نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
1381 | 10 | 17 | فمن أظلم ممن افترى على الله كذبا أو كذب بآياته إنه لا يفلح المجرمون |
| | | اﷲ قا يالغاننى چاپلىغان ياكى اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ گۇناھكارلار ھەرگىز بەختكە ئېرىشەلمەيدۇ |
|
1382 | 10 | 18 | ويعبدون من دون الله ما لا يضرهم ولا ينفعهم ويقولون هؤلاء شفعاؤنا عند الله قل أتنبئون الله بما لا يعلم في السماوات ولا في الأرض سبحانه وتعالى عما يشركون |
| | | ئۇلار اﷲ نى قويۇپ، ئۆزلىرىگە پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ، «بۇلار (يەنى بۇتلار) اﷲ نىڭ دەرگاھىدا بىزگە شاپائەت قىلغۇچىلار» دېيىشىدۇ، ئەجەبا، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا بۇنداق نەرسە (يەنى اﷲ نىڭ شېرىكى ياكى شاپائەت قىلغۇچى) بولۇپ، ئۇنى اﷲ بىلمەي قېلىپ، سىلەر اﷲ قا ئۇنى ئېيتىپ بېرەمسىلەر؟ اﷲ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە يۈكسەكتۇر |
|
1383 | 10 | 19 | وما كان الناس إلا أمة واحدة فاختلفوا ولولا كلمة سبقت من ربك لقضي بينهم فيما فيه يختلفون |
| | | ئىنسانلار (ئەسلىدە) بىر دىن (يەنى ئىسلام دىنى) دا ئىدى. كېيىن ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشتى (يەنى دىنلار كۆپەيدى، بۇتلارغا چوقۇنۇشتى). پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئالدىنئالا ئېيتقان سۆزى (يەنى جازالاشنى قىيامەتكە قالدۇرۇشتىن ئىبارەت تەقدىرى) بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىلاتتى (يەنى دىندا ئىختىلاپ قىلىشقانلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا بۇ دۇنيادىلا جازا بېرىلەتتى) |
|
1384 | 10 | 20 | ويقولون لولا أنزل عليه آية من ربه فقل إنما الغيب لله فانتظروا إني معكم من المنتظرين |
| | | ئۇلار (يەنى ئەھلى مەككە): «نېمىشقا ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن (بىز تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەردىن) بىر مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «غەيبنى بىلىش پەقەت اﷲ قا خاس (مۆجىزىلەرنى اﷲ كەلتۈرىدۇ، مەن پەقەت تەبلىغ قىلغۇچىمەن)، سىلەر (اﷲ نىڭ ئارىمىزدا ھۆكۈم چىقىرىشنى) كۈتۈڭلار، شۈبھىسىزكى، مەنمۇ سىلەر بىلەن (شۇنى) كۈتكۈچىلەردىنمەن» |
|
1385 | 10 | 21 | وإذا أذقنا الناس رحمة من بعد ضراء مستهم إذا لهم مكر في آياتنا قل الله أسرع مكرا إن رسلنا يكتبون ما تمكرون |
| | | كىشىلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن زىيان - زەخمەتنى كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۇلارغا رەھمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئۈستىدە مىكىر ئىشلىتىشكە (يەنى ئىنكار قىلىشقا) ئالدىرايدۇ. ئېيتقىنكى، «اﷲ ئۇلارنى قىلغان مىكرى ئۈچۈن ئەڭ تېز جازالايدۇ». شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز مىكرىڭلارنى يېزىپ تۇرىدۇ |
|
1386 | 10 | 22 | هو الذي يسيركم في البر والبحر حتى إذا كنتم في الفلك وجرين بهم بريح طيبة وفرحوا بها جاءتها ريح عاصف وجاءهم الموج من كل مكان وظنوا أنهم أحيط بهم دعوا الله مخلصين له الدين لئن أنجيتنا من هذه لنكونن من الشاكرين |
| | | اﷲ سىلەرنى قۇرۇقلۇقتا (يەنى ئۇلاغلار ئۈستىدە)، دېڭىزدا (يەنى كېمىلەر ئۈستىدە) سەپەر قىلدۇرىدۇ، سىلەر ئولتۇرغان كېمە (كىشىلەرنى ئېلىپ) مەيىن شامالدا مېڭىۋاتقان ۋە (بۇ) شامالدىن ئۇلار خۇشاللىنىۋاتقان چاغدا، بىردىنلا بوران چىقىپ (كېمە ئۆرۈلىدۇ)، ئۇلار تەرەپ - تەرەپتىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان دېڭىز دولقۇنلىرى ئىچىدە قالىدۇ، كېمىدىكىلەر قورشىۋېلىنغانلىقىغا (يەنى ھالاك بولىدىغانلىقىغا) جەزم قىلىدۇ، (چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىنى تاشلاپ قويۇپ) «ئى خۇدا! ئەگەر سەن بىزنى بۇنىڭدىن (يەنى بالادىن) قۇتۇلدۇرساڭ، بىز چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز» دەپ چىن كۆڭلى بىلەن دۇئا قىلىدۇ |
|
1387 | 10 | 23 | فلما أنجاهم إذا هم يبغون في الأرض بغير الحق يا أيها الناس إنما بغيكم على أنفسكم متاع الحياة الدنيا ثم إلينا مرجعكم فننبئكم بما كنتم تعملون |
| | | اﷲ ئۇلارنى (ئۇ بالادىن) قۇتقۇزغاندىن كېيىن، ئۇلار يەر يۈزىدە يولسىزلىق بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ. ئى ئىنسانلار! بۇزۇقچىلىقىڭلارنىڭ گۇناھى ئۆزۈڭلارغا بولىدۇ، (سىلەر) بۇ دۇنيا (نىڭ باقاسى يوق شەھۋەتلىرى) دىن بەھرىمەن بولىسىلەر (بۇنىڭ ھەسرىتى ئاخىرەتكە قالىدۇ)، ئاندىن سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىسىلەر، سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى خەۋەر قىلىمىز |
|
1388 | 10 | 24 | إنما مثل الحياة الدنيا كماء أنزلناه من السماء فاختلط به نبات الأرض مما يأكل الناس والأنعام حتى إذا أخذت الأرض زخرفها وازينت وظن أهلها أنهم قادرون عليها أتاها أمرنا ليلا أو نهارا فجعلناها حصيدا كأن لم تغن بالأمس كذلك نفصل الآيات لقوم يتفكرون |
| | | ھاياتىي دۇنيانىڭ مىسالى (تېز ئۆزگۈرۈشىدە، نېمەتلىرىنىڭ باقاسىزلىقىدا، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن مەغرۇر بولۇشىدا) بىز ئاسماندىن چۈشۈرگەن (يامغۇر) سۈيىگە ئوخشايدۇكى، ئۇنىڭ بىلەن زېمىننىڭ ئىنسانلار، ھايۋانلار يەيدىغان تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلىرى (ئۈنۈپ چىقىپ) بىر - بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن، ھەتتا زېمىن گۈزەل تۈسكە كىرگەن، چىرايلىق ياسانغان، زېمىن ئىگىلىرى ئۇنىڭدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا جەزم قىلىپ تۇرغان چاغدا، ناگاھان كېچىسى ياكى كۈندۈزى ئۇنىڭغا قازايىمىز يەتتى - دە، (زىرائەتلەرنى) تۈنۈگۈن (يەنى ئىلگىرى) يوقتەك، (پۈتۈنلەي) ئۇرۇپ تاشلانغاندەك قىلىۋەتتۇق (يەنى نابۇت قىلىپ، يوق قىلدۇق)، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز |
|
1389 | 10 | 25 | والله يدعو إلى دار السلام ويهدي من يشاء إلى صراط مستقيم |
| | | اﷲ (كىشىلەرنى) ئامان جايغا (يەنى جەننەتكە) دەۋەت قىلىدۇ ۋە خالىغان ئادەمنى توغرا يولغا باشلايدۇ |
|
1390 | 10 | 26 | للذين أحسنوا الحسنى وزيادة ولا يرهق وجوههم قتر ولا ذلة أولئك أصحاب الجنة هم فيها خالدون |
| | | ياخشى ئىش قىلغانلار جەننەتكە ۋە اﷲ نىڭ جامالىنى كۆرۈشكە نائىل بولىدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى قارىلىق ۋە خارلىق قاپلىمايدۇ (يەنى ئۇلارغا غەم - قايغۇ ۋە پەرىشانلىق يۈزلەنمەيدۇ). ئەنە شۇلار ئەھلى جەننەت بولۇپ، جەننەتتە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر |
|