نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
5476 | 73 | 1 | بسم الله الرحمن الرحيم يا أيها المزمل |
| | | ئى كىيىمگە يۆگىنىۋالغۇچى (پەيغەمبەر!) |
|
5477 | 73 | 2 | قم الليل إلا قليلا |
| | | كېچىنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسىدا، يېرىمىدا ياكى يېرىمىدىنمۇ ئازراقىدا ياكى يېرىمىدىن كۆپرەكىدە ناماز ئوقۇغىن، قۇرئاننى تەرتىل بىلەن (يەنى دانە - دانە، ئوچۇق) ئوقۇغىن |
|
5478 | 73 | 3 | نصفه أو انقص منه قليلا |
| | | كېچىنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسىدا، يېرىمىدا ياكى يېرىمىدىنمۇ ئازراقىدا ياكى يېرىمىدىن كۆپرەكىدە ناماز ئوقۇغىن، قۇرئاننى تەرتىل بىلەن (يەنى دانە - دانە، ئوچۇق) ئوقۇغىن |
|
5479 | 73 | 4 | أو زد عليه ورتل القرآن ترتيلا |
| | | كېچىنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسىدا، يېرىمىدا ياكى يېرىمىدىنمۇ ئازراقىدا ياكى يېرىمىدىن كۆپرەكىدە ناماز ئوقۇغىن، قۇرئاننى تەرتىل بىلەن (يەنى دانە - دانە، ئوچۇق) ئوقۇغىن |
|
5480 | 73 | 5 | إنا سنلقي عليك قولا ثقيلا |
| | | ساڭا ھەقىقەتەن تەنتەنىلىك قۇرئاننى نازىل قىلىمىز |
|
5481 | 73 | 6 | إن ناشئة الليل هي أشد وطئا وأقوم قيلا |
| | | شۈبھىسىزكى، كېچىنىڭ قىيامى (يەنى كېچىدە كىشىنىڭ ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ تۇرۇشى) ئەڭ مۇۋاپىقتۇر، (تىنچ بولغانلىقى ئۈچۈن) كېچىنىڭ قىرائىتى ئەڭ توغرا بولىدۇ |
|
5482 | 73 | 7 | إن لك في النهار سبحا طويلا |
| | | ھەقىقەتەن كۈندۈزى ئىش بىلەن ئالدىراش بولىسەن، (شۇڭا ئىبادەتكە) كېچىسى بېرىلگىن |
|
5483 | 73 | 8 | واذكر اسم ربك وتبتل إليه تبتيلا |
| | | پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى ياد ئەتكىن، (ئىبادىتىڭدا) ئۇنىڭغا تولۇق يۈزلەنگىن |
|
5484 | 73 | 9 | رب المشرق والمغرب لا إله إلا هو فاتخذه وكيلا |
| | | ئۇ مەشرىقنىڭ ۋە مەغرىبنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنى ھامىي قىلىۋالغىن (يەنى ھەممە ئىشىڭنى ئۇنىڭغا تاپشۇرغىن) |
|
5485 | 73 | 10 | واصبر على ما يقولون واهجرهم هجرا جميلا |
| | | ئۇلارنىڭ (يەنى مەككە كۇففارلىرىنىڭ) (سېنى سېھىرگەر، شائىر، مەجنۇن دېگەن) سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، ئۇلارنى چىرايلىقچە تەرك ئەتكىن |
|