نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
5692 | 78 | 20 | وسيرت الجبال فكانت سرابا |
| | | تاغلار ھەرىكەتلەندۈرۈلۈپ سەررابتەك بولۇپ قالىدۇ (يەنى تاغلار توزۇپ يىراقتىن قارىغۇچىغا سۇدەك تۇيۇلىدۇ) |
|
5693 | 78 | 21 | إن جهنم كانت مرصادا |
| | | جەھەننەم ھەقىقەتەن (كۇففارلارنى) كۈتۈپ تۇرىدۇ |
|
5694 | 78 | 22 | للطاغين مآبا |
| | | جەھەننەم، شۈبھىسىزكى، گۇناھكارلارنىڭ جايىدۇر |
|
5695 | 78 | 23 | لابثين فيها أحقابا |
| | | ئۇلار جەھەننەمدە ئۇزاق مۇددەت قالىدۇ |
|
5696 | 78 | 24 | لا يذوقون فيها بردا ولا شرابا |
| | | ئۇلار جەھەننەمدە (جەھەننەمنىڭ ھارارىتىنى يىنىكلىتىلگەن) بىرەر سۆرۈنلۈككە ۋە (تەشنالىقنى قاندۇرىدىغان) بىرەر ئىچىملىككە ئېرىشەلمەيدۇ |
|
5697 | 78 | 25 | إلا حميما وغساقا |
| | | ئۇلارنىڭ ئېرىشىدىغىنى پەقەت يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ ۋە يىرىڭدىنلا ئىبارەت بولىدۇ |
|
5698 | 78 | 26 | جزاء وفاقا |
| | | بۇ (ئۇلارغا بېرىلىدىغان) مۇۋاپىق جازادۇر |
|
5699 | 78 | 27 | إنهم كانوا لا يرجون حسابا |
| | | چۈنكى ئۇلار (قىلمىشلىرىدىن) ھېساب ئېلىنىشتىن قورقمايتتى |
|
5700 | 78 | 28 | وكذبوا بآياتنا كذابا |
| | | ھەمدە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى قاتتىق ئىنكار قىلاتتى |
|
5701 | 78 | 29 | وكل شيء أحصيناه كتابا |
| | | ھەر نەرسىنى تولۇق خاتىرىلەپ قويىمىز |
|