نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
3292 | 28 | 40 | فأخذناه وجنوده فنبذناهم في اليم فانظر كيف كان عاقبة الظالمين |
| | | بىز پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى جازالىدۇق، ئۇلارنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتۇق (يەنى ئۇلارنى دېڭىزدا غەرق قىلىۋەتتۇق، ئۇلاردىن بىر ئادەممۇ ساق قالغىنى يوق)، (ئى مۇھەممەد!) زالىملارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا (ئىبرەت كۆزى بىلەن) قارىغىن |
|
3293 | 28 | 41 | وجعلناهم أئمة يدعون إلى النار ويوم القيامة لا ينصرون |
| | | ئۇلارنى. بىز دوزاخقا ئۈندەيدىغان پېشۋالار قىلدۇق (يەنى ئۇلارنى بىز دۇنيادا گۇمراھلار ئەگىشىدىغان كۇفرىنىڭ باشلىقلىرى قىلدۇق)، قىيامەت كۈنى ئۇلار ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ (يەنى قىيامەت كۈنى ئۇلاردىن ئازابنى دەپئى قىلىدىغان مەدەتكار بولمايدۇ) |
|
3294 | 28 | 42 | وأتبعناهم في هذه الدنيا لعنة ويوم القيامة هم من المقبوحين |
| | | ئۇلارغا بۇ دۇنيادا لەنەتنى ئەگەشتۈردۇق (يەنى ئۇلارغا بۇ دۇنيادا اﷲ، پەرىشتىلەر ۋە مۆمىنلەر لەنەت ئوقۇيدۇ)، قىيامەت كۈنى ئۇلار اﷲ نىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنغۇچىلاردۇر |
|
3295 | 28 | 43 | ولقد آتينا موسى الكتاب من بعد ما أهلكنا القرون الأولى بصائر للناس وهدى ورحمة لعلهم يتذكرون |
| | | شۈبھىسىزكى، بىز (نۇھنىڭ قەۋمى ئاد، سەمۇد ۋە لۇتنىڭ قەۋمى قاتارلىق) ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن، كىشىلەر (يەنى بەنى ئىسرائىل) نىڭ دىللىرىغا (ھەقىقەتنى كۆرىدىغان) نۇر بېرىپ، ئۇلارغا ھىدايەت ۋە رەھمەت قىلدۇق، ئۇلار ۋەز - نەسىھەت ئالسۇن دەپ، مۇساغا كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) بەردۇق |
|
3296 | 28 | 44 | وما كنت بجانب الغربي إذ قضينا إلى موسى الأمر وما كنت من الشاهدين |
| | | (ئى مۇھەممەد!) بىز غەربىي تاغنىڭ بىر تەرىپىدە مۇساغا ۋەھيى نازىل قىلغىنىمىزدا سەن يوق ئىدىڭ، (بۇنى) ئۆز كۆزۈڭ بىلەنمۇ كۆرمىگەن ئىدىڭ |
|
3297 | 28 | 45 | ولكنا أنشأنا قرونا فتطاول عليهم العمر وما كنت ثاويا في أهل مدين تتلو عليهم آياتنا ولكنا كنا مرسلين |
| | | لېكىن بىز نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ياراتتۇق، ئۇلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولدى، سەن مەديەن ئاھالىسىنىڭ ئىچىدە ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغۇچى بولغىنىڭ يوق، لېكىن بىز (سېنى ئۇلاردىن باشقا بىر قەۋمگە پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق |
|
3298 | 28 | 46 | وما كنت بجانب الطور إذ نادينا ولكن رحمة من ربك لتنذر قوما ما أتاهم من نذير من قبلك لعلهم يتذكرون |
| | | بىز تۇر تېغىنىڭ بىر تەرىپىدە (مۇساغا) سۆز قىلغىنىمىزدا سەن يوق ئىدىڭ، لېكىن بۇ سەندىن ئىلگىرى ھېچبىر ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىگەن قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ۋەز - نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان رەھمەتتۇر |
|
3299 | 28 | 47 | ولولا أن تصيبهم مصيبة بما قدمت أيديهم فيقولوا ربنا لولا أرسلت إلينا رسولا فنتبع آياتك ونكون من المؤمنين |
| | | ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى (يەنى كۇفرى ۋە گۇناھلىرى) تۈپەيلىدىن، ئۇلارغا بىرەر ئازاب كەلسە، «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولساڭ ئىدىڭ، سېنىڭ ئايەتلىرىڭگە ئەگىشەتتۇق ۋە مۆمىنلەردىن بولاتتۇق» دېمەسلىكلىرى ئۈچۈن (سېنى ئۇلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق) |
|
3300 | 28 | 48 | فلما جاءهم الحق من عندنا قالوا لولا أوتي مثل ما أوتي موسى أولم يكفروا بما أوتي موسى من قبل قالوا سحران تظاهرا وقالوا إنا بكل كافرون |
| | | ئۇلارغا بىز ۋەھى قىلغان ھەقىقەت نازىل بولغان چاغدا، ئۇلار: «ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) نېمىشقا مۇساغا بېرىلگەن مۆجىزە بېرىلمىدى» دېدى. ئۇلار ئىلگىرى مۇساغا بېرىلگەن مۆجىزىنى ئىنكار قىلمىدىمۇ؟ ئۇلار: «(تەۋرات بىلەن قۇرئان) بىر - بىرىنى تەستىق قىلىدىغان سېھىردۇر» دېدى. ئۇلار: «بىز ھەقىقەتەن (ئىككى كىتابنىڭ) ھەربىرىنى ئىنكار قىلغۇچىمىز» دېدى |
|
3301 | 28 | 49 | قل فأتوا بكتاب من عند الله هو أهدى منهما أتبعه إن كنتم صادقين |
| | | ئېيتقىنكى، «ئەگەر (ئۇ ئىككى كىتاب سېھىردۇر دېگەن سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولىدىغان بولساڭلار، ئۇ ئىككى كىتابقا قارىغاندا، اﷲ تەرىپىدىن نازىل بولغان تېخىمۇ توغرا بىر كىتاب كەلتۈرۈپ بېقىڭلار، مەن ئۇنىڭغا ئەگىشەي» |
|