نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
975 | 7 | 21 | وقاسمهما إني لكما لمن الناصحين |
| | | شۇنىڭدەك ئۇلارغا: ‹‹مەن چوقۇم سىلەرگە سادىقمەن›› دەپ قەسەم ئىچىپ بەردى |
|
976 | 7 | 22 | فدلاهما بغرور فلما ذاقا الشجرة بدت لهما سوآتهما وطفقا يخصفان عليهما من ورق الجنة وناداهما ربهما ألم أنهكما عن تلكما الشجرة وأقل لكما إن الشيطان لكما عدو مبين |
| | | ئالدامچىلىق ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئۇلارنى (يۇقىرى مەرتىۋىدىن تۆۋەن مەرتىۋىگە) چۈشۈردى. دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگەندىن كېيىنلا ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرى ئېچىلىپ قالدى، ئۇلار جەننەتتىكى دەرەخلەرنىڭ ياپراقلىرى بىلەن ئەۋرەتلىرىنى يېپىشقا كىرىشتى، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى (ئۇلارغا كايىپ): ‹‹مەن سىلەرگە بۇ دەرەخنى (يەنى مېۋىسىنى) يېيىشنى مەنئى قىلمىغانمىدىم؟ شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر، دېمىگەنمىدىم؟ ›› دەپ نىدا قىلدى |
|
977 | 7 | 23 | قالا ربنا ظلمنا أنفسنا وإن لم تغفر لنا وترحمنا لنكونن من الخاسرين |
| | | ئۇلار: پەرۋەردىگارىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر سەن بىزگە مەغپىرەت قىلمىساڭ، بىزگە رەھىم قىلمىساڭ، بىز چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز›› دېدى |
|
978 | 7 | 24 | قال اهبطوا بعضكم لبعض عدو ولكم في الأرض مستقر ومتاع إلى حين |
| | | اﷲ ئېيتتى: ‹‹سىلەر بىر - بىرىڭلارغا (يەنى شەيتان ئىنسانغا، ئىنسان شەيتانغا) دۈشمەن بولغان ھالدا چۈشۈڭلار، ئەجىلىڭلار پۈتكەنگە قەدەر يەر يۈزىدە تۇرىسىلەر ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىسىلەر›› |
|
979 | 7 | 25 | قال فيها تحيون وفيها تموتون ومنها تخرجون |
| | | اﷲ ئېيتتى: ‹‹يەر يۈزىدە ياشايسىلەر، يەر يۈزىدە ئۆلۈسىلەر، (قىيامەت كۈنى) يەنە يەر ئاستىدىن چىقىرىلىسىلەر›› |
|
980 | 7 | 26 | يا بني آدم قد أنزلنا عليكم لباسا يواري سوآتكم وريشا ولباس التقوى ذلك خير ذلك من آيات الله لعلهم يذكرون |
| | | ئى ئادەم بالىلىرى! سىلەرگە بىز ھەقىقەتەن ئەۋرىتىڭلارنى ياپىدىغان لىباسنى ۋە زىننەتلىنىدىغان لىباسنى چۈشۈردۇق، تەقۋادارلىق لىباسى ئەڭ ياخشىدۇر، ئەنە شۇلار (يەنى ئىنسان بالىلىرىغا سەترى ئەۋرەت ئۈچۈن لىباس ياراتماق) ئۇلارنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن اﷲ نىڭ (بەندىلىرىگە بولغان پەزلى - مەرھەمىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر |
|
981 | 7 | 27 | يا بني آدم لا يفتننكم الشيطان كما أخرج أبويكم من الجنة ينزع عنهما لباسهما ليريهما سوآتهما إنه يراكم هو وقبيله من حيث لا ترونهم إنا جعلنا الشياطين أولياء للذين لا يؤمنون |
| | | ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتان سىلەرنىڭ ئاتا - ئاناڭلارنى (ئازدۇرۇپ) جەننەتتىن چىقىرىۋەتكەندەك، سىلەرنىمۇ ئازدۇرمىسۇن، شەيتان ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرىنى ئۆزلىرىگە كۆرسىتىش ئۈچۈن كىيىملىرىنى سالغۇزۇۋەتكەن ئىدى (يەنى ئۇلارنىڭ يالىڭاچ بولۇپ قېلىشىغا شەيتان سەۋەبچى بولغان ئىدى). شەيتان ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى سىلەرنى كۆرەلەيدۇ، سىلەر ئۇلارنى كۆرەلمەيسىلەر، شۈبھىسىزكى، بىز شەيتانلارنى ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ دوستى قىلدۇق |
|
982 | 7 | 28 | وإذا فعلوا فاحشة قالوا وجدنا عليها آباءنا والله أمرنا بها قل إن الله لا يأمر بالفحشاء أتقولون على الله ما لا تعلمون |
| | | ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) بىرەر يامان ئىشنى قىلغان چاغلىرىرىدا: ‹‹ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرگەن ئىدۇق، اﷲ بىزنىمۇ شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇغان›› دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيىتقىنكى، ‹‹اﷲ (بەندىلىرىنى) ھەقىقەتەن يامان ئىشقا بۇيرۇمايدۇ، ئۆزلىرىڭلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى اﷲ نامىدىن يالغان ئېيتامسىلەر؟ ›› |
|
983 | 7 | 29 | قل أمر ربي بالقسط وأقيموا وجوهكم عند كل مسجد وادعوه مخلصين له الدين كما بدأكم تعودون |
| | | (ئى مۇھەممەد!) ئېيىتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم مېنى ئادىل بولۇشقا بۇيرۇدى. ھەربىر سەجدە قىلغاندا پۈتۈنلەي اﷲ قا يۈزلىنىڭلار، اﷲ قا ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەر اﷲ دەسلەپتە پەيدا قىلغان ھالىتىڭلاردا (ئەسلىگە) قايتىسىلەر» |
|
984 | 7 | 30 | فريقا هدى وفريقا حق عليهم الضلالة إنهم اتخذوا الشياطين أولياء من دون الله ويحسبون أنهم مهتدون |
| | | اﷲ (سىلەردىن) بىر گۇرۇھنى ھىدايەت قىلدى؛ يەنە بىر گۇرۇھقا گۇمراھلىق تېگىشلىك بولدى. شۈبھىسىزكى، ئۇلار اﷲ نى قويۇپ، شەيتانلارنى دوست تۇتقان تۇرۇقلۇق ئۆزلىرىنى توغرا يولدا گۇمان قىلىدۇ |
|