نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
5424 | 71 | 5 | قال رب إني دعوت قومي ليلا ونهارا |
| | | نۇھ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن قەۋمىمنى كېچە - كۈندۈز (ئىمانغا) دەۋەت قىلدىم |
|
5425 | 71 | 6 | فلم يزدهم دعائي إلا فرارا |
| | | مېنىڭ دەۋىتىم ئۇلارنى تېخىمۇ قاچۇرۇۋەتتى |
|
5426 | 71 | 7 | وإني كلما دعوتهم لتغفر لهم جعلوا أصابعهم في آذانهم واستغشوا ثيابهم وأصروا واستكبروا استكبارا |
| | | مەن ئۇلارنى سېنىڭ مەغپىرىتىڭگە ئېرىشسۇن دەپ، ھەر قاچان دەۋەت قىلسام، (دەۋىتىمنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن) بارماقلىرىنى قۇلاقلىرىغا تىقىۋالدى، (سۆزۈمنى ئاڭلىماسلىق ياكى مېنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن) كىيىملىرى بىلەن باشلىرىنى چۈمكىۋالدى، (كۇفرىدا) چىڭ تۇردى، چوڭچىلىق قىلىپ (ئىماندىن) تېخىمۇ باش تارتتى |
|
5427 | 71 | 8 | ثم إني دعوتهم جهارا |
| | | ئاندىن مەن ئۇلارنى توۋلاپ دەۋەت قىلدىم |
|
5428 | 71 | 9 | ثم إني أعلنت لهم وأسررت لهم إسرارا |
| | | ئاندىن ئۇلارنى ئاشكارا دەۋەت قىلدىم ۋە يوشۇرۇن دەۋەت قىلدىم |
|
5429 | 71 | 10 | فقلت استغفروا ربكم إنه كان غفارا |
| | | (ئۇلارغا) ئېيتتىم: پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر |
|
5430 | 71 | 11 | يرسل السماء عليكم مدرارا |
| | | ئۇ سىلەرگە مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، |
|
5431 | 71 | 12 | ويمددكم بأموال وبنين ويجعل لكم جنات ويجعل لكم أنهارا |
| | | سىلەرنىڭ ماللىرىڭلارنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى كۆپەيتىپ بىرىدۇ، سىلەرگە باغلارنى، ئۆستەڭلارنى ئاتا قىلىدۇ، |
|
5432 | 71 | 13 | ما لكم لا ترجون لله وقارا |
| | | نېمە ئۈچۈن سىلەر اﷲ نىڭ بۈيۈكلۈكىدىن قورقمايسىلەر؟ |
|
5433 | 71 | 14 | وقد خلقكم أطوارا |
| | | ھالبۇكى اﷲ سىلەرنى بىر قانچە باسقۇچلارغا بۆلۈپ ياراتتى، |
|