نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
6138 | 98 | 8 | جزاؤهم عند ربهم جنات عدن تجري من تحتها الأنهار خالدين فيها أبدا رضي الله عنهم ورضوا عنه ذلك لمن خشي ربه |
| | | ئۇلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا بېرىلىدىغان مۇكاپات (ئۇلارنىڭ) تۇرار جايى بولغان، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇركى، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. اﷲ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلارمۇ اﷲ تىن مەمنۇن بولىدۇ. بۇنىڭغا پەرۋەردىگارىدىن قورققان ئادەم ئېرىشىدۇ |
|
6139 | 99 | 1 | بسم الله الرحمن الرحيم إذا زلزلت الأرض زلزالها |
| | | زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەندە، |
|
6140 | 99 | 2 | وأخرجت الأرض أثقالها |
| | | زېمىن (قوينىدىكى) يۈكلىرىنى (يەنى مەدەنلەر، ئوتلار، ئۆلۈكلەرنى) چىقارغاندا، |
|
6141 | 99 | 3 | وقال الإنسان ما لها |
| | | ئىنسان (يەنى كاپىر) ئۇنىڭغا (يەنى زېمىنغا): «نېمە بولدى؟» دېگەندە، |
|
6142 | 99 | 4 | يومئذ تحدث أخبارها |
| | | بۇ كۈندە زېمىن ئۆزىنىڭ خەۋەرلىرىنى (يەنى ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىشلەنگەن ياخشى - يامان ئىشلارنى) مەلۇم قىلىدۇ |
|
6143 | 99 | 5 | بأن ربك أوحى لها |
| | | (ئۇنىڭ مەلۇم قىلىشى) پەرۋەردىگارىنىڭ ئۇنى شۇنداق قىلىشقا ئەمر قىلغانلىقىدىندۇر |
|
6144 | 99 | 6 | يومئذ يصدر الناس أشتاتا ليروا أعمالهم |
| | | بۇ كۈندە كىشىلەر قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈش (يەنى نەتىجىسىگە ئېرىشىش) ئۈچۈن توپ - توپ بولۇپ تارىلىپ كېتىدۇ |
|
6145 | 99 | 7 | فمن يعمل مثقال ذرة خيرا يره |
| | | كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ |
|
6146 | 99 | 8 | ومن يعمل مثقال ذرة شرا يره |
| | | كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ |
|
6147 | 100 | 1 | بسم الله الرحمن الرحيم والعاديات ضبحا |
| | | (غازىلارنىڭ دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىشىدا) ھاسىراپ يۈگۈرگۈچى، (قاتتىق يۈگۈرگەنلىكتىن) تۇۋاقلىرىدىن ئوت چىقارغۇچى، ئەتىگەندە (دۈشمەن ئۈستىگە) باستۇرۇپ كىرگۈچى، (قاتتىق چاپقانلىقتىن) توپا - چاڭ چىقارغۇچى، شۇ توپا - چاڭ بىلەن دۈشمەن توپى ئىچىگە كىرىپ كەتكۈچى ئاتلار بىلەن قەسەمكى |
|