نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
3512 | 32 | 9 | ثم سواه ونفخ فيه من روحه وجعل لكم السمع والأبصار والأفئدة قليلا ما تشكرون |
| | | ئاندىن ئۇنى راۋۇرۇس يارىتىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىگە مەنسۇپ روھنى كىرگۈزدى (يەنى جاننى كىرگۈزدى). يەنە سىلەر ئۈچۈن قۇلاقلارنى، كۆزلەرنى ۋە يۈرەكلەرنى ياراتتى، سىلەر ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر |
|
3513 | 32 | 10 | وقالوا أإذا ضللنا في الأرض أإنا لفي خلق جديد بل هم بلقاء ربهم كافرون |
| | | ئۇلار: «يەر ئاستىدا يوقالغاندىن كېيىن (يەنى گۆردە توپىغا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن) راستلا قايتا يارىتىلامدۇق؟» دەيدۇ، بەلكى ئۇلار پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشنى ئىنكار قىلغۇچىلاردۇر |
|
3514 | 32 | 11 | قل يتوفاكم ملك الموت الذي وكل بكم ثم إلى ربكم ترجعون |
| | | ئېيتقىنكى، «سىلەرنىڭ (جېنىڭلارنى ئېلىشقا) مۇئەككەل قىلىنغان پەرىشتە سىلەرنىڭ جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر» |
|
3515 | 32 | 12 | ولو ترى إذ المجرمون ناكسو رءوسهم عند ربهم ربنا أبصرنا وسمعنا فارجعنا نعمل صالحا إنا موقنون |
| | | ئەگەر سەن گۇناھكارلارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىدىغان بولساڭ (ئەلۋەتتە قورقۇنچلۇق ھالەتنى كۆرگەن بولاتتىڭ)، ئۇلار ئېيتىدۇ: «پەرۋەردىگارىمىز! (ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى) كۆردۇق، ئاڭلىدۇق. بىزنى ياخشى ئەمەل قىلىش ئۈچۈن (دۇنياغا) قايتۇرغىن، بىز (ئەمدى) ھەقىقەتەن (سېنىڭ ۋەدەڭنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە) ئىشەنگۈچىلەرمىز» |
|
3516 | 32 | 13 | ولو شئنا لآتينا كل نفس هداها ولكن حق القول مني لأملأن جهنم من الجنة والناس أجمعين |
| | | ئەگەر بىز خالىساق، ھەر بىر كىشىگە ئەلۋەتتە ھىدايەت بېرەتتۇق، لېكىن مېنىڭ (گۇناھكارلارنى ئازاب قىلىشتىن ئىبارەت) ھۆكمىم بېكىپ كەتتى. مەن چوقۇم جىنلار ۋە ئىنسانلار (يەنى ئۇلارنىڭ گۇناھكارلىرى) - ھەممىسى بىلەن جەھەننەمنى تولدۇرىمەن |
|
3517 | 32 | 14 | فذوقوا بما نسيتم لقاء يومكم هذا إنا نسيناكم وذوقوا عذاب الخلد بما كنتم تعملون |
| | | (ئەھلى دوزاخقا ئېيتىلىدۇ) «مۇشۇ كۈندىكى ئۇچرىشىشىڭلارنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىڭلار ئۈچۈن (بۇ خورلىغۇچى ئازابنى) تېتىڭلار، بىز ھەقىقەتەن سىلەرنى ئۇنتۇدۇق، قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن مەڭگۈلۈك ئازابنى تېتىڭلار» |
|
3518 | 32 | 15 | إنما يؤمن بآياتنا الذين إذا ذكروا بها خروا سجدا وسبحوا بحمد ربهم وهم لا يستكبرون |
| | | بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ھەقىقەتەن شۇنداق كىشىلەر ئىمان ئېيتىدۇكى، ئۇلارغا شۇ ئايەتلەر بىلەن ۋەز - نەسىھەت قىلىنسا (اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئۇلۇغلاش يۈزىسىدىن اﷲ قا) سەجدە قىلغان ھالدا يىقىلىدۇ، پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ، ھەمدۇ ئېيتىدۇ. ئۇلار (پەرۋەردىگارىنىڭ تائەت - ئىبادىتىدىن) چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتمايدۇ |
|
3519 | 32 | 16 | تتجافى جنوبهم عن المضاجع يدعون ربهم خوفا وطمعا ومما رزقناهم ينفقون |
| | | ئۇلارنىڭ يانلىرى ئورۇن - كۆرپىدىن يىراق بولىدۇ (يەنى ئۇلار كېچىسى ئىبادەت قىلىپ ئاز ئۇخلايدۇ)، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ (ئازابىدىن) قورقۇپ، (رەھمىتىنى) ئۈمىد قىلىپ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدۇ، ئۇلارغا بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدۇ |
|
3520 | 32 | 17 | فلا تعلم نفس ما أخفي لهم من قرة أعين جزاء بما كانوا يعملون |
| | | ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن اﷲ نىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نېمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ |
|
3521 | 32 | 18 | أفمن كان مؤمنا كمن كان فاسقا لا يستوون |
| | | مۆمىن ئادەم پاسىق ئادەمگە ئوخشامدۇ؟ ئۇلار (ئاخىرەتلىك ساۋابتا) باراۋەر ئەمەس |
|