نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
1749 | 13 | 42 | وقد مكر الذين من قبلهم فلله المكر جميعا يعلم ما تكسب كل نفس وسيعلم الكفار لمن عقبى الدار |
| | | ئۇلار (يەنى قۇرەيش كاپىرلىرى) دىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرمۇ (پەيغەمبەرلىرىگە) ھىيلە - مىكىر ئىشلەتكەن ئىدى. (ئۇلارنىڭ ھىيلە –مىكرىنى بەربات قىلىدىغان) يوشۇرۇن تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسى اﷲ نىڭ ئىلگىدىدۇر، اﷲ ھەربىر كىشىنىڭ قىلىۋاتقان (ياخشى - يامان) ئەمەللىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، كاپىرلار (ئازابنى كۆرگەندە) كىمنىڭ ئاخىرەتلىكىنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى بىلىدۇ |
|
1750 | 13 | 43 | ويقول الذين كفروا لست مرسلا قل كفى بالله شهيدا بيني وبينكم ومن عنده علم الكتاب |
| | | (ئى مۇھەممەد!) مەككە كۇففارلىرى: «سەن پەيغەمبەر ئەمەسسەن» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «راستلىقىمغا سىلەر بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا اﷲ نىڭ گۇۋاھلىقى ۋە اﷲ نىڭ كىتابىنى بىلىدىغانلار (يەنى ئەھلى كىتاب ئۆلىمالىرىدىن ئىمان ئېيتقانلار) نىڭ گۇۋاھلىقى يېتەرلىكتۇر» |
|
1751 | 14 | 1 | بسم الله الرحمن الرحيم الر كتاب أنزلناه إليك لتخرج الناس من الظلمات إلى النور بإذن ربهم إلى صراط العزيز الحميد |
| | | ئەلىق. لام. را. (بۇ قۇرئان شۇنداق) كىتابتۇركى، (ئى مۇھەممەد!) ئۇنى ساڭا كىشىلەرنى پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنى بىلەن قاراڭغۇلۇقتىن (يەنى كۇفرىدىن) يورۇقلۇققا (يەنى ئىمانغا) چىقىرىشىڭ ئۈچۈن، غالىب، (ھەممە تىللاردا) مەدھىيىلەنگەن اﷲ نىڭ يولىغا (باشلىشىڭ ئۈچۈن) نازىل قىلدۇق |
|
1752 | 14 | 2 | الله الذي له ما في السماوات وما في الأرض وويل للكافرين من عذاب شديد |
| | | ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە اﷲ نىڭ مۈلكىدۇر، قاتتىق ئازابتىن كاپىرلارغا ۋاي! |
|
1753 | 14 | 3 | الذين يستحبون الحياة الدنيا على الآخرة ويصدون عن سبيل الله ويبغونها عوجا أولئك في ضلال بعيد |
| | | ئۇلار بۇ دۇنيانى ئاخىرەتتىن ئارتۇق. كۆرىدۇ (كىشىلەرنى) اﷲ نىڭ يولىدىن (يەنى ئىسلام دىنىدىن) توسىدۇ، اﷲ نىڭ يولىنىڭ ئەگرى بولۇشىنى تىلەيدۇ، ئۇلار (ھەقتىن) يىراق بولغان گۇمراھلىقتىدۇر |
|
1754 | 14 | 4 | وما أرسلنا من رسول إلا بلسان قومه ليبين لهم فيضل الله من يشاء ويهدي من يشاء وهو العزيز الحكيم |
| | | قانداقلا بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتمەيلى، ئۇنى بىز ئۆز قەۋمىگە (اﷲ نىڭ شەرىئىتىنى) بايان قىلىش ئۈچۈن، پەقەت ئۆز قەۋمىنىڭ تىلى بىلەن (سۆزلەيدىغان) قىلىپ ئەۋەتتۇق، اﷲ خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت تەبلىغ قىلىش بولۇپ، ھىدايەت قىلىش ئىشى اﷲ نىڭ ئىلگىدىدۇر). اﷲ غالىبتۇر ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر |
|
1755 | 14 | 5 | ولقد أرسلنا موسى بآياتنا أن أخرج قومك من الظلمات إلى النور وذكرهم بأيام الله إن في ذلك لآيات لكل صبار شكور |
| | | بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ھەقىقەتەن (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، (ئۇنىڭغا دېدۇقكى) «قەۋمىڭنى قاراڭغۇلۇقتىن (يەنى كۇفرىدىن) يورۇقلۇققا. (يەنى ئىمانغا) چىقارغىن، ئۇلارغا اﷲ نىڭ نېمەتلىرىنى ئەسلەتكىن». بۇنىڭدا (بالاغا) سەۋر قىلغۇچى، (نېمەتكە) شۈكۈر قىلغۇچى ھەربىر (بەندە) ئۈچۈن ئەلۋەتتە نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار |
|
1756 | 14 | 6 | وإذ قال موسى لقومه اذكروا نعمة الله عليكم إذ أنجاكم من آل فرعون يسومونكم سوء العذاب ويذبحون أبناءكم ويستحيون نساءكم وفي ذلكم بلاء من ربكم عظيم |
| | | مۇسا ئۆز قەۋمىگە ئۆز ۋاقتىدا: «اﷲ نىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار. اﷲ ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى پىرئەۋن قەۋمىدىن قۇتقۇزدى، ئۇلار سىلەرنى قاتتىق قىينايتتى، ئوغۇللىرىڭلارنى بوغۇزلايتتى، خوتۇن كىشىلىرىڭلارنى (خىزمەت قىلدۇرۇشقا) قالدۇراتتى. بۇنىڭدا پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن (سىلەرگە) چوڭ سىناق بار ئىدى» دېدى |
|
1757 | 14 | 7 | وإذ تأذن ربكم لئن شكرتم لأزيدنكم ولئن كفرتم إن عذابي لشديد |
| | | ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭلار: «نېمىتىگە شۈكۈر قىلساڭلار، (ئۇنى) تېخىمۇ زىيادە قىلىمەن. ئەگەر (كۇفرانى نېمەت) قىلساڭلار، مېنىڭ ئازابىم، ئەلۋەتتە، بەكمۇ قاتتىق بولىدۇ» دەپ جاكالىدى |
|
1758 | 14 | 8 | وقال موسى إن تكفروا أنتم ومن في الأرض جميعا فإن الله لغني حميد |
| | | مۇسا (ئۆز قەۋمىگە): «ئەگەر سىلەر ۋە پۈتۈن يەر يۈزىدىكى كىشىلەر كاپىر بولۇپ كەتسەڭلارمۇ (اﷲ قا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر)، چۈنكى اﷲ ئەلۋەتتە (ھەممىدىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيىلەشكە لايىقتۇر» دېدى |
|