نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
5447 | 71 | 28 | رب اغفر لي ولوالدي ولمن دخل بيتي مؤمنا وللمؤمنين والمؤمنات ولا تزد الظالمين إلا تبارا |
| | | پەرۋەردىگارىم! ماڭا، ئاتا - ئانامغا، مېنىڭ ئۆيۈمگە مۆمىن بولۇپ كىرگەن كىشىگە ۋە مۆمىن ئەرلەرگە، مۆمىن ئاياللارغا مەغپىرەت قىلغىن، زالىملارغا پەقەت ھالاكەتنى زىيادە قىلغىن» |
|
5448 | 72 | 1 | بسم الله الرحمن الرحيم قل أوحي إلي أنه استمع نفر من الجن فقالوا إنا سمعنا قرآنا عجبا |
| | | (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە) ئېيتقىنكى، «بىر قانچە نەپەر جىننىڭ (قۇرئان) تىڭشاپ (ئىمان ئېيتقانلىقى) ماڭا ۋەھيى قىلىندى، ئۇلار (قەۋمىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن) ئېيتتى: بىز توغرا يولغا باشلايدىغان ئاجايىپ قۇرئاننى ھەقىقەتەن ئاڭلىدۇق |
|
5449 | 72 | 2 | يهدي إلى الرشد فآمنا به ولن نشرك بربنا أحدا |
| | | ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق، پەرۋەردىگارىمىزغا ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمەيمىز |
|
5450 | 72 | 3 | وأنه تعالى جد ربنا ما اتخذ صاحبة ولا ولدا |
| | | پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئەزىمىتى كاتتىدۇر، خوتۇنى ۋە بالىسى يوقتۇر |
|
5451 | 72 | 4 | وأنه كان يقول سفيهنا على الله شططا |
| | | بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئەخمەق (يەنى ئىبلىس) اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ كاتتىلىقىغا نالايىق سۆزلەرنى قىلدى |
|
5452 | 72 | 5 | وأنا ظننا أن لن تقول الإنس والجن على الله كذبا |
| | | بىز، ئىنسانلار ۋە جىنلار اﷲ قا يالغاننى چاپلىمايدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدۇق |
|
5453 | 72 | 6 | وأنه كان رجال من الإنس يعوذون برجال من الجن فزادوهم رهقا |
| | | ئىنسانلاردىن بەزى كىشىلەر جىنلاردىن بولغان بەزى كىشىلەرگە سېغىناتتى، شۇنىڭ بىلەن جىنلار تېخىمۇ تەكەببۇرلىشىپ كەتتى |
|
5454 | 72 | 7 | وأنهم ظنوا كما ظننتم أن لن يبعث الله أحدا |
| | | ئۇلار (يەنى ئىنساننىڭ كۇففارلىرى)، سىلەرگە ئوخشاش، اﷲ ھېچ ئادەمنى (ئۆلگەندىن كېيىن) تىرىلدۈرمەيدۇ، دەپ گۇمان قىلدى» |
|
5455 | 72 | 8 | وأنا لمسنا السماء فوجدناها ملئت حرسا شديدا وشهبا |
| | | (جىنلار ئېيتتى) «بىز (ئاسمان ئەھلىنىڭ سۆزلىرىنى تىڭشاش ئۈچۈن) ئاسمانغا (چىقىشنى) تىلىدۇق، ئاسماننىڭ كۈچلۈك مۇھاپىزەتچىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) بىلەن ۋە (كۆيدۈرگۈچى) يۇلتۇزلار بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىدۇق |
|
5456 | 72 | 9 | وأنا كنا نقعد منها مقاعد للسمع فمن يستمع الآن يجد له شهابا رصدا |
| | | بىز ھەمىشە (ئوغرىلىقچە تىڭشاش ئۈچۈن) ئاسماننىڭ ئولتۇرۇشقا بولىدىغان جايلىرىدا ئولتۇراتتۇق، كىمكى ئەمدى (ئوغرىلىقچە) ئاڭلاشقا ئورۇنىدىكەن، ئۇنى كۆزىتىپ تۇرغان كۆيدۈرگۈچى يۇلتۇزلارنى بايقايدۇ |
|