نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
953 | 6 | 164 | قل أغير الله أبغي ربا وهو رب كل شيء ولا تكسب كل نفس إلا عليها ولا تزر وازرة وزر أخرى ثم إلى ربكم مرجعكم فينبئكم بما كنتم فيه تختلفون |
| | | (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «اﷲ ھەممە نەرسىنىڭ پەرۋەردىگارى تۇرسا، ئۇنىڭدىن باشقا پەرۋەردىگار تەلەپ قىلامدىمەن؟» ھەر ئادەم ئۆزى قىلغان گۇناھقا ئۆزى جاۋابكار، بىر گۇناھكار ئادەم باشقا ئادەمنىڭ گۇناھىغا جاۋابكار ئەمەس (يەنى بىر ئادەمنىڭ گۇناھى بىلەن باشقا بىر ئادەم جازاغا تارتىلمايدۇ). كېيىن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، سىلەر دەتالاش قىلىشقان ھەق بىلەن ناھەقنى ئۇ سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ |
|
954 | 6 | 165 | وهو الذي جعلكم خلائف الأرض ورفع بعضكم فوق بعض درجات ليبلوكم في ما آتاكم إن ربك سريع العقاب وإنه لغفور رحيم |
| | | اﷲ سىلەرنى (ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ) ئورۇنباسارلىرى قىلدى، اﷲ سىلەرنى بەرگەن نېمىتىگە شۈكۈر قىلسۇن دەپ، بەزىڭلارنى بەزىڭلاردىن بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى قىلدى، پەرۋەردىگارىڭ (ئاسىيلىق قىلغۇچىلاردىن) ئەلۋەتتە تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر، (ئىتائەت قىلغۇچىلارنى) ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) ناھايىتى مېھرىباندۇر |
|
955 | 7 | 1 | بسم الله الرحمن الرحيم المص |
| | | ئەلىف، لام، مىم، صاد |
|
956 | 7 | 2 | كتاب أنزل إليك فلا يكن في صدرك حرج منه لتنذر به وذكرى للمؤمنين |
| | | (ئى مۇھەممەد! كاپىرلارنى) ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، مۆمىنلەرگە ۋەز - نەسىھەت قىلىشىڭ ئۈچۈن، بۇ كىتاب (يەنى قۇرئان) ساڭا نازىل قىلىندى، ئۇنىڭدىن (يەنى ئۇنى تەبلىغ قىلىشتا قەۋمىڭنىڭ ئۇنى ئىنكار قىلىشىدىن ئەنسىرەپ) يۈرىكىڭ سىقىلمىسۇن |
|
957 | 7 | 3 | اتبعوا ما أنزل إليكم من ربكم ولا تتبعوا من دونه أولياء قليلا ما تذكرون |
| | | (ئى ئىنسانلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ئەگىشىڭلار، اﷲ نى قويۇپ، (جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان، سىلەرنى ئازدۇرىدىغان) دوستلارغا ئەگەشمەڭلار، سىلەر ۋەز - نەسىھەتنى ئاز قوبۇل قىلىسىلەر |
|
958 | 7 | 4 | وكم من قرية أهلكناها فجاءها بأسنا بياتا أو هم قائلون |
| | | بىز نۇرغۇن شەھەر (ئاھالىسىنى) نى ھالاك قىلدۇق، بىزنىڭ ئازابىمىز ئۇلارغا كېچىسى ياكى چۈشلۈكى ئۇخلاۋاتقان چاغلىرىدا كەلدى |
|
959 | 7 | 5 | فما كان دعواهم إذ جاءهم بأسنا إلا أن قالوا إنا كنا ظالمين |
| | | بىزنىڭ ئازابىمىز كەلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ چەككەن پەريادى: بىز ھەقىقەتەن زالىم ئىدۇق، دېيىشتىنلا ئىبارەت بولدى |
|
960 | 7 | 6 | فلنسألن الذين أرسل إليهم ولنسألن المرسلين |
| | | بىز ئەلۋەتتە پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن ئۈممەتلەردىن (پەيغەمبەرلەر تەبلىغ قىلدىمۇ؟ سىلەر قانداق جاۋاب بەردىڭلار؟ دەپ) سورايمىز، پەيغەمبەرلەردىنمۇ ئەلۋەتتە (اﷲ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىلدىڭلارمۇ؟ دەپ) سورايمىز |
|
961 | 7 | 7 | فلنقصن عليهم بعلم وما كنا غائبين |
| | | (قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى) ئۇلارغا ھەقىقىي بىلىش ئاساسىدا ئېيتىپ بېرىمىز، بىز ئۇلاردىن ئايرىلمىغان ئىدۇق (يەنى ئۇلارنىڭ ھەممە ئەھۋالىدىن خەۋەرداردۇرمىز) |
|
962 | 7 | 8 | والوزن يومئذ الحق فمن ثقلت موازينه فأولئك هم المفلحون |
| | | بۇ كۈندە بەندىلەرنىڭ (ياخشى يامان ئەمەللىرىنىڭ) ئۆلچىنىدىغانلىقى ھەقتۇر. ياخشى ئەمەللىرى ئېغىر چىققانلار نىجات تاپقۇچىلاردۇر |
|