نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
5587 | 75 | 36 | أيحسب الإنسان أن يترك سدى |
| | | ئىنسان ئۆزىنى بىكار قويۇپ بېرىلىدۇ (يەنى شەرىئەت ئىشلىرىغا تەكلىپ قىلىنماي، مەيلىگە قويۇۋېتىلگەن ھايۋانغا ئوخشاش) دەپ ئويلامدۇ؟ |
|
5588 | 75 | 37 | ألم يك نطفة من مني يمنى |
| | | ئۇ (بەچچىدانلارغا) تۆكىلىدىغان (ئاجىز مەنىي) ئەمەسمىدى؟ |
|
5589 | 75 | 38 | ثم كان علقة فخلق فسوى |
| | | ئاندىن ئۇ لەختە قان بولدى، ئاندىن اﷲ ئۇنى چىرايلىق شەكىلدە ياراتتى |
|
5590 | 75 | 39 | فجعل منه الزوجين الذكر والأنثى |
| | | ئۇ مەنىيدىن ئەر - ئايال (ئىككى تىپنى) ياراتتى |
|
5591 | 75 | 40 | أليس ذلك بقادر على أن يحيي الموتى |
| | | ئۇ (يەنى يۇقىرىقىدەك ئىشلارنى قىلالىغان اﷲ) ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەسمۇ؟ |
|
5592 | 76 | 1 | بسم الله الرحمن الرحيم هل أتى على الإنسان حين من الدهر لم يكن شيئا مذكورا |
| | | ئىنسان (ئانىنىڭ قورسىقىدا) بىر مۇددەتنى ئۆتكۈزدى، ئۇ (ئەرزىمگەنلىكتىن) تىلغا ئېلىنىدىغان نەرسە بولمىدى |
|
5593 | 76 | 2 | إنا خلقنا الإنسان من نطفة أمشاج نبتليه فجعلناه سميعا بصيرا |
| | | شۈبھىسىزكى، بىز ئىنساننى ئارىلاشما مەنىي (يەنى ئەر بىلەن ئاياللارنىڭ مەنىيسى) دىن ياراتتۇق، ئۇنى بىز (شەرىئەت تەكلىپلىرى بىلەن) سىنايمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى بىز (ئۇنى نازىل قىلغان ئايەتلىرىمىزنى ئاڭلىسۇن، كائىناتنى ياراتقۇچىنىڭ بىرلىكىگە دالالەت قىلىدىغان دەلىللەرنى كۆرسۇن دەپ) ئاڭلايدىغان، كۆرۈدىغان قىلىپ ياراتتۇق |
|
5594 | 76 | 3 | إنا هديناه السبيل إما شاكرا وإما كفورا |
| | | شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭغا بىز (پەيغەمبەر ئەۋەتىش بىلەن ياخشى - يامان) يولنى كۆرسەتتۇق، ئۇ مۆمىن بولۇپ ياخشى يولدا مېڭىپ) اﷲ نىڭ نېمىتىگە) شۈكۈر قىلغۇچىدۇر، ياكى (فاجىر بولۇپ يامان يولدا مېڭىپ) كۇفرىلىق قىلغۇچىدۇر |
|
5595 | 76 | 4 | إنا أعتدنا للكافرين سلاسل وأغلالا وسعيرا |
| | | شۈبھىسىزكى، بىز كاپىرلارغا (پۇتلىرىغا سېلىنىدىغان) زەنجىرلەرنى، (بويۇنلىرىغا سېلىنىدىغان) تاقاقلارنى ۋە يېنىپ تۇرغان دوزاخنى تەييارلىدۇق |
|
5596 | 76 | 5 | إن الأبرار يشربون من كأس كان مزاجها كافورا |
| | | ھەقىقەتەن ياخشىلار كافۇر ئارىلاشتۇرۇلغان (مەي بىلەن تولدۇرۇلغان) جاملاردىن ئىچىدۇ |
|