نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
4114 | 39 | 56 | أن تقول نفس يا حسرتا على ما فرطت في جنب الله وإن كنت لمن الساخرين |
| | | ھەر قانداق ئادەم: «اﷲ نىڭ تائىتىدە كەتكۈزۈپ قويغانلىرىمغا ھەسرەت! مەن (اﷲ نىڭ شەرىئىتىنى ۋە دىنىنى) مەسخىرە قىلغۇچىلاردىن ئىدىم» دەپ قالماسلىق ئۈچۈن |
|
4115 | 39 | 57 | أو تقول لو أن الله هداني لكنت من المتقين |
| | | ياكى «اﷲ مېنى ھىدايەت قىلغان بولسا (ھىدايەت تېپىپ) ئەلۋەتتە تەقۋادارلاردىن بولاتتىم» دەپ قالماسلىق ئۈچۈن |
|
4116 | 39 | 58 | أو تقول حين ترى العذاب لو أن لي كرة فأكون من المحسنين |
| | | ياكى ئازابنى كۆرگەن چاغدا: «كاشكى دۇنياغا قايتىشىمغا بولسا ئىدى، (ئۇ چاغدا اﷲ قا ئىتائەت قىلىپ) ياخشىلاردىن بولار ئىدىم» دەپ قالماسلىق ئۈچۈن (پەرۋەردىگارىغا بويسۇنسۇن) |
|
4117 | 39 | 59 | بلى قد جاءتك آياتي فكذبت بها واستكبرت وكنت من الكافرين |
| | | دۇرۇس، ھەقىقەتەن ساڭا مېنىڭ نۇرغۇن ئايەتلىرىم (يەنى ھىدايەتكە سەۋەب بولىدىغان قۇرئان) كەلدى. سەن ئۇلارنى ئىنكار قىلدىڭ، بويۇنتاۋلىق قىلدىڭ، سەن كاپىرلادىن بولدۇڭ |
|
4118 | 39 | 60 | ويوم القيامة ترى الذين كذبوا على الله وجوههم مسودة أليس في جهنم مثوى للمتكبرين |
| | | قىيامەت كۈنى اﷲ قا يالغاننى چاپلىغانلارنىڭ يۈزلىرىنى قاپقارا كۆرىسەن، جەھەننەمدە مۇتەكەببىرلەرگە ئورۇن يوقمۇ؟ |
|
4119 | 39 | 61 | وينجي الله الذين اتقوا بمفازتهم لا يمسهم السوء ولا هم يحزنون |
| | | اﷲ (شېرىكتىن ۋە گۇناھتىن) ساقلانغۇچىلارنى بەختكە ئېرىشتۈرىدىغان يوللار ئارقىلىق (ئازابتىن) قۇتۇلدۇرىدۇ، ئۇلارغا كۈلپەت يەتمەيدۇ، ئۇلار قايغۇرمايدۇ |
|
4120 | 39 | 62 | الله خالق كل شيء وهو على كل شيء وكيل |
| | | اﷲ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ھەممە نەرسىگە ھامىيدۇر (ئۇلارنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدۇ) |
|
4121 | 39 | 63 | له مقاليد السماوات والأرض والذين كفروا بآيات الله أولئك هم الخاسرون |
| | | ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (خەزىنىلىرىنىڭ) ئاچقۇچلىرى اﷲ نىڭ ئىلكىدىدۇر، اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار – ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر |
|
4122 | 39 | 64 | قل أفغير الله تأمروني أعبد أيها الجاهلون |
| | | (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى نادانلار! مېنى اﷲ تىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلىشىقا بۇيرۇمسىلەر؟» |
|
4123 | 39 | 65 | ولقد أوحي إليك وإلى الذين من قبلك لئن أشركت ليحبطن عملك ولتكونن من الخاسرين |
| | | ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكى (پەيغەمبەر) لەرگە: «ئەگەر سەن اﷲ قا شېرىك كەلتۈرسەڭ، سېنىڭ ئەمەلىڭ ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ، سەن ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن، بەلكى يالغۇز اﷲ قا ئىبادەت قىلغىن ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولغىن» دەپ ۋەھيى قىلىندى |
|