نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
5467 | 72 | 20 | قل إنما أدعو ربي ولا أشرك به أحدا |
| | | (ئى مۇھەممەد! دىنىڭدىن يېنىپ كېتىشىڭنى تەلەپ قىلغان بۇ كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىمغا ئىبادەت قىلىمەن، ئۇنىڭغا ھېچ ئەھەدىنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن» |
|
5468 | 72 | 21 | قل إني لا أملك لكم ضرا ولا رشدا |
| | | ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرگە پايدا - زىيان يەتكۈزۈشكە قادىر بولالمايمەن (بۇنىڭغا پەقەت اﷲ قادىر بولالايدۇ)» |
|
5469 | 72 | 22 | قل إني لن يجيرني من الله أحد ولن أجد من دونه ملتحدا |
| | | ئېيتقىنكى، «(ئەگەر مەن اﷲ قا ئاسىي بولسام) مېنى اﷲ نىڭ ئازابىدىن ھېچ كىشى قۇتقۇزالمايدۇ، اﷲ تىن باشقا ھېچ پاناھگاھمۇ تاپالمايمەن (شۇنداق تۇرۇقلۇق، مەن سىلەرنىڭ تەلىپىڭلارنى قانداق قوبۇل قىلالايمەن) |
|
5470 | 72 | 23 | إلا بلاغا من الله ورسالاته ومن يعص الله ورسوله فإن له نار جهنم خالدين فيها أبدا |
| | | مەن پەقەت (سىلەرگە) اﷲ نىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزۈشكە قادىرمەن، كىمكى اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىدىكەن (يەنى كىمكى اﷲ نى ۋە اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلىدىكەن، اﷲ قا مۇلاقات بولۇشقا ئىشەنمەيدىكەن، اﷲ نىڭ ئايەتلىرىگە قۇلاق سېلىشتىن يۈز ئۆرۈيدىكەن)، ئۇ دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ |
|
5471 | 72 | 24 | حتى إذا رأوا ما يوعدون فسيعلمون من أضعف ناصرا وأقل عددا |
| | | ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازابنى كۆرگەن چاغدا كىمنىڭ ياردەمچىسى ئاجىز ۋە سانى ئاز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ» |
|
5472 | 72 | 25 | قل إن أدري أقريب ما توعدون أم يجعل له ربي أمدا |
| | | (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاب يېقىنمۇ؟ ياكى پەرۋەردىگارىم ئۇنىڭغا (ئۇزاق) ۋاقىت تەيىن قىلامدۇ؟ ئۇقمايمەن |
|
5473 | 72 | 26 | عالم الغيب فلا يظهر على غيبه أحدا |
| | | اﷲ غەيبنى بىلگۈچىدۇر، ئۆزىنىڭ غەيبىدىن ھېچبىر ئادەمنى خەۋەردار قىلمايدۇ |
|
5474 | 72 | 27 | إلا من ارتضى من رسول فإنه يسلك من بين يديه ومن خلفه رصدا |
| | | پەقەت اﷲ ئۆزى مەمنۇن بولغان پەيغەمبىرىگىلا (بەزى غەيبنى بىلدۈرىدۇ)، ئۇنىڭ ئالدىغا ۋە ئارقىسىغا كۆزەتچى (پەرىشتە) سېلىپ قويىدۇ |
|
5475 | 72 | 28 | ليعلم أن قد أبلغوا رسالات ربهم وأحاط بما لديهم وأحصى كل شيء عددا |
| | | (بۇ اﷲ نىڭ) ئۇنىڭ (يەنى پەيغەمبەرنىڭ) اﷲ نىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇشى ئۈچۈندۇر، اﷲ ئۇلارنىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر، ھەر شەيئىنىڭ سانىنى تولۇق ئىگەللىگۈچىدۇر» |
|
5476 | 73 | 1 | بسم الله الرحمن الرحيم يا أيها المزمل |
| | | ئى كىيىمگە يۆگىنىۋالغۇچى (پەيغەمبەر!) |
|