نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
841 | 6 | 52 | ولا تطرد الذين يدعون ربهم بالغداة والعشي يريدون وجهه ما عليك من حسابهم من شيء وما من حسابك عليهم من شيء فتطردهم فتكون من الظالمين |
| | | اﷲ نىڭ رازىلىقىنى دەپ ئەتىگەندە، ئاخشامدا پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىدىغانلارنى (يېنىڭدىن) قوغلىۋەتمىگىن، ئۇلارنىڭ ھېسابىدىن ساڭا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۈچۈن سەن جاۋابكارلىققا تارتىلمايسەن). سېنىڭ ھېسابىڭدىنمۇ ئۇلارغا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ، ئۇلارنى قوغلىۋەتسەڭ، زالىملاردىن بولۇپ قالىسەن |
|
842 | 6 | 53 | وكذلك فتنا بعضهم ببعض ليقولوا أهؤلاء من الله عليهم من بيننا أليس الله بأعلم بالشاكرين |
| | | ئۇلارنىڭ: «اﷲ ئارىمىزدىن (ھىدايەت قىلىش بىلەن) ئىنئام قىلغان كىشىلەر مۇشۇلارمۇ؟» دېيىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى بىر - بىرى بىلەن مۇشۇنداق سىنىدۇق (يەنى پېقىر، ئاجىز كىشىلەرنى ئىمان ئېيتقۇزۇش بىلەن، باي، چوڭ كىشىلەرنى سىنىدۇق). اﷲ شۈكۈر قىلغۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ ئەمەسمۇ؟ (يەنى شۈكۈر قىلغۇچىلارنى اﷲ ھىدايەت قىلىدۇ) |
|
843 | 6 | 54 | وإذا جاءك الذين يؤمنون بآياتنا فقل سلام عليكم كتب ربكم على نفسه الرحمة أنه من عمل منكم سوءا بجهالة ثم تاب من بعده وأصلح فأنه غفور رحيم |
| | | بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتقانلار يېنىڭغا كەلگەن چاغدا: «سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، پەرۋەردىگارىڭلار (بەندىلىرىگە) رەھمەت قىلىشنى (ئېھسان قىلىش يۈزىسىدىن) ئۆز ئۈستىگە ئالدى، سىلەردىن كىمكى بىلمەستىن بىرەر يامانلىق قىلىپ قويۇپ، ئاندىن كېيىن تەۋبە قىلسا ۋە (ئەمەلىنى) تۈزىسە، اﷲ ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلىدۇ ۋە رەھىم قىلىدۇ» دېگىن |
|
844 | 6 | 55 | وكذلك نفصل الآيات ولتستبين سبيل المجرمين |
| | | (بۇ سۈرىدە مۇشرىكلارنىڭ گۇمراھلىقىنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەرنى بايان قىلغىنىمىزدەك) گۇناھكارلارنىڭ يولى ئاشكارا بولسۇن ئۈچۈن، ئايەتلىرىمىزنى روشەن بايان قىلىمىز |
|
845 | 6 | 56 | قل إني نهيت أن أعبد الذين تدعون من دون الله قل لا أتبع أهواءكم قد ضللت إذا وما أنا من المهتدين |
| | | (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر اﷲ نى قايرىپ قويۇپ ئىبادەت قىلغان بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشتىن مەن ھەقىقەتەن مەنئى قىلىندىم». ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرنىڭ نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگەشمەيمەن، بولمىسا مەن ئازغان بولىمەن ۋە ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولالماي قالىمەن» |
|
846 | 6 | 57 | قل إني على بينة من ربي وكذبتم به ما عندي ما تستعجلون به إن الحكم إلا لله يقص الحق وهو خير الفاصلين |
| | | ئېيتقىنكى، «ھەقىقەتەن مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن نازىل بولغان روشەن دەلىلگە (يەنى قۇرئانغا ۋە ۋەھىگە) ئاساسلىنىمەن، ھالبۇكى، سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلدىڭلار، سىلەر بالدۇر يۈز بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئازاب مېنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا ئەمەس، بارچە ھۆكۈم اﷲ قا خاس، اﷲ ھەق ھۆكۈم قىلىدۇ، اﷲ ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ياخشىسىدۇر» |
|
847 | 6 | 58 | قل لو أن عندي ما تستعجلون به لقضي الأمر بيني وبينكم والله أعلم بالظالمين |
| | | ئېيتقىنكى، «سىلەر بالدۇر يۈز بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئازاب مېنىڭ قولۇمدىن كەلسە ئىدى، ئۇ چاغدا مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئىش چوقۇم ھۆكۈم قىلىنىپ بولغان بولاتتى (يەنى سىلەردىن ئارام تېپىش ئۈچۈن، سىلەرنى ھالاك قىلغان بولاتتىم)». اﷲ زالىملارنى ئوبدان بىلىدۇ |
|
848 | 6 | 59 | وعنده مفاتح الغيب لا يعلمها إلا هو ويعلم ما في البر والبحر وما تسقط من ورقة إلا يعلمها ولا حبة في ظلمات الأرض ولا رطب ولا يابس إلا في كتاب مبين |
| | | غەيبنىڭ خەزىنىلىرى اﷲ نىڭ دەرگاھىدىدۇر، ئۇنى پەقەتلا اﷲ بىلىدۇ، قۇرۇقلۇقتىكى، دېڭىزدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى اﷲ بىلىدۇ، (دەرەختىن) تۆكۈلگەن ياپراقتىن اﷲ بىلمەيدىغان بىرەرسىمۇ يوق، مەيلى قاراڭغۇ يەر ئاستىدىكى بىرەر دانە ئۇرۇق بولسۇن، مەيلى ھۆل ياكى قۇرۇق نەرسىلەر بولسۇن، ھەممىسى (اﷲ قا مەلۇم بولۇپ) لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىقلىقتۇر |
|
849 | 6 | 60 | وهو الذي يتوفاكم بالليل ويعلم ما جرحتم بالنهار ثم يبعثكم فيه ليقضى أجل مسمى ثم إليه مرجعكم ثم ينبئكم بما كنتم تعملون |
| | | اﷲ سىلەرنى كېچىسى ئۇخلىتىدۇ، كۈندۈزدىكى قىلغان ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاندىن بەلگىلەنگەن مۇددەتكىچە ياشىشىڭلار ئۈچۈن، كۈندۈزدە سىلەرنى ئويغىتىدۇ، ئاندىن اﷲ نىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاندىن قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى اﷲ سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ |
|
850 | 6 | 61 | وهو القاهر فوق عباده ويرسل عليكم حفظة حتى إذا جاء أحدكم الموت توفته رسلنا وهم لا يفرطون |
| | | اﷲ بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدە قاھىردۇر (يەنى اﷲ بەندىلىرىنى تىزگىنلەپ تۇرغۇچىدۇر)، ئۇ سىلەرگە ساقلىغۇچى پەرىشتىلەرنى (يەنى قىلغان - ئەتكەننى خاتىرىلەپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەرنى) ئەۋەتىدۇ، بېرىڭلارغا ئۆلۈم كەلسە، ئۇنى بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز قەبزى روھ قىلىدۇ. ئۇلار (اﷲ نىڭ ئەمرىنى ئورۇنلاشتا) بىپەرۋالىق قىلمايدۇ |
|