نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
4314 | 42 | 42 | إنما السبيل على الذين يظلمون الناس ويبغون في الأرض بغير الحق أولئك لهم عذاب أليم |
| | | ئەيىبلىنىدىغانلار پەقەت كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىدىغان، زېمىندا ناھەق رەۋىشتە پىتنە - پاسات تېرىيدىغان ئادەملەردۇر، ئەنە شۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ |
|
4315 | 42 | 43 | ولمن صبر وغفر إن ذلك لمن عزم الأمور |
| | | كىمكى (ئەزىيەتكە) سەۋر قىلسا، (اﷲ نىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) ئىنتىقام ئالمىسا، بۇ ئەلۋەتتە مەرغۇپ ئىشلاردىندۇر |
|
4316 | 42 | 44 | ومن يضلل الله فما له من ولي من بعده وترى الظالمين لما رأوا العذاب يقولون هل إلى مرد من سبيل |
| | | اﷲ گۇمراھ قىلغان ئادەمگە شۇنىڭدىن كېيىن ھېچ ئىگە يوقتۇر، زالىملار ئازابنى كۆرگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ «(دۇنياغا) قايتىشقا يول بارمىدۇ؟» دېگەنلىكىنى كۆرىسەن |
|
4317 | 42 | 45 | وتراهم يعرضون عليها خاشعين من الذل ينظرون من طرف خفي وقال الذين آمنوا إن الخاسرين الذين خسروا أنفسهم وأهليهم يوم القيامة ألا إن الظالمين في عذاب مقيم |
| | | ئۇلارنىڭ قورققان، خارلانغان ھالدا، (دوزاخقا) كۆزىنىڭ قۇيرۇقى بىلەن قارىغان ھالدا دوزاخقا توغرىلىنىدىغانلىقىنى كۆرىسەن، مۆمىنلەر: «شۈبھىسىزكى، زىيان تارتقۇچىلار قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىگە ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە زىيان سالغۇچىلاردۇر» دەيدۇ، بىلىڭلاركى، زالىملار ھەقىقەتەن دائىملىق ئازابتىدۇر |
|
4318 | 42 | 46 | وما كان لهم من أولياء ينصرونهم من دون الله ومن يضلل الله فما له من سبيل |
| | | ئۇلارغا اﷲ تىن باشقا ياردەم بېرىدىغان دوستلار بولمايدۇ، اﷲ كىمنى گۇمراھ قىلسا، ئۇنىڭغا (ئۇنى دۇنيادا ھەقكە، ئاخىرەتتە جەننەتكە ئېرىشتۈرگۈچى) ھېچ يول بولمايدۇ |
|
4319 | 42 | 47 | استجيبوا لربكم من قبل أن يأتي يوم لا مرد له من الله ما لكم من ملجإ يومئذ وما لكم من نكير |
| | | اﷲ تەرىپىدىن كەلگەن، قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان بىر كۈن كېلىشتىن بۇرۇن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىڭلار، بۇ كۈندە سىلەرگە قاچىدىغان جاي تېپىلماي قالىدۇ. (قىلمىشىڭلار نامە - ئەمالىڭلارغا يېزىقلىق بولغانلىقى، ئەزايىڭلار ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولغانلىقى ئۈچۈن) سىلەر (ئۇنى) ئىنكار قىلالمايسىلەر |
|
4320 | 42 | 48 | فإن أعرضوا فما أرسلناك عليهم حفيظا إن عليك إلا البلاغ وإنا إذا أذقنا الإنسان منا رحمة فرح بها وإن تصبهم سيئة بما قدمت أيديهم فإن الإنسان كفور |
| | | ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە، بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى قىلىپ ئەۋەتكىنىمىز يوق، سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر، ئەگەر ئىنسانغا بىزنىڭ رەھمىتىمىزنى تېتىتساق خۇش بولۇپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن (بېشىغا) بىرەر ھادىسە كەلسە، ئىنسان تولىمۇ كۇفرانە نېمەت قىلغۇچىدۇر |
|
4321 | 42 | 49 | لله ملك السماوات والأرض يخلق ما يشاء يهب لمن يشاء إناثا ويهب لمن يشاء الذكور |
| | | ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى اﷲ قا خاستۇر، اﷲ نېمىنى خالىسا شۇنى يارىتىدۇ، خالىغان ئادەمگە قىز پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ |
|
4322 | 42 | 50 | أو يزوجهم ذكرانا وإناثا ويجعل من يشاء عقيما إنه عليم قدير |
| | | ياكى ئۇلارغا ئوغۇل، قىزنى ئارىلاش بېرىدۇ، خالىغان ئادەمنى تۇغماس قىلىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىگە قادىردۇر |
|
4323 | 42 | 51 | وما كان لبشر أن يكلمه الله إلا وحيا أو من وراء حجاب أو يرسل رسولا فيوحي بإذنه ما يشاء إنه علي حكيم |
| | | اﷲ ھەر قانداق ئادەمگە پەقەت ۋەھيى ئارقىلىق ياكى پەردە ئارقىسىدىنلا ياكى بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ ئۆز ئىزنى بىلەن ئۇنىڭغا خالىغان ۋەھيىنى قىلىش ئارقىلىقلا سۆز قىلغان. اﷲ ھەقىقەتەن (مەخلۇقلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن) ئۈستۈندۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر |
|