نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
2558 | 21 | 75 | وأدخلناه في رحمتنا إنه من الصالحين |
| | | بىز ئۇنى رەھمىتىمىز دائىرىسىگە كىرگۈزدۇق، ئۇ ھەقىقەتەن ياخشىلاردىن ئىدى |
|
2559 | 21 | 76 | ونوحا إذ نادى من قبل فاستجبنا له فنجيناه وأهله من الكرب العظيم |
| | | نۇھنىڭ (قىسسىسىنى بايان قىلغىن). ئۆز ۋاقتىدا ئۇ (مەزكۇر پەيغەمبەرلەردىن) بۇرۇن (قەۋمىگە، پەرۋەردىگارىم يەر يۈزىدە كۇففارلاردىن بىرنىمۇ قويمىغىن، دەپ بەتدۇئا قىلغان ئىدى)، بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى (ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنى) بۈيۈك بالادىن (يەنى توپان بالاسىدا غەرق بولۇشتىن) قۇتقۇزدۇق (يەنى نۇھنى قەۋمىنىڭ شەررىدىن قۇتقۇزۇپ، ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق) |
|
2560 | 21 | 77 | ونصرناه من القوم الذين كذبوا بآياتنا إنهم كانوا قوم سوء فأغرقناهم أجمعين |
| | | بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان قەۋمگە قارشى ئۇنىڭغا ياردەم بەردۇق، ئۇلار ھەقىقەتەن يامان قەۋم ئىدى. ئۇلارنىڭ (بىرنىمۇ قويماي) ھەممىسىنى غەرق قىلدۇق |
|
2561 | 21 | 78 | وداوود وسليمان إذ يحكمان في الحرث إذ نفشت فيه غنم القوم وكنا لحكمهم شاهدين |
| | | داۋۇت بىلەن سۇلايماننىڭ (قىسسىسىنى بايان قىلغىن). ئۆز ۋاقتىدا بىر قەۋمنىڭ قويى كېچىسى زىرائەتنى يەپ (بۇزۇۋەتكەندە)، ئۇ ئىككىسى زىرائەت توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ھۆكمىگە بىز شاھىت ئىدۇق |
|
2562 | 21 | 79 | ففهمناها سليمان وكلا آتينا حكما وعلما وسخرنا مع داوود الجبال يسبحن والطير وكنا فاعلين |
| | | قانداق ھۆكۈم قىلىشنى بىز سۇلايمانغا بىلدۈردۇق، تەسبىھ ئېيتىشقا مۇسەخخەر قىلدۇق، (شۇنداق قىلىشقا) بىز قادىر ئىدۇق |
|
2563 | 21 | 80 | وعلمناه صنعة لبوس لكم لتحصنكم من بأسكم فهل أنتم شاكرون |
| | | جەڭلەردە سىلەرنى (يارىدار بولۇشتىن) ساقلاش مەقسىتىدە، داۋۇدقا سىلەر ئۈچۈن ساۋۇت ياساشنى ئۆگەتتۇق، سىلەر (بۇنىڭغا) شۈكۈر قىلامسىلەر؟ (يەنى شۈكۈر قىلىڭلار ۋە نېمەتنىڭ قەدرىنى بىلىڭلار) |
|
2564 | 21 | 81 | ولسليمان الريح عاصفة تجري بأمره إلى الأرض التي باركنا فيها وكنا بكل شيء عالمين |
| | | سۇلايمانغا قاتتىق چىقىدىغان شامالنى مۇسەخخەر قىلىپ بەردۇق، شامال سۇلايماننىڭ ئەمرى بويىچە، بىز بەرىكەتلىك قىلغان زېمىنغا (يەنى شامغا) باراتتى، بىز ھەممىنى بىلگۈچىمىز |
|
2565 | 21 | 82 | ومن الشياطين من يغوصون له ويعملون عملا دون ذلك وكنا لهم حافظين |
| | | سۇلايمانغا يەنە بىر قىسىم شەيتانلارنى مۇسەخخەر قىلىپ بەردۇق، ئۇلار دېڭىزلاردا چۆكۈپ ئۇنىڭغا ئۈنچە - مارجان (گۆھەرلەرنى سۈزۈپ چىقاتتى)، ئۇلار يەنە (شەھەرلەرنى، ئېگىز سارايلارنى سېلىشتەك) باشقا ئىشلارنىمۇ قىلاتتى، بىز ئۇلارنى (سۇلايماننىڭ ئىتائىتىدىن چىقىشتىن) ساقلايتتۇق |
|
2566 | 21 | 83 | وأيوب إذ نادى ربه أني مسني الضر وأنت أرحم الراحمين |
| | | (ئەييۇبنىڭ قسسسىنى بايان قىلغىن). ئۆز ۋاقتىدا ئۇ پەرۋەردىگارىغا: «ھەقىقەتەن مېنى بال (يەنى قاتتىق كېسەل) ئورىۋالدى، سەن ئەڭ مەرھەمەتلىكسەن» دەپ دۇئا قىلدى |
|
2567 | 21 | 84 | فاستجبنا له فكشفنا ما به من ضر وآتيناه أهله ومثلهم معهم رحمة من عندنا وذكرى للعابدين |
| | | ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن بالانى كۆتۈرۈۋەتتۇق، ئۇنىڭغا رەھىم قىلغانلىقىمىز، ئىبادەت قىلغۇچىلارغا ئىبرەت قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئائىلىسىنى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر باراۋەرنى زىيادە ئاتا قىلدۇق (يەنى ئۇنىڭ ئۆلگەن بالىلىرىنىڭ ۋە يوقالغان ماللىرىنىڭ ئورنىغا بىر ھەسسە كۆپ بالا، بىر ھەسسە كۆپ مال بەردۇق) |
|