نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
5544 | 74 | 49 | فما لهم عن التذكرة معرضين |
| | | ئۇلار نېمىشقا ۋەز (يەنى قۇرئان) دىن يۈز ئۆرۈيدۇ |
|
5545 | 74 | 50 | كأنهم حمر مستنفرة |
| | | گويا ئۇلار يولۋاستىن قاچقان ياۋايى ئېشەكلەردۇر (يەنى بۇ مۇشرىكلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەندە، ئۇنىڭدىن خۇددى يولۋاسنى كۆرۈپ قاچقان ياۋا ئېشەكلەردەك قاچىدۇ) |
|
5546 | 74 | 51 | فرت من قسورة |
| | | گويا ئۇلار يولۋاستىن قاچقان ياۋايى ئېشەكلەردۇر (يەنى بۇ مۇشرىكلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەندە، ئۇنىڭدىن خۇددى يولۋاسنى كۆرۈپ قاچقان ياۋا ئېشەكلەردەك قاچىدۇ) |
|
5547 | 74 | 52 | بل يريد كل امرئ منهم أن يؤتى صحفا منشرة |
| | | بەلكى ئۇلاردىن ھەر كىشى ئۆزىگە ئوچۇق سەھىپىلەر بېرىلىشىنى خالايدۇ (يەنى ئۇلار اﷲ نىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان كىتابىدەك كىتاب نازىل قىلىنىشىنى تەمە قىلىدۇ) |
|
5548 | 74 | 53 | كلا بل لا يخافون الآخرة |
| | | ياق (يەنى ئۇلار مۇنداق تەمەدىن يانسۇن). بەلكى ئۇلار (ئاخىرەتتىن) قورقمايدۇ |
|
5549 | 74 | 54 | كلا إنه تذكرة |
| | | ياق، مۇقەررەركى، ئۇ (يەنى قۇرئان) ۋەز - نەسىھەتتۇر (ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بەختىيار بولۇشىنى كۆزلەيدىغان بولسا، قۇرئان ئۇلارنىڭ ۋەز - نەسىھەت ئېلىشىغا يېتەرلىكتۇر) |
|
5550 | 74 | 55 | فمن شاء ذكره |
| | | خالىغان ئادەم ئۇنىڭدىن ۋەز - نەسىھەت ئالىدۇ |
|
5551 | 74 | 56 | وما يذكرون إلا أن يشاء الله هو أهل التقوى وأهل المغفرة |
| | | ئۇلار پەقەت خالىسا، ئاندىن ۋەز - نەسىھەت ئالىدۇ، اﷲ (بەندىلىرى) قورقۇشقا تېگىشلىك زاتتۇر، (بەندىلىرىنى) مەغپىرەت قىلىشقا لايىق زاتتۇر |
|
5552 | 75 | 1 | بسم الله الرحمن الرحيم لا أقسم بيوم القيامة |
| | | قىيامەت كۈنى بىلەن قەسەمكى، |
|
5553 | 75 | 2 | ولا أقسم بالنفس اللوامة |
| | | ئۆزىنى مالامەت قىلغۇچى نەپسى بىلەن قەسەمكى، (سىلەر چوقۇم تىرىلدۈرۈلىسىلەر، سىلەردىن چوقۇم ھېساب ئېلىنىدۇ) |
|