نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
557 | 4 | 64 | وما أرسلنا من رسول إلا ليطاع بإذن الله ولو أنهم إذ ظلموا أنفسهم جاءوك فاستغفروا الله واستغفر لهم الرسول لوجدوا الله توابا رحيما |
| | | بىز ھەر قانداق پەيغەمبەرنى پەقەت ئىتائەت قىلىنىش ئۈچۈنلا ئەۋەتتۇق (ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغانلىق اﷲ قا ئىتائەت قىلغانلىق بولىدۇ)، ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) (سېنىڭ ھۆكىمىڭنى قوبۇل قىلماي) ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغاندا، ساڭا كېلىپ اﷲ تىن مەغپىرەت تىلىسە، پەيغەمبەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىسە ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇلار اﷲ نى كەچۈرۈم قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان تاپاتتى |
|
558 | 4 | 65 | فلا وربك لا يؤمنون حتى يحكموك فيما شجر بينهم ثم لا يجدوا في أنفسهم حرجا مما قضيت ويسلموا تسليما |
| | | (ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكىمىڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى قىلچە غۇم بولسىمۇ يوقالمىغىچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغىچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ |
|
559 | 4 | 66 | ولو أنا كتبنا عليهم أن اقتلوا أنفسكم أو اخرجوا من دياركم ما فعلوه إلا قليل منهم ولو أنهم فعلوا ما يوعظون به لكان خيرا لهم وأشد تثبيتا |
| | | ئەگەر بىز ئۇلارغا: «ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرۈڭلار ياكى يۇرتۇڭلاردىن چىقىپ كېتىڭلار» دەپ ئەمر قىلغان بولساق (يەنى ئىلگىرىكىلەرگە يۈكلىگەندەك ئېغىر تەكلىپنى ئۇلارغا يۈكلىسەك) ئىدۇق، ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى بۇنى ئىجرا قىلمايتتى، ئەگەر ئۇلار قىلىنغان ۋەز - نەسىھەتكە ئەمەل قىلسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارغا ياخشى بولاتتى ۋە ئىمانى مۇستەھكەم بولغان بولاتتى (گۇمراھلىق ۋە نىفاقتىن ئەڭ يىراق بولغان بولاتتى) |
|
560 | 4 | 67 | وإذا لآتيناهم من لدنا أجرا عظيما |
| | | ئۇ چاغدا دەرگاھىمىزدىن ئۇلارغا ئەلۋەتتە بۈيۈك ئەجىر (يەنى جەننەت) ئاتا قىلاتتۇق |
|
561 | 4 | 68 | ولهديناهم صراطا مستقيما |
| | | ئۇلارنى ئەلۋەتتە توغرا يولغا ھىدايەت قىلاتتۇق |
|
562 | 4 | 69 | ومن يطع الله والرسول فأولئك مع الذين أنعم الله عليهم من النبيين والصديقين والشهداء والصالحين وحسن أولئك رفيقا |
| | | كىملەركى اﷲ قا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇلار (ئاخىرەتتە) اﷲ نىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن پەيغەمبەرلەر، سىددىقلار (يەنى يۇقىرى دەرىجىلىك پەيغەمبەرلەر ۋە شېھىتلەر)، شېھىتلەر ۋە ياخشىلار بىلەن بىللە بولىدۇ، ئۇلار نېمىدېگەن ياخشى ھەمراھلار |
|
563 | 4 | 70 | ذلك الفضل من الله وكفى بالله عليما |
| | | بۇ پەزل اﷲ تەرىپىدىندۇر، اﷲ (پەزل - ئېھسانغا تېگىشلىك بولغانلارنى) بىلىشتە يېتەرلىكتۇر |
|
564 | 4 | 71 | يا أيها الذين آمنوا خذوا حذركم فانفروا ثبات أو انفروا جميعا |
| | | ئى مۆمىنلەر! (دۈشمەنلەرنىڭ شەررىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن) تەييارلىق ھالىتىدە تۇرۇڭلار، ئۇرۇشقا تۈركۈم - تۈركۈم بولۇپ ياكى ھەممىڭلار بىر بولۇپ چىقىڭلار |
|
565 | 4 | 72 | وإن منكم لمن ليبطئن فإن أصابتكم مصيبة قال قد أنعم الله علي إذ لم أكن معهم شهيدا |
| | | شۈبھىسىزكى، ئاراڭلاردا ئۇرۇشقا چىقماي قېلىپ قالغانلار (يەنى مۇناپىقلار) بار، ئەگەر سىلەرگە بىرەر مۇسىبەت (يەنى مەغلۇبىيەت ياكى قىرغىنلىق) كەلسە، (ئۇ مۇناپىق) «اﷲ ماڭا ھەقىقەتەن مەرھەمەت قىلدى، چۈنكى مەن ئۇلار بىلەن (ئۇرۇشتا) بىللە بولمىدىم (بولمىسا ئۆلتۈرۈلگەنلەر قاتارىدا ئۆلتۈرۈلگەن بولاتتىم)» دەيدۇ |
|
566 | 4 | 73 | ولئن أصابكم فضل من الله ليقولن كأن لم تكن بينكم وبينه مودة يا ليتني كنت معهم فأفوز فوزا عظيما |
| | | ئەگەر سىلەرگە اﷲ نىڭ پەزلى (يەنى غەلىبە ۋە غەنىيمەت) يەتسە، گويا سىلەر بىلەن ئۇ (يەنى مۇناپىق) نىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق دوستلۇق يوقتىكىدەك، «كاشكى مەن (ئۇرۇشتا) ئۇلار بىلەن بىللە بولغان بولسام، چوڭ بىر مۇۋەپپەقىيەتكە (يەنى غەنىيمەتتىن زور نېسىۋىگە) ئېرىشكەن بولاتتىم» دەيدۇ |
|