نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
3152 | 26 | 220 | إنه هو السميع العليم |
| | | شۈبھىسىزكى، اﷲ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر |
|
3153 | 26 | 221 | هل أنبئكم على من تنزل الشياطين |
| | | (ئى مۇھەممەد! مەككە كۇففارلىرىغا ئېيتقىنكى) سىلەرگە مەن شەيتانلارنىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ |
|
3154 | 26 | 222 | تنزل على كل أفاك أثيم |
| | | ئۇلار ھەربىر ئىغۋا توقۇغۇچى، گۇناھكارغا چۈشىدۇ |
|
3155 | 26 | 223 | يلقون السمع وأكثرهم كاذبون |
| | | ئۇلار (پەرىشتىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئوغرىلىقچە) ئاڭلايدۇ، ئۇلار (يەنى شەيتانلار) نىڭ تولىسى يالغانچىلاردۇر |
|
3156 | 26 | 224 | والشعراء يتبعهم الغاوون |
| | | شائىرلارغا گۇمراھلار ئەگىشىدۇ |
|
3157 | 26 | 225 | ألم تر أنهم في كل واد يهيمون |
| | | ئۇلارنىڭ (سۆز) ۋادىلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرگەنلىكىنى كۆرمەمسەن؟ |
|
3158 | 26 | 226 | وأنهم يقولون ما لا يفعلون |
| | | ئۇلار قىلمايدىغان نەرسىلىرىنى قىلدۇق دەپ سۆزلەيدۇ |
|
3159 | 26 | 227 | إلا الذين آمنوا وعملوا الصالحات وذكروا الله كثيرا وانتصروا من بعد ما ظلموا وسيعلم الذين ظلموا أي منقلب ينقلبون |
| | | پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، اﷲ نى كۆپ زىكرى قىلغان، زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆزىنى قوغدىغان شائىرلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۇزاققا قالماي قايسى جايغا قايتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ |
|
3160 | 27 | 1 | بسم الله الرحمن الرحيم طس تلك آيات القرآن وكتاب مبين |
| | | طا، سىن. بۇ، قۇرئاننىڭ ۋە روشەن كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر |
|
3161 | 27 | 2 | هدى وبشرى للمؤمنين |
| | | مۆمىنلەر ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە خۇش خەۋەردۇر |
|