نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
4600 | 48 | 17 | ليس على الأعمى حرج ولا على الأعرج حرج ولا على المريض حرج ومن يطع الله ورسوله يدخله جنات تجري من تحتها الأنهار ومن يتول يعذبه عذابا أليما |
| | | (جىھادقا چىقمىسا) ئەماغا گۇناھ بولمايدۇ، توكۇرغىمۇ گۇناھ بولمايدۇ، كېسەلگىمۇ گۇناھ بولمايدۇ، كىمكى اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇنى اﷲ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، كىمكى (ئۆزرىسىز جىھادتىن) باش تارتىدىكەن، اﷲ ئۇنى (دۇنيادا خورلۇق بىلەن، ئاخرەتتە ئوت بىلەن) قاتتىق ئازابلايدۇ |
|
4601 | 48 | 18 | لقد رضي الله عن المؤمنين إذ يبايعونك تحت الشجرة فعلم ما في قلوبهم فأنزل السكينة عليهم وأثابهم فتحا قريبا |
| | | اﷲ مۆمىنلەردىن ھەقىقەتەن رازى بولدى، (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (ھۇدەيبىيىدە) دەرەخ (سايىسى) ئاستىدا ساڭا بەيئەت قىلدى. اﷲ ئۇلارنىڭ دىلىدىكىنى (يەنى راستلىق بىلەن ۋاپانى) بىلىدۇ، اﷲ ئۇلارغا (ئۇلار بەيئەت قىلىۋاتقاندا) تەمكىنلىك چۈشۈرۈپ بەردى ۋە ئۇلارنى يېقىن غەلىبە (يەنى خەيبەرنىڭ پەتھى قىلىنىشى) بىلەن ۋە ئۇلار ئالىدىغان نۇرغۇن غەنىمەتلەر بىلەن مۇكاپاتلىدى. اﷲ غالىپتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر |
|
4602 | 48 | 19 | ومغانم كثيرة يأخذونها وكان الله عزيزا حكيما |
| | | اﷲ مۆمىنلەردىن ھەقىقەتەن رازى بولدى، (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (ھۇدەيبىيىدە) دەرەخ (سايىسى) ئاستىدا ساڭا بەيئەت قىلدى. اﷲ ئۇلارنىڭ دىلىدىكىنى (يەنى راستلىق بىلەن ۋاپانى) بىلىدۇ، اﷲ ئۇلارغا (ئۇلار بەيئەت قىلىۋاتقاندا) تەمكىنلىك چۈشۈرۈپ بەردى ۋە ئۇلارنى يېقىن غەلىبە (يەنى خەيبەرنىڭ پەتھى قىلىنىشى) بىلەن ۋە ئۇلار ئالىدىغان نۇرغۇن غەنىمەتلەر بىلەن مۇكاپاتلىدى. اﷲ غالىپتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر |
|
4603 | 48 | 20 | وعدكم الله مغانم كثيرة تأخذونها فعجل لكم هذه وكف أيدي الناس عنكم ولتكون آية للمؤمنين ويهديكم صراطا مستقيما |
| | | اﷲ سىلەر ئالىدىغان نۇرغۇن غەنىمەتلەرنى سىلەرگە ۋەدە قىلدى، بۇنى (يەنى خەيبەرنىڭ غەنىمىتىنى) ھەممىدىن بۇرۇن ئاتا قىلدى، سىلەرنى دۈشمەنلەرنىڭ قول سېلىشىدىن ساقلىدى، (غەنىمەتلەر، مەككىنىڭ پەتھى قىلىنىشى، مەسجىدى ھەرەمغا كىرىش) مۆمىنلەرگە نىشان بولۇپ قېلىشى ئۈچۈن ۋە سىلەرنى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن (اﷲ شۇنداق قىلدى) |
|
4604 | 48 | 21 | وأخرى لم تقدروا عليها قد أحاط الله بها وكان الله على كل شيء قديرا |
| | | اﷲ يەنە ئۆز كۈچۈڭلار بىلەن قولغا كەلتۈرەلمەيدىغان، اﷲ (ئۇنىڭ سىلەرگە مۇيەسسەر بولىدىغانلىقىنى) تولۇق بىلگەن بىر غەنىمەت (يەنى مەككىنىڭ پەتھى قىلىنىشى) نى (سىلەرگە مۇيەسسەر قىلدى). اﷲ ھەر نەرسىگە قادىردۇر |
|
4605 | 48 | 22 | ولو قاتلكم الذين كفروا لولوا الأدبار ثم لا يجدون وليا ولا نصيرا |
| | | ئەگەر كاپىرلار سىلەر بىلەن (ھۇدەيبىيىدە) ئۇرۇشسا، ئەلۋەتتە، ئارقىسىغا قاراپ قاچاتتى، ئاندىن (ئۆزلىرىگە) ھېچ ئىگە ۋە ياردەمچى تاپالمايتتى |
|
4606 | 48 | 23 | سنة الله التي قد خلت من قبل ولن تجد لسنة الله تبديلا |
| | | بۇ (يەنى كاپىرلارنى مەغلۇپ قىلىش، مۆمىنلەرنى غەلىبە قىلدۇرۇش) اﷲ نىڭ ئىلگىرىدىن تارتىپ تۇتۇپ كېلىۋاتقان يولىدۇر، اﷲ نىڭ يولىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش تاپالمايسەن (يەنى اﷲ نىڭ تۇتقان يولى ئۆزگەرمەيدۇ) |
|
4607 | 48 | 24 | وهو الذي كف أيديهم عنكم وأيديكم عنهم ببطن مكة من بعد أن أظفركم عليهم وكان الله بما تعملون بصيرا |
| | | اﷲ ئۇلارنى سىلەرگە قول سېلىشتىن توستى ھەمدە ئۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغىنىڭلاردىن كېيىن، مەككىنىڭ ئىچىدە (يەنى ھۇدەيبىيىدە) سىلەرنى ئۇلارغا قول سېلىشىڭلاردىن توستى، اﷲ قىلدىغان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر |
|
4608 | 48 | 25 | هم الذين كفروا وصدوكم عن المسجد الحرام والهدي معكوفا أن يبلغ محله ولولا رجال مؤمنون ونساء مؤمنات لم تعلموهم أن تطئوهم فتصيبكم منهم معرة بغير علم ليدخل الله في رحمته من يشاء لو تزيلوا لعذبنا الذين كفروا منهم عذابا أليما |
| | | ئۇلار كاپىر بولدى، سىلەر مەسجىدى ھەرەمدىن ۋە تۇتۇپ تۇرۇلغان قۇربانلىقنىڭ ئۆز جايىغا يېتىشىدىن توستى، (مەككىدە) سىلەر بىلمەيدىغان ئەر - ئايال مۆمىنلەر بولۇپ، سىلەر بىلمەستىن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ قويۇش بىلەن گۇناھقا گىرىپتار بولۇشۇڭلارنىڭ خەۋپى بولمىسا ئىدى (ئەلۋەتتە اﷲ مەككىگە كىرىشىڭلارغا رۇخسەت قىلاتتى ۋە سىلەرنى كاپىرلارغا مۇسەللەت قىلاتتى)، اﷲ خالىغان ئادەمنى رەھمىتى (دائىرىسىگە) كىرگۈزۈش ئۈچۈن (سىلەرنى مەككىنى پەتھى قىلىشتىن توستى)، ئەگەر ئۇلار ئايرىلسا (يەنى مۆمىنلەر كاپىرلاردىن ئايرىلسا)، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كاپىرلارنى قاتتىق ئازاب بىلەن ئازابلايتتۇق |
|
4609 | 48 | 26 | إذ جعل الذين كفروا في قلوبهم الحمية حمية الجاهلية فأنزل الله سكينته على رسوله وعلى المؤمنين وألزمهم كلمة التقوى وكانوا أحق بها وأهلها وكان الله بكل شيء عليما |
| | | كاپىرلار قىزىققانلىقىنى – جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ قىزىققانلىقىنى – دىللىرىغا پۈككەن چاغدا، اﷲ پەيغەمبىرىگە ۋە مۆمىنلەرگە تەمكىنلىكنى چۈشۈردى. ئۇلارغا تەقۋا كەلىمىسىنى (يەنى كەلىمە تەۋھىدنى) ئىختىيار قىلدى. مۆمىنلەر تەقۋا كەلىمىسىگە ئەڭ لايىق ئىدى ۋە ئۇنىڭ ئەھلى ئىدى، اﷲ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر |
|