نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
5490 | 73 | 15 | إنا أرسلنا إليكم رسولا شاهدا عليكم كما أرسلنا إلى فرعون رسولا |
| | | شۈبھىسىزكى، بىز پىرئەۋنگە بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتكەندەك، سىلەرگە (ئەمەلىڭلارغا) گۇۋاھلىق بەرگۈچى بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتتۇق |
|
5491 | 73 | 16 | فعصى فرعون الرسول فأخذناه أخذا وبيلا |
| | | پىرئەۋن پەيغەمبەرگە (يەنى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا) ئاسىيلىق قىلدى (يەنى پىرئەۋن مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتماي، ئۇنى يالغانغا چىقاردى، ئى قۇرەيش جامائەسى! سىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاسىيلىق قىلغاندەك، پىرئەۋنمۇ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئاسىيلىق قىلغان ئىدى)، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى قاتتىق جازالىدۇق |
|
5492 | 73 | 17 | فكيف تتقون إن كفرتم يوما يجعل الولدان شيبا |
| | | (ئى قۇرەيش جامائەسى!) ئەگەر ئىمان ئېيتمىساڭلار، (دەھشىتىدىن) بالىلارنىڭ بېشىنى ئاقارتىۋېتىدىغان كۈندىن قانداق ساقلىنىسىلەر |
|
5493 | 73 | 18 | السماء منفطر به كان وعده مفعولا |
| | | ئۇ كۈننىڭ (دەھشىتىدىن) ئاسمان يېرىلىدۇ، اﷲ نىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ (چۈنكى اﷲ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ) |
|
5494 | 73 | 19 | إن هذه تذكرة فمن شاء اتخذ إلى ربه سبيلا |
| | | بۇ ئايەتلەر ھەقىقەتەن ۋەز - نەسىھەتتۇر، (بۇ ۋەز - نەسىھەتتىن پايدىلىنىشنى) خالىغان ئادەم پەرۋەردىگارىغا يەتكۈزىدىغان يولنى تۇتسۇن |
|
5495 | 73 | 20 | إن ربك يعلم أنك تقوم أدنى من ثلثي الليل ونصفه وثلثه وطائفة من الذين معك والله يقدر الليل والنهار علم أن لن تحصوه فتاب عليكم فاقرءوا ما تيسر من القرآن علم أن سيكون منكم مرضى وآخرون يضربون في الأرض يبتغون من فضل الله وآخرون يقاتلون في سبيل الله فاقرءوا ما تيسر منه وأقيموا الصلاة وآتوا الزكاة وأقرضوا الله قرضا حسنا وما تقدموا لأنفسكم من خير تجدوه عند الله هو خيرا وأعظم أجرا واستغفروا الله إن الله غفور رحيم |
| | | (ئى مۇھەممەد!) شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ سېنىڭ ۋە سەن بىلەن بولغانلارنىڭ (يەنى ساھابىلەر) دىن بىر توپ ئادەمنىڭ (تەھەججۇد نامىزى ئۈچۈن) كېچىنىڭ ئۈچتىن ئىككى ھەسسىسىدە، يېرىمىدا ۋە ئۈچتىن بىر ھەسسىسىدە تۇرىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ (ئۇزۇنلۇقى) نى اﷲ ئالدىنئالا بەلگىلەيدۇ، سىلەرنىڭ ئۇنى ھېسابلاپ بولالمايدىغانلىقىڭلارنى اﷲ بىلىدۇ، اﷲ سىلەرگە رەھىم قىلدى (يەنى كېچىدە تەھەججۇد نامىزى ئوقۇشنىڭ پەرزلىكىنى) ئەمەلدىن قالدۇردى، تەھەججۇد نامىزىدىن سىلەرگە قۇلاي بولغاننى ئوقۇڭلار، اﷲ بىلىدۇكى، بەزىڭلار كېسەل بولۇپ قالىسىلەر، بەزىلەر اﷲ نىڭ پەزلىنى تىلەپ (يەنى تىجارەت قىلىپ) يەر يۈزىدە سەپەر قىلىدۇ، يەنە بەزىلەر اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭدىن (يەنى تەھەججۇد نامىزىدىن) قۇلاي بولغاننى ئوقۇڭلار، (پەرز) نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، اﷲ قا قەرزىي ھەسەنە بېرىڭلار (يەنى اﷲ نىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل - مال سەرپ قىلىڭلار)، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن (دۇنيادا) قايسىبىر ياخشى ئىشنى قىلساڭلار، اﷲ نىڭ دەرگاھىدا تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ كاتتا ساۋابقا ئېرىشىسىلەر (دۇنيا بولسا پانىيدۇر، ئاخىرەت بولسا باقىيدۇر ياخشى بەندىلەر ئۈچۈن اﷲ نىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاب ھەممىدىن ئارتۇقتۇر)، اﷲ تىن مەغپىرەت تىلەڭلار، اﷲ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر |
|
5496 | 74 | 1 | بسم الله الرحمن الرحيم يا أيها المدثر |
| | | ئى (ۋەھيى نازىل بولغان چاغدا) كىيىمگە چۈمكىلىۋالغۇچى (پەيغەمبەر!) |
|
5497 | 74 | 2 | قم فأنذر |
| | | تۇر! (ئىنسانلارنى) اﷲ ىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇر |
|
5498 | 74 | 3 | وربك فكبر |
| | | پەرۋەردىگارىڭنى ئۇلۇغلا |
|
5499 | 74 | 4 | وثيابك فطهر |
| | | كىيىمىڭنى پاك تۇت |
|