نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
5715 | 79 | 3 | والسابحات سبحا |
| | | (اﷲ نىڭ ئەمرىنى ئاسماندىن) تېز ئېلىپ چۈشكۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى، |
|
5716 | 79 | 4 | فالسابقات سبقا |
| | | (مۆمىنلەرنىڭ جانلىرىنى ئېلىپ جەننەتكە) ئىلگىرلىگۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى، |
|
5717 | 79 | 5 | فالمدبرات أمرا |
| | | (اﷲ نىڭ ئەمرى بىلەن) كائىناتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى، (سىلەر چوقۇم تىرىلدۈرۈلىسىلەر، سىلەردىن چوقۇم ھېساب ئېلىنىدۇ) |
|
5718 | 79 | 6 | يوم ترجف الراجفة |
| | | بۇ كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دە زېمىن (ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەر قوشۇلۇپ) تەۋرەيدۇ |
|
5719 | 79 | 7 | تتبعها الرادفة |
| | | ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا ئاسمان (ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەر قوشۇلۇپ) تەۋرەيدۇ |
|
5720 | 79 | 8 | قلوب يومئذ واجفة |
| | | بۇ كۈندە دىللارنى (يەنى كۇففارلارنىڭ دىللىرىنى) قورقۇنچ باسىدۇ |
|
5721 | 79 | 9 | أبصارها خاشعة |
| | | شۇ (دىللارنىڭ ئىگىلىرىنىڭ) كۆزلىرى (قورقۇنچتىن) تىكىلىپ قارىيالمايدۇ |
|
5722 | 79 | 10 | يقولون أإنا لمردودون في الحافرة |
| | | ئۇلار ئېيتىدۇ: «راستلا بىز ئاۋۋالقى ھالىمىزغا قايتۇرۇلامدۇق؟ (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلەمدۇق؟) |
|
5723 | 79 | 11 | أإذا كنا عظاما نخرة |
| | | ئۇ بىزنىڭ چىرىگەن سۆڭەك بولۇپ قالغان ۋاقتىمىز ئەمەسمۇ؟» |
|
5724 | 79 | 12 | قالوا تلك إذا كرة خاسرة |
| | | ئۇلار ئېيتتى: «ئۇنداق بولىدىغان بولسا، بۇ (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش) زىيانلىق قايتىشتۇر (يەنى بىز ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىدىغان بولساق، دوزاخ ئەھلى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن زىيان تارتقۇچىلارمىز)» |
|