نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
2910 | 25 | 55 | ويعبدون من دون الله ما لا ينفعهم ولا يضرهم وكان الكافر على ربه ظهيرا |
| | | ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) اﷲ نى قويۇپ ئۇلارغا پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان، زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ، كاپىر پەرۋەردىگارىغا ئاسىيلىق قىلىش بىلەن (شەيتانغا) ياردەم بەرگۈچىدۇر |
|
2911 | 25 | 56 | وما أرسلناك إلا مبشرا ونذيرا |
| | | سېنى پەقەت (جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگۈچى، (دوزاختىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق |
|
2912 | 25 | 57 | قل ما أسألكم عليه من أجر إلا من شاء أن يتخذ إلى ربه سبيلا |
| | | ئېيتقىنكى، «مەن (اﷲ نىڭ ئەمرىنى) تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچ ھەق تەلەپ قىلمايمەن، پەقەت (مېنىڭ تىلەيدىغىنىم شۇكى، مېنىڭ دىنىمغا ئەگىشىش بىلەن (پەرۋەردىگارى تەرەپكە يول ئېلىشنى خالايدىغانلار) يول ئالسۇن)» |
|
2913 | 25 | 58 | وتوكل على الحي الذي لا يموت وسبح بحمده وكفى به بذنوب عباده خبيرا |
| | | (ھەممە ئىشىڭدا) ئۆلمەيدىغان مەڭگۈ ھايات اﷲ قا يۆلەنگىن، ئۇنىڭغا ھەمد ئېيتىش بىلەن اﷲ نى پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن، ئۇ بەندىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى تولۇق بىلىشتە يېتەرلىكتۇر |
|
2914 | 25 | 59 | الذي خلق السماوات والأرض وما بينهما في ستة أيام ثم استوى على العرش الرحمن فاسأل به خبيرا |
| | | اﷲ ئاسمانلارنى زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتى، ئاندىن ئەرش ئۈستىدە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) قارار ئالدى، اﷲ ناھايىتى مەرھەمەتلىكتۇر، بۇنى (يەنى اﷲ نىڭ بۈيۈكلۈكىنى) بىلىدىغان ئادەمدىن سورىغىن (ساڭا اﷲ نىڭ سۈپەتلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ) |
|
2915 | 25 | 60 | وإذا قيل لهم اسجدوا للرحمن قالوا وما الرحمن أنسجد لما تأمرنا وزادهم نفورا |
| | | ئۇلارغا (يەنى مۇشرىكلارغا): «رەھمانغا (يەنى مەرھەمەتلىك اﷲ قا) سەجدە قىلىڭلار!» دېيىلسە، ئۇلار: «رەھمان دېگەن نېمە؟ سەن بىزنى بۇيرۇغان نەرسىگە سەجدە قىلامدۇق؟» دەيدۇ. بۇ سۆز ئۇلارنى (ئىماندىن) تېخىمۇ يىراقلاشتۇرىدۇ |
|
2916 | 25 | 61 | تبارك الذي جعل في السماء بروجا وجعل فيها سراجا وقمرا منيرا |
| | | ئاسماندا بۇرۇجلەرنى، يېنىپ تۇرىدىغان چىراقنى (يەنى كۈننى) ۋە نۇرلۇق ئاينى ياراتقان اﷲ نىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر |
|
2917 | 25 | 62 | وهو الذي جعل الليل والنهار خلفة لمن أراد أن يذكر أو أراد شكورا |
| | | اﷲ (ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنى) ئەسلىمەكچى بولغانلار ياكى (ئۆزىنىڭ نېمىتىگە) شۈكۈر قىلماقچى بولغانلار ئۈچۈن كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئالمىشىپ تۇرىدىغان قىلىپ بەردى |
|
2918 | 25 | 63 | وعباد الرحمن الذين يمشون على الأرض هونا وإذا خاطبهم الجاهلون قالوا سلاما |
| | | مەرھەمەتلىك اﷲ نىڭ (ياخشى كۆرىدىغان) بەندىلىرى زېمىندا ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتۇپ تەمكىنلىك بىلەن ماڭىدۇ، نادانلار ئۇلارغا (ياقتۇرمايدىغان) سۆز قىلسا، ئۇلار: «سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز» دەيدۇ (يەنى گۇناھ بولمايدىغان سۆزلەرنى قىلىدۇ) |
|
2919 | 25 | 64 | والذين يبيتون لربهم سجدا وقياما |
| | | ئۇلار كېچىلەرنى پەرۋەردىگارىغا سەجدە قىلىش ۋە قىيامدا تۇرۇش بىلەن) يەنى ناماز ئوقۇش بىلەن) ئۆتكۈزىدۇ |
|