نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
3238 | 27 | 79 | فتوكل على الله إنك على الحق المبين |
| | | اﷲ قا تەۋەككۈل قىلغىن (يەنى ئىشىڭنى اﷲ قا تاپشۇرغىن، ھەممە ئىشىڭدا اﷲ قا يۆلەنگىن، اﷲ ساڭا مەدەتكاردۇر)، (ئى مۇھەممەد) شۈبھىسىزكى، سەن روشەن ھەق (دىن) دىسەن |
|
3239 | 27 | 80 | إنك لا تسمع الموتى ولا تسمع الصم الدعاء إذا ولوا مدبرين |
| | | سەن ئۆلۈكلەرگە ۋە يۈز ئۆرۈگەن گاسلارغا (يەنى دىللىرىنىڭ ئۆلۈكلىكىدە ئۆلۈكلەرگە ۋە ھەقنى ئاڭلىماسلىقتا گاسلارغا ئوخشايدىغان كۇففارلارغا) دەۋەتنى ئاڭلىتالمايسەن |
|
3240 | 27 | 81 | وما أنت بهادي العمي عن ضلالتهم إن تسمع إلا من يؤمن بآياتنا فهم مسلمون |
| | | سەن (دىلى) كورلارنى گۇمراھلىقتىن ئايرىپ، ھىدايەت قىلالمايسەن، سەن (دەۋىتىڭنى) پەقەت بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغانلارغىلا ئاڭلىتالايسەن |
|
3241 | 27 | 82 | وإذا وقع القول عليهم أخرجنا لهم دابة من الأرض تكلمهم أن الناس كانوا بآياتنا لا يوقنون |
| | | ئۇلار (يەنى كۇففارلار) غا ئالدىنئالا ئېيتىلغان سۆز ئىشقا ئاشقاندا (يەنى ئازاپ ۋە قىيامەت يېقىنلاشقاندا)، ئۇلارغا زېمىندىن بىر تۈرلۈك ھايۋاننى چىقىرىمىزكى، ئۇ ئۇلارغا ئىنسانلارنىڭ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىشەنمىگەنلىكىنى سۆزلەيدۇ |
|
3242 | 27 | 83 | ويوم نحشر من كل أمة فوجا ممن يكذب بآياتنا فهم يوزعون |
| | | ئۇ كۈندە ھەر ئۈممەتنىڭ ئىچىدىن بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلاردىن بىر توپ ئادەمنى) ھېساب ئېلىش ۋە جازالاش ئۈچۈن) يىغىمىز (ئالدى - كەينى يىغىلغۇچە) ئۇلار توختىتىپ تۇرۇلىدۇ |
|
3243 | 27 | 84 | حتى إذا جاءوا قال أكذبتم بآياتي ولم تحيطوا بها علما أماذا كنتم تعملون |
| | | ئۇلار) اﷲ نىڭ دەرگاھىغا) كەلگەن چاغلىرىدا، اﷲ ئۇلارغا: «سىلەر تولۇق بىلمەي تۇرۇپ مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ئىنكار قىلدىڭلارمۇ؟ سىلەر (ئەمرى قىلىنغان نەرسىلەردىن) زادى نېمىلەرنى قىلدىڭلار؟» دەيدۇ |
|
3244 | 27 | 85 | ووقع القول عليهم بما ظلموا فهم لا ينطقون |
| | | ئۇلار) ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئازاب ھەقلىق بولدى. ئۇلار (ئۆزرىلىرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن) سۆز قىلالمايدۇ |
|
3245 | 27 | 86 | ألم يروا أنا جعلنا الليل ليسكنوا فيه والنهار مبصرا إن في ذلك لآيات لقوم يؤمنون |
| | | ئۇلارغا كېچىنى ئارام ئالىدىغان (ۋاقىت) قىلغانلىقىمىزنى، كۈندۈزنى (ھاياتلىق يولىدا ھەرىكەتلىنىش ئۈچۈن) يورۇق قىلغانلىقىمىزنى ئۇلار ئۇقمامدۇ؟ بۇنىڭدا ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار |
|
3246 | 27 | 87 | ويوم ينفخ في الصور ففزع من في السماوات ومن في الأرض إلا من شاء الله وكل أتوه داخرين |
| | | ئۇ كۈندە سۇر چىلىنىدۇ، اﷲ خالىغانلاردىن (يەنى پەرىشتىلەر، پەيغەمبەرلەر ۋە شېھىتلاردىن) باشقا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممىنى قورقۇنچ باسىدۇ، ھەممە اﷲ قا بويسۇنغان ھالدا كېلىدۇ |
|
3247 | 27 | 88 | وترى الجبال تحسبها جامدة وهي تمر مر السحاب صنع الله الذي أتقن كل شيء إنه خبير بما تفعلون |
| | | تاغلارنى تۇرغۇن ھالەتتە گۇمان قىلىسەن، ھالبۇكى، ئۇلار بۇلۇتتەك چۆگىلەپ تۇرىدۇ، (بۇ) ھەممە نەرسىنى پۇختا ياراتقان اﷲ نىڭ ھۈنىرىدۇر، اﷲ ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر |
|