نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
920 | 6 | 131 | ذلك أن لم يكن ربك مهلك القرى بظلم وأهلها غافلون |
| | | بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، پەرۋەردىگارىڭ شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسىنى (ئۇلارغا پەيغەمبەرلەر ئەۋەتىپ ئاگاھلاندۇرماستىن) غەپلەتتىكى ۋاقىتلىرىدا زۇلۇم قىلغانلىقلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلغىنى يوق |
|
921 | 6 | 132 | ولكل درجات مما عملوا وما ربك بغافل عما يعملون |
| | | (ئاخىرەتتە) ھەر ئادەمنىڭ قىلغان ئەمەلىگە يارىشا دەرىجىسى بولىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن غاپىل ئەمەس |
|
922 | 6 | 133 | وربك الغني ذو الرحمة إن يشأ يذهبكم ويستخلف من بعدكم ما يشاء كما أنشأكم من ذرية قوم آخرين |
| | | پەرۋەردىگارىڭ (خالايىقتىن ۋە ئۇلارنىڭ ئىبادەتلىرىدىن) بىھاجەتتۇر، رەھمەت ئىگىسىدۇر. ئەگەر ئۇ خالىسا، سىلەرنى ھالاك قىلىپ، سىلەرنى باشقا بىر قەۋمنىڭ ئەۋلادىدىن پەيدا قىلغاندەك، سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا ئۆزى خالىغان (ئىتائەتمەن) باشقا بىر قەۋمنى قويىدۇ |
|
923 | 6 | 134 | إن ما توعدون لآت وما أنتم بمعجزين |
| | | سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان (قىيامەت، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش قاتارلىق) ئىشلار چوقۇم مەيدانغا كېلىدۇ، سىلەر قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر |
|
924 | 6 | 135 | قل يا قوم اعملوا على مكانتكم إني عامل فسوف تعلمون من تكون له عاقبة الدار إنه لا يفلح الظالمون |
| | | (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئى قەۋمىم! سىلەر كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە ئىشلەڭلار (يەنى كۇفرىڭلاردا چىڭ تۇرۇڭلار)، مەنمۇ چوقۇم كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئىشلەيمەن (يەنى مەنمۇ ئۆز دەۋىتىمدە چىڭ تۇرىمەن). ئاخىرەتتە كىمنىڭ ئاقىۋېتى ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئۇزۇنغا قالماي بىلىسىلەر، زالىملار ئەلۋەتتە مەقسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ» |
|
925 | 6 | 136 | وجعلوا لله مما ذرأ من الحرث والأنعام نصيبا فقالوا هذا لله بزعمهم وهذا لشركائنا فما كان لشركائهم فلا يصل إلى الله وما كان لله فهو يصل إلى شركائهم ساء ما يحكمون |
| | | مۇشرىكلار اﷲ ياراتقان ئېكىنلەردىن ۋە چاھار پايلاردىن (يەنى تۆگە، كالا، قويلاردىن) اﷲ ئۈچۈن بىر ھەسسە (بۇتلىرى ئۈچۈن بىر ھەسسە) ئايرىپ قويۇپ، ئۆز گۇمانلىرىچە (ھېچقانداق دەلىلسىزلا): «بۇ اﷲ ئۈچۈندۇر، بۇ مەبۇدلىرىمىز ئۈچۈندۇر» دېدى. بۇتلىرىنىڭ نېسىۋېسىدىن اﷲ نىڭكىگە قوشۇشقا بولمايتتى، اﷲ نىڭ نېسىۋېسىدىن بۇتلىرىنىڭكىگە قوشۇشقا بولاتتى (مۇشرىكلار اﷲ قا ئاتىغان ھەسسىسىدىن بۇتلارغا ئاتىغان ھەسسىسىگە بىرەر نەرسە قوشۇلۇپ قالسا، ئۇنى بۇتلىرىنىڭ ھەسسىسى ئىچىدە قالدۇراتتى ۋە اﷲ باي، بۇنىڭغا موھتاج ئەمەس، دەيتتى. بۇتلىرىغا ئاتىغان ھەسسىسىدىن اﷲ قا ئاتىغان ھەسسىسىگە بىرەر نەرسە قوشۇلۇپ قالسا، ئۇنى بۇتلىرىنىڭ ھەسسىسىگە قايتۇرۇۋېتەتتى). ئۇلارنىڭ قارارى نېمىدېگەن قەبىھ! |
|
926 | 6 | 137 | وكذلك زين لكثير من المشركين قتل أولادهم شركاؤهم ليردوهم وليلبسوا عليهم دينهم ولو شاء الله ما فعلوه فذرهم وما يفترون |
| | | مۇشرىكلارنىڭ شېرىكلىرى (يەنى شەيتانلار) مۇشرىكلارنى ھالاك قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ دىنىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىغا بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈشنى، شۇنىڭدەك (يەنى اﷲ قا ۋە بۇتلارغا ھەسسە ئايرىپ قويۇشتەك تەقسىماتنى شەيتانلارغا ۋە مۇشرىكلارغا چىرايلىق كۆرسەتكەندەك) چىرايلىق كۆرسەتتى. ئەگەر اﷲ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلار بۇ (قەبىھ) ئىشنى قىلمايتتى، ئۇلارنى اﷲ قا چاپلىغان يالغانلىرى بىلەن بىللە تەرك ئەت |
|
927 | 6 | 138 | وقالوا هذه أنعام وحرث حجر لا يطعمها إلا من نشاء بزعمهم وأنعام حرمت ظهورها وأنعام لا يذكرون اسم الله عليها افتراء عليه سيجزيهم بما كانوا يفترون |
| | | ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۇمانىچە: «بۇ ھايۋانلار ۋە ئېكىنلەر (مەبۇدلىرىمىزغا خاس بولۇپ، باشقىلارغا) ھارامدۇر، ئۇلارنى پەقەت بىز خالىغان ئادەملەرلا يەيدۇ، بۇ ھايۋانلارنى مىنىش ھارامدۇر، بۇ ھايۋانلارنى بوغۇزلىغاندا اﷲ نىڭ ئىسمىنى ئېيتىشقا بولمايدۇ» دېدى. ئۇلار اﷲ قا يالغان چاپلىدى، اﷲ ئۇلارنى يالغان چاپلىغانلىقلىرى ئۈچۈن جازالايدۇ |
|
928 | 6 | 139 | وقالوا ما في بطون هذه الأنعام خالصة لذكورنا ومحرم على أزواجنا وإن يكن ميتة فهم فيه شركاء سيجزيهم وصفهم إنه حكيم عليم |
| | | ئۇلار: «بۇ ھايۋانلارنىڭ قورساقلىرىدىكى بالىلىرى بىزنىڭ ئەر كىشىلىرىمىزگە خاستۇر، بىزنىڭ خوتۇن كىشىلىرىمىزگە ھارامدۇر» دېدى. ئەگەر تۇغۇلغان ھايۋان ئۆلۈك بولسا، بۇ ئەر كىشىلەر بىلەن خوتۇن كىشىلەر ئارىسىدا ئورتاقتۇر (يەنى ئۇنى ھەممەيلەن تەڭ يەيدۇ) دەپ (ھالال - ھارامنى تەيىنلەشتى). اﷲ قا يالغان چاپلىغانلىقلىرى ئۈچۈن اﷲ ئۇلارنى جازالايدۇ. شۈبھىسىزكى، اﷲ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر |
|
929 | 6 | 140 | قد خسر الذين قتلوا أولادهم سفها بغير علم وحرموا ما رزقهم الله افتراء على الله قد ضلوا وما كانوا مهتدين |
| | | ھاماقەتلىك ۋە نادانلىقلىرىدىن بالىلىرىنى ئۆلتۈرگەن ۋە اﷲ نامىدىن يالغان ئېيتىپ، اﷲ رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى ھارام بىلگەن كىشىلەر ھەقىقەتەن زىيان تارتتى، ئۇلار ھەقىقەتەن (توغرا يولدىن) ئاداشتى، ھىدايەت تاپمىدى |
|