىر ئەمەس ئىدۇق، بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز» دېگەيسىلەر |
|
4339 | 43 | 14 | وإنا إلى ربنا لمنقلبون |
| | | اﷲ پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ تۈرلىرىنى ياراتتى، سىلەرگە ئۈستىگە چىقىشىڭلار ئۈچۈن كېمە ۋە مىنىشىڭلار ئۈچۈن ھايۋان قاتارلىقلارنى ياراتتى. ئاندىن سىلەر ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چىققانلىرىڭلاردا پەرەۋردىگارىڭلارنىڭ نېمىتىنى ئەسلەپ: «بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكتۇر، بىز ئۇنىڭغا (مىنىشكە) قادىر ئەمەس ئىدۇق، بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز» دېگەيسىلەر |
|
4340 | 43 | 15 | وجعلوا له من عباده جزءا إن الإنسان لكفور مبين |
| | | ئۇلار (پەرىشتىلەرنى اﷲ نىڭ قىزلىرى دېيىش بىلەن) اﷲ نىڭ بىر قىسىم بەندىلىرىنى اﷲ نىڭ بىر جۈزئىييى قىلىۋالدى. (مۇنداق دېگۈچى) ئىنسان ھەقىقەتەن اﷲ قا ئاشكارا ناشۈكۈرلۈك قىلغۇچىدۇر |
|
4341 | 43 | 16 | أم اتخذ مما يخلق بنات وأصفاكم بالبنين |
| | | اﷲ مەخلۇقاتتىن ئۆزى ئۈچۈن قىزلارنى (بالا) تۇتۇپ، سىلەرنى ئوغۇللارغا خاس قىلدىمۇ؟ |
|
4342 | 43 | 17 | وإذا بشر أحدهم بما ضرب للرحمن مثلا ظل وجهه مسودا وهو كظيم |
| | | ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرىگە مەرھەمەتلىك اﷲ قا مەسەل قىلغان نەرسە (يەنى قىز بالا) بىلەن بېشارەت بېرىلسە (يەنى خوتۇنىنىڭ قىز تۇغقانلىقى خەۋەر قىلىنسا)، قايغۇغا چۆمگەن ھالدا ئۇنىڭ يۈزى قارىداپ كېتىدۇ |
|
4343 | 43 | 18 | أومن ينشأ في الحلية وهو في الخصام غير مبين |
| | | (ئۇلار اﷲ قا) زىبۇزىننەت ئىچىدە چوڭ بولىدىغان، مۇنازىرىدە مەقسىتىنى ئوچۇق بايان قىلالمايدىغان (قىزلارنى مەنسۇپ قىلامدۇ؟) |
|