نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
541 | 4 | 48 | إن الله لا يغفر أن يشرك به ويغفر ما دون ذلك لمن يشاء ومن يشرك بالله فقد افترى إثما عظيما |
| | | اﷲ ھەقىقەتەن اﷲ قا شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى اﷲ قا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، چوڭ گۇناھ قىلغان بولىدۇ |
|
542 | 4 | 49 | ألم تر إلى الذين يزكون أنفسهم بل الله يزكي من يشاء ولا يظلمون فتيلا |
| | | ئۆزلىرىنى پاك دەپ قارايدىغانلار (يەنى ئۆزلىرىنى تەقۋادارلىق بىلەن مەدھىيىلەيدىغانلارنى) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك ئەمەس)، اﷲ خالىغان بەندىسىنى پاك قىلىدۇ، ئۇلارغا قىلچىلىكمۇ زۇلۇم قىلىنمايدۇ |
|
543 | 4 | 50 | انظر كيف يفترون على الله الكذب وكفى به إثما مبينا |
| | | (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ اﷲ قا تۆھمەت چاپلاۋاتقانلىقىغا قارىغىن! بۇ ئوپئوچۇق گۇناھتۇر |
|
544 | 4 | 51 | ألم تر إلى الذين أوتوا نصيبا من الكتاب يؤمنون بالجبت والطاغوت ويقولون للذين كفروا هؤلاء أهدى من الذين آمنوا سبيلا |
| | | كىتابتىن نېسىۋە بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار بۇتقا ۋە شەيتانغا ئىشىنىدۇ، كاپىرلارنى كۆرسىتىپ: «بۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى) نىڭ يولى ئىمان ئېيتقانلارنىڭكىدىن تېخىمۇ توغرىدۇر» دەيدۇ |
|
545 | 4 | 52 | أولئك الذين لعنهم الله ومن يلعن الله فلن تجد له نصيرا |
| | | ئەنە شۇلار اﷲ رەھمىتىدىن يىراق قىلغان كىشىلەردۇر؛ اﷲ كىمنى رەھمىتىدىن يىراق قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا (اﷲ نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچبىر مەدەتكار تاپالمايسەن |
|
546 | 4 | 53 | أم لهم نصيب من الملك فإذا لا يؤتون الناس نقيرا |
| | | ياكى ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقتىن نېسىۋىسى بارمۇ؟ (ھېچقانداق نېسىۋىسى يوق) ئەگەر بولىدىغان بولسا، (زىيادە بېخىللىقتىن) ئۇلار كىشىلەرگە قىلچىلىك نەرسە بەرمەيدۇ |
|
547 | 4 | 54 | أم يحسدون الناس على ما آتاهم الله من فضله فقد آتينا آل إبراهيم الكتاب والحكمة وآتيناهم ملكا عظيما |
| | | ياكى ئۇلار اﷲ ئۆز پەزلىدىن كىشىلەرگە بەرگەن نەرسىگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن پەيغەمبەرلىككە) ھەسەت قىلىشامدۇ؟ بىز ھەقىقەتەن ئىبىراھىم ئەۋلادىغا كىتاب، ھېكمەت بەردۇق ۋە ئۇلارغا بۈيۈك پادىشاھلىق بەردۇق |
|
548 | 4 | 55 | فمنهم من آمن به ومنهم من صد عنه وكفى بجهنم سعيرا |
| | | ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) نىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئىمان ئېيتقانلارمۇ بار، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرمۇ بار، ئۇلارغا (ئۇلارنىڭ كۇفرىغا جازا بېرىش يۈزىسىدىن) جەھەننەمنىڭ يېنىپ تۇرغان ئوتى يېتەرلىكتۇر |
|
549 | 4 | 56 | إن الذين كفروا بآياتنا سوف نصليهم نارا كلما نضجت جلودهم بدلناهم جلودا غيرها ليذوقوا العذاب إن الله كان عزيزا حكيما |
| | | شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى دوزاخقا كىرگۈزىمىز، ئۇلارنىڭ تېرىلىرى پىشىپ تۈگىگەن چاغدا ئازابنى تېتىتىش ئۈچۈن ئورنىغا باشقا تېرە يەڭگۈشلەيمىز. اﷲ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر |
|
550 | 4 | 57 | والذين آمنوا وعملوا الصالحات سندخلهم جنات تجري من تحتها الأنهار خالدين فيها أبدا لهم فيها أزواج مطهرة وندخلهم ظلا ظليلا |
| | | ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمىز، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇ يەردە ئۇلارغا پاك جۈپتىلەر بولىدۇ، ئۇلارنى جەننەتنىڭ مەڭگۈلۈك سايىسىگە داخىل قىلىمىز |
|