نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
5917 | 85 | 8 | وما نقموا منهم إلا أن يؤمنوا بالله العزيز الحميد |
| | | ئۇلار مۆمىنلەرنى پەقەت غالىب، مەدھىيىگە لايىق اﷲ قا ئىمان ئېيتقانلىقلىرى ئۈچۈنلا يامان كۆردى. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى اﷲ قا خاستۇر. اﷲ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، |
|
5918 | 85 | 9 | الذي له ملك السماوات والأرض والله على كل شيء شهيد |
| | | ئۇلار مۆمىنلەرنى پەقەت غالىب، مەدھىيىگە لايىق اﷲ قا ئىمان ئېيتقانلىقلىرى ئۈچۈنلا يامان كۆردى. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى اﷲ قا خاستۇر. اﷲ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر |
|
5919 | 85 | 10 | إن الذين فتنوا المؤمنين والمؤمنات ثم لم يتوبوا فلهم عذاب جهنم ولهم عذاب الحريق |
| | | مۆمىن ئەر ۋە مۆمىن ئاياللارغا زىيانكەشلىك قىلغاندىن كېيىن كۇفرىدىن قايتمىغانلار، شۈبھىسىزكى، جەھەننەمنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارغا ئوت بىلەن ئازاب قىلىنىدۇ |
|
5920 | 85 | 11 | إن الذين آمنوا وعملوا الصالحات لهم جنات تجري من تحتها الأنهار ذلك الفوز الكبير |
| | | ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار، شۈبھىسىزكى، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە سازاۋەر بولىدۇ. بۇ چوڭ بەختتۇر |
|
5921 | 85 | 12 | إن بطش ربك لشديد |
| | | پەرۋەردىگارىڭنىڭ جازاسى شەك - شۈبھىسىز قاتتىقتۇر |
|
5922 | 85 | 13 | إنه هو يبدئ ويعيد |
| | | اﷲ (خالايىقنى) ھەقىقەتەن يوقتىن بار قىلىدۇ (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن ئۇلارنى) تىرىلدۈرىدۇ |
|
5923 | 85 | 14 | وهو الغفور الودود |
| | | اﷲ (مۆمىن بەندىلەرنىڭ گۇناھىنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. (ئۇلارنى) دوست تۇتقۇچىدۇر، |
|
5924 | 85 | 15 | ذو العرش المجيد |
| | | ئەرشنىڭ ئىگىسىدۇر، ناھايىتى ئۇلۇغدۇر، |
|
5925 | 85 | 16 | فعال لما يريد |
| | | خالىغىنىنى قىلغۇچىدۇر |
|
5926 | 85 | 17 | هل أتاك حديث الجنود |
| | | (ئى مۇھەممەد!) سەن لەشكەرلەرنىڭ - پىرئەۋن ۋە سەمۇدنىڭ قىسسىسىدىن خەۋەر تاپتىڭمۇ؟ |
|