نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
1722 | 13 | 15 | ولله يسجد من في السماوات والأرض طوعا وكرها وظلالهم بالغدو والآصال |
| | | ئاسمانلاردىكىلەر ۋە زېمىندىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر، ئىنسانلار ۋە جىنلار) ئىختىيارى ۋە مەجبۇرى يوسۇندا اﷲ قا بويسۇنىدۇ، ئەتىگەن – ئاخشامدا (يەنى داۋاملىق تۈردە) ئۇلارنىڭ سايىلىرىمۇ بويسۇنىدۇ |
|
1723 | 13 | 16 | قل من رب السماوات والأرض قل الله قل أفاتخذتم من دونه أولياء لا يملكون لأنفسهم نفعا ولا ضرا قل هل يستوي الأعمى والبصير أم هل تستوي الظلمات والنور أم جعلوا لله شركاء خلقوا كخلقه فتشابه الخلق عليهم قل الله خالق كل شيء وهو الواحد القهار |
| | | (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارنى مات قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا) «ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى كىم؟» دېگىن، «(ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى) اﷲ» دېگىن. (ئۇلارغا) «سىلەر اﷲ نى قويۇپ ئۆزۈڭلارغا پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان مەبۇدلارنى (اﷲ قا شېرىك) قىلىۋالدىڭلارمۇ؟» دېگىن؟ «كۆر (يەنى كاپىر) بىلەن كۆزى كۆرۈدىغان ئادەم (يەنى مۆمىن) باراۋەر بولامدۇ؟ ياكى قاراڭغۇلۇق (يەنى گۇمراھلىق) بىلەن نۇر (يەنى ھىدايەت) باراۋەر بولامدۇ؟» دېگىن، ئۇلار اﷲ ياراتقانغا ئوخشاش قانداقتۇر مەخلۇقاتلارنى ياراتقان مەبۇدلارنى پۈتۈن مەخلۇقاتنى ياراتقان اﷲ قا شېرىك قىلىۋېلىپ اﷲ نىڭ ياراتقىنى بىلەن مەبۇدلارنى پۈتۈن مەخلۇقاتنى ياراتقان اﷲ قا شېرىك قىلىۋېلىپ اﷲ نىڭ ياراتقىنى بىلەن مەبۇدلىرىنىڭ ياراتقىنىنى ئايرىيالماي قالدىمۇ؟ اﷲ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، اﷲ بىر دۇر، ھەممىگە غالىبتۇر |
|
1724 | 13 | 17 | أنزل من السماء ماء فسالت أودية بقدرها فاحتمل السيل زبدا رابيا ومما يوقدون عليه في النار ابتغاء حلية أو متاع زبد مثله كذلك يضرب الله الحق والباطل فأما الزبد فيذهب جفاء وأما ما ينفع الناس فيمكث في الأرض كذلك يضرب الله الأمثال |
| | | اﷲ ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇردى، (يامغۇر سۈيى) جىلغىلاردا لىپمۇ لىق ئاقتى، كەلكۈن سۇ ئۆزىنىڭ ئۈستىدە كۆپۈكلەرنى لەيلىتىپ ئاقتى، كىشىلەرنىڭ زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ، ياكى ئەسۋاب ياساش ئۈچۈن ئوتقا سېلىپ ئېرىتكەن مەدەنلەرنىڭمۇ (يەنى كۆپۈكمۇ خۇددى كەلكۈن سۇنىڭ كۆپۈكىگە ئوخشاش پايدىسىزدۇر). اﷲ ھەق بىلەن باتىلنى بۇ مىسال بىلەن ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ، كۆپۈك بولسا ئېقىپ تۈگەيدۇ، ئىنسانلارغا پايدىلىق نەرسە زېمىندا قېلىپ قالىدۇ، اﷲ مىساللارنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ |
|
1725 | 13 | 18 | للذين استجابوا لربهم الحسنى والذين لم يستجيبوا له لو أن لهم ما في الأرض جميعا ومثله معه لافتدوا به أولئك لهم سوء الحساب ومأواهم جهنم وبئس المهاد |
| | | اﷲ نىڭ (ئىمان غا قىلغان دەۋىتىنى) قوبۇل قىلغانلارغا ئەڭ ئوبدان مۇكاپات بېرىلىدۇ، قوبۇل قىلمىغانلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا يەر يۈزىدىكى پۈتۈن مال - مۈلۈك، يەنە شۇنىڭدەك بىر ھەسسە كېلىدىغان مال - مۈلۈك بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە اﷲ نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن)، ئەلۋەتتە، ئۇنى پىدا قىلغان بولاتتى. ئۇلاردىن قاتتىق ھېساب ئېلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى دوزاخ بولىدۇ، (دوزاخ) نېمىدېگەن يامان جاي! |
|
1726 | 13 | 19 | أفمن يعلم أنما أنزل إليك من ربك الحق كمن هو أعمى إنما يتذكر أولو الألباب |
| | | (ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان نەرسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ئادەم (ھەقنى كۆرمەيدىغان دىلى) كور ئادەم بىلەن ئوخشاش بولامدۇ؟ (اﷲ نىڭ ئايەتلىرىدىن) پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا پەند - نەسىھەت ئالىدۇ |
|
1727 | 13 | 20 | الذين يوفون بعهد الله ولا ينقضون الميثاق |
| | | ئۇلار اﷲ نىڭ ئەھدىگە (يەنى اﷲ تاپشۇرغان ئىشلارغا) ۋاپا قىلىدۇ، بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزمايدۇ |
|
1728 | 13 | 21 | والذين يصلون ما أمر الله به أن يوصل ويخشون ربهم ويخافون سوء الحساب |
| | | ئۇلار اﷲ نىڭ (خىش - ئەقرىبالارغا) سىلە - رەھىم قىلىشتىن ئىبارەت ئەمرىنى بەجا كەلتۈرىدۇ، اﷲ تىن قورقىدۇ، قاتتىق ھېساب ئېلىنىشىدىن قورقىدۇ |
|
1729 | 13 | 22 | والذين صبروا ابتغاء وجه ربهم وأقاموا الصلاة وأنفقوا مما رزقناهم سرا وعلانية ويدرءون بالحسنة السيئة أولئك لهم عقبى الدار |
| | | پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ (يەتكەن كۈلپەتلەرگە) سەۋر قىلغانلار، (پەرز) نامازنى ئادا قىلغانلار، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن مال - مۈلۈكتىن (اﷲ يولىدا) يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا سەرپ قىلغانلار ۋە ياخشىلىقى ئارقىلىق يامانلىقىنى دەپئى قىلىدىغانلار (يەنى بىلمەستىن يامان ئىش قىلىپ قالسا، ئارقىدىن ياخشى ئىش قىلىدىغانلار، يامانلىق قىلغۇچىلارغا كەڭ قورساق بولۇپ، ياخشى مۇناسىۋەتتە بولىدىغانلار) - ئەنە شۇلارنىڭ ئاخىرەتلىكى ياخشى بولىدۇ |
|
1730 | 13 | 23 | جنات عدن يدخلونها ومن صلح من آبائهم وأزواجهم وذرياتهم والملائكة يدخلون عليهم من كل باب |
| | | ئۇلار مەڭگۈ تۇرىدىغان جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاتىلىرى، خوتۇنلىرى ۋە ئەۋلادىنىڭ ئىچىدىكى ياخشىلىقلارمۇ جەننەتكە كىرىدۇ. پەرىشتىلەر ئۇلارنى (مۇبارەكلەش ئۈچۈن جەننەتنىڭ) ھەربىر دەرۋازىسىدىن كىرىدۇ |
|
1731 | 13 | 24 | سلام عليكم بما صبرتم فنعم عقبى الدار |
| | | (پەرىشتىلەر ئۇ دۇنيادا) «سەۋرىنى دوست تۇتقانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن! ئاخىرەتلىكنىڭ ياخشى بولۇشى نېمىدېگەن ئوبدان!» دەيدۇ |
|