بسم الله الرحمن الرحيم

نتائج البحث: 6236
ترتيب الآيةرقم السورةرقم الآيةالاية
5889845وأذنت لربها وحقت
پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ ئىتائەت قىلغان، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاشقا، ئىتائەت قىلىشقا لايىق بولغان چاغدا (ئىنسان خىيالىغا كەلمىگەن دەھشەتلىك ئەھۋاللارغا يولۇقىدۇ)
5890846يا أيها الإنسان إنك كادح إلى ربك كدحا فملاقيه
ئى ئىنسان! سەن ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭغا مۇلاقات بولغىنىڭغا قەدەر (ئۆز ئىشىڭدا) سەئيى - ئىجتىھات قىلىسەن (يەنى ئەمەلىڭنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىسەن)
5891847فأما من أوتي كتابه بيمينه
نامە - ئەمالى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەمدىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ
5892848فسوف يحاسب حسابا يسيرا
نامە - ئەمالى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەمدىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ
5893849وينقلب إلى أهله مسرورا
(ئۇ جەننەتتىكى) ئائىلىسىگە خۇشال - خۇرام قايتىدۇ
58948410وأما من أوتي كتابه وراء ظهره
نامە - ئەمالى ئارقا تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەم
58958411فسوف يدعو ثبورا
«ۋاي دەپ توۋلايدۇ (يەنى ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىدۇ)،
58968412ويصلى سعيرا
دوزاخقا كىرىدۇ
58978413إنه كان في أهله مسرورا
چۈنكى ئۇ (دۇنيادىكى چېغىدا) ئائىلىسىدە شاد - خۇرام ئىدى.
58988414إنه ظن أن لن يحور
ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا قايتىمەن دەپ گۇمان قىلدى


0 ... 578.8 579.8 580.8 581.8 582.8 583.8 584.8 585.8 586.8 587.8 589.8 590.8 591.8 592.8 593.8 594.8 595.8 596.8 597.8 ... 623

إنتاج هذه المادة أخد: 0.03 ثانية


المغرب.كووم © ٢٠٠٩ - ١٤٣٠ © الحـمـد لله الـذي سـخـر لـنا هـذا :: وقف لله تعالى وصدقة جارية

28124958471744186914671398639881037651