نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
4324 | 42 | 52 | وكذلك أوحينا إليك روحا من أمرنا ما كنت تدري ما الكتاب ولا الإيمان ولكن جعلناه نورا نهدي به من نشاء من عبادنا وإنك لتهدي إلى صراط مستقيم |
| | | شۇنىڭدەك (يەنى باشقا پەيغەمبەرلەرگە ۋەھيى قىلغاندەك) ئەمرىمىز بويىچە ساڭا قۇرئاننى ۋەھيى قىلدۇق، سەن (ۋەھيىدىن ئىلگىرى) قۇرئاننىڭ ۋە ئىماننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۇقمايتتىڭ، لېكىن بىز قۇرئاننى بىر نۇر قىلدۇقكى، ئۇنىڭ بىلەن بەندىلىرىمىزدىن خالىغان كىشىلەرنى ھىدايەت قىلىمىز. شەك - شۈبھىسىزكى سەن توغرا يولغا باشلايسەن |
|
4325 | 42 | 53 | صراط الله الذي له ما في السماوات وما في الأرض ألا إلى الله تصير الأمور |
| | | (ئۇ) ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىگە خاس بولغان اﷲ نىڭ يولىدۇر. بىلىڭلاركى، ھەممە ئىش اﷲ قا قايتىدۇ |
|
4326 | 43 | 1 | بسم الله الرحمن الرحيم حم |
| | | حا، مىم |
|
4327 | 43 | 2 | والكتاب المبين |
| | | روشەن كىتاب بىلەن قەسەمكى، سىلەرنى (ئۇنىڭ مەنىسىنى) چۈشەنسۇن دەپ، بىز ئۇنى ھەقىقەتەن ئەرەبچە قۇرئان قىلدۇق |
|
4328 | 43 | 3 | إنا جعلناه قرآنا عربيا لعلكم تعقلون |
| | | روشەن كىتاب بىلەن قەسەمكى، سىلەرنى (ئۇنىڭ مەنىسىنى) چۈشەنسۇن دەپ، بىز ئۇنى ھەقىقەتەن ئەرەبچە قۇرئان قىلدۇق |
|
4329 | 43 | 4 | وإنه في أم الكتاب لدينا لعلي حكيم |
| | | ھەقىقەتەن ئۇ لەۋھۇلمەھپۇزدا بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا (مۇقىملاشقان) يۇقىرى مەرتىۋىلىك ھېكمەتلىك (كىتاب) دۇر |
|
4330 | 43 | 5 | أفنضرب عنكم الذكر صفحا أن كنتم قوما مسرفين |
| | | سىلەر (گۇمراھلىقتا) ھەددىدىن ئاشقان قەۋم بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ۋەز - نەسىھەت قىلىشنى تەرك قىلامدۇق؟ |
|
4331 | 43 | 6 | وكم أرسلنا من نبي في الأولين |
| | | ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق |
|
4332 | 43 | 7 | وما يأتيهم من نبي إلا كانوا به يستهزئون |
| | | ئۇلارغا قانداق بىر پەيغەمبەر كەلمىسۇن، ئۇلار ئۇنى (قەۋمىڭ سېنى مەسخىرە قىلغاندەك) مەسخىرە قىلدى |
|
4333 | 43 | 8 | فأهلكنا أشد منهم بطشا ومضى مثل الأولين |
| | | ئۇلار (يەنى مەككە كاپىرلىرى) دىن كۈچ - قۇۋۋەتتە ئۈستۈن بولغانلارنى ھالاك قىلدۇق، ئىلگىرىكىلەرنىڭ قىسسىلىرى قۇرئاندا ئۆتتى |
|