نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
4414 | 43 | 89 | فاصفح عنهم وقل سلام فسوف يعلمون |
| | | سەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن، سالام دېگىن (يەنى ئۇلارغا بەتدۇئامۇ قىلمىغىن، دىنغا دەۋەتمۇ قىلمىغىن)، ئۇلار كەلگۈسىدە (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) بىلىدۇ |
|
4415 | 44 | 1 | بسم الله الرحمن الرحيم حم |
| | | حا، مىم |
|
4416 | 44 | 2 | والكتاب المبين |
| | | روشەن قۇرئان بىلەن قەسەم قىلىمەن |
|
4417 | 44 | 3 | إنا أنزلناه في ليلة مباركة إنا كنا منذرين |
| | | بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن مۇبارەك كېچىدە (يەنى شەبى قەدرى كېچىسىدە) نازىل قىلدۇق، بىز ھەقىقەتەن ئىنسانلارنى (قۇرئان بىلەن) ئاگاھلاندۇرغۇچى بولدۇق |
|
4418 | 44 | 4 | فيها يفرق كل أمر حكيم |
| | | ئۇ كېچىدە ھەر بىر ھېكمەتلىك (يەنى ھېكمەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە قىلىنغان) ئىش (يەنى بەندىلەرنىڭ رىزقى، ئەجىلى ۋە باشقا ئەھۋالى) ئايرىلىدۇ |
|
4419 | 44 | 5 | أمرا من عندنا إنا كنا مرسلين |
| | | (شۇ كېچە تەقدىر قىلىنغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى) بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىن بولغان ئىشتۇر، بىز ھەقىقەتەن (ئىنسانلارغا پەيغەمبەرلەرنى) ئەۋەتكۈچى بولدۇق |
|
4420 | 44 | 6 | رحمة من ربك إنه هو السميع العليم |
| | | (شۇ) پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتىدىندۇر. ئۇ ھەقىقەتەن (بەندىلەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر. (ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر |
|
4421 | 44 | 7 | رب السماوات والأرض وما بينهما إن كنتم موقنين |
| | | ئەگەر سىلەر ھەقىقىي ئىشەنگۈچى بولساڭلار، (ئۇ) ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر |
|
4422 | 44 | 8 | لا إله إلا هو يحيي ويميت ربكم ورب آبائكم الأولين |
| | | ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرەلەيدۇ، (تىرىكنىڭ) جېنىنى ئالالايدۇ، ئۇ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئىلگىرىكى ئاتا - بوۋاڭلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر |
|
4423 | 44 | 9 | بل هم في شك يلعبون |
| | | ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇلار ھەقىقىي ئىشەنگۈچى ئەمەس)، بەلكى ئۇلار (قىيامەتتىن) شەكتە بولۇپ (ھەقنى ئىستىھزا قىلىپ) ئوينايدۇ |
|