نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
3052 | 26 | 120 | ثم أغرقنا بعد الباقين |
| | | (ئۇلارنى قۇتقۇزغاندىن) كېيىن ئاندىن قالغانلارنى غەرق قىلدۇق |
|
3053 | 26 | 121 | إن في ذلك لآية وما كان أكثرهم مؤمنين |
| | | بۇنىڭدا (تەپەككۇر قىلغۇچىلار ئۈچۈن) ئەلۋەتتە (چوڭ) ئىبرەت بار، ئۇلار (يەنى كىشىلەر) نىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى |
|
3054 | 26 | 122 | وإن ربك لهو العزيز الرحيم |
| | | سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر |
|
3055 | 26 | 123 | كذبت عاد المرسلين |
| | | ئاد (خەلقى) پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى |
|
3056 | 26 | 124 | إذ قال لهم أخوهم هود ألا تتقون |
| | | ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى ھۇد ئېيتتى: «سىلەر (اﷲ تىن) قورقمامسىلەر؟ |
|
3057 | 26 | 125 | إني لكم رسول أمين |
| | | مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە سادىق پەيغەمبەرمەن |
|
3058 | 26 | 126 | فاتقوا الله وأطيعون |
| | | سىلەر اﷲ تىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار |
|
3059 | 26 | 127 | وما أسألكم عليه من أجر إن أجري إلا على رب العالمين |
| | | تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ئۇنى پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدىن تىلەيمەن |
|
3060 | 26 | 128 | أتبنون بكل ريع آية تعبثون |
| | | سىلەر ھەر بىر ئېگىز جايغا ئويۇن - كۈلكە ئۈچۈن بىر ئالامەت (يەنى ئېگىز بىنا) سالامسىلەر |
|
3061 | 26 | 129 | وتتخذون مصانع لعلكم تخلدون |
| | | (گويا سىلەر ئۆلمەيدىغاندەك) دۇنيادا مەڭگۈ قېلىشنى ئۈمىد قىلىپ پۇختا سارايلارنى سالامسىلەر |
|