نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
540 | 4 | 47 | يا أيها الذين أوتوا الكتاب آمنوا بما نزلنا مصدقا لما معكم من قبل أن نطمس وجوها فنردها على أدبارها أو نلعنهم كما لعنا أصحاب السبت وكان أمر الله مفعولا |
| | | ئى كىتاب بېرىلگەنلەر! (يەنى يەھۇدىيلار) بىز نۇرغۇن يۈزلەرنى ئۆزگەرتىپ ئارقىسىغا قىلىپ قويۇشىمىزدىن (يەنى يۈزدىكى بۇرۇن، كۆز، قاش قاتارلىق سەزگۈ ئەزالىرىنى ئۆز جايلىرىدىن يوق قىلىۋېتىپ، ئۇلارنى ئارقا تەرەپكە پەيدا قىلىپ قويۇشىمىزدىن، سۈرەتلىرىنى مۇبەددەل قىلىشىمىزدىن)، ئىلگىرى، ياكى ئۇلارغا شەنبە كۈنىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىمىغانلارغا لەنەت قىلغاندەك لەنەت قىلىشىمىزدىن ئىلگىرى، ئۆزۈڭلاردىكى كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) تەستىق قىلىدىغان، بىز نازىل قىلغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ئىمان كەلتۈرۈڭلار (بولمىسا يۇقىرىقى ئىككى بالانىڭ بىرىگە ئۇچرايسىلەر)، اﷲ نىڭ ھۆكىمى ئىجرا قىلىنىدۇ (يەنى اﷲ بىرەر ئىشقا ئەمر قىلسا، ئۇ ئىش چوقۇم بولماي قالمايدۇ) |
|
541 | 4 | 48 | إن الله لا يغفر أن يشرك به ويغفر ما دون ذلك لمن يشاء ومن يشرك بالله فقد افترى إثما عظيما |
| | | اﷲ ھەقىقەتەن اﷲ قا شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى اﷲ قا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، چوڭ گۇناھ قىلغان بولىدۇ |
|
542 | 4 | 49 | ألم تر إلى الذين يزكون أنفسهم بل الله يزكي من يشاء ولا يظلمون فتيلا |
| | | ئۆزلىرىنى پاك دەپ قارايدىغانلار (يەنى ئۆزلىرىنى تەقۋادارلىق بىلەن مەدھىيىلەيدىغانلارنى) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك ئەمەس)، اﷲ خالىغان بەندىسىنى پاك قىلىدۇ، ئۇلارغا قىلچىلىكمۇ زۇلۇم قىلىنمايدۇ |
|
543 | 4 | 50 | انظر كيف يفترون على الله الكذب وكفى به إثما مبينا |
| | | (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ اﷲ قا تۆھمەت چاپلاۋاتقانلىقىغا قارىغىن! بۇ ئوپئوچۇق گۇناھتۇر |
|
544 | 4 | 51 | ألم تر إلى الذين أوتوا نصيبا من الكتاب يؤمنون بالجبت والطاغوت ويقولون للذين كفروا هؤلاء أهدى من الذين آمنوا سبيلا |
| | | كىتابتىن نېسىۋە بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار بۇتقا ۋە شەيتانغا ئىشىنىدۇ، كاپىرلارنى كۆرسىتىپ: «بۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى) نىڭ يولى ئىمان ئېيتقانلارنىڭكىدىن تېخىمۇ توغرىدۇر» دەيدۇ |
|
545 | 4 | 52 | أولئك الذين لعنهم الله ومن يلعن الله فلن تجد له نصيرا |
| | | ئەنە شۇلار اﷲ رەھمىتىدىن يىراق قىلغان كىشىلەردۇر؛ اﷲ كىمنى رەھمىتىدىن يىراق قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا (اﷲ نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچبىر مەدەتكار تاپالمايسەن |
|
546 | 4 | 53 | أم لهم نصيب من الملك فإذا لا يؤتون الناس نقيرا |
| | | ياكى ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقتىن نېسىۋىسى بارمۇ؟ (ھېچقانداق نېسىۋىسى يوق) ئەگەر بولىدىغان بولسا، (زىيادە بېخىللىقتىن) ئۇلار كىشىلەرگە قىلچىلىك نەرسە بەرمەيدۇ |
|
547 | 4 | 54 | أم يحسدون الناس على ما آتاهم الله من فضله فقد آتينا آل إبراهيم الكتاب والحكمة وآتيناهم ملكا عظيما |
| | | ياكى ئۇلار اﷲ ئۆز پەزلىدىن كىشىلەرگە بەرگەن نەرسىگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن پەيغەمبەرلىككە) ھەسەت قىلىشامدۇ؟ بىز ھەقىقەتەن ئىبىراھىم ئەۋلادىغا كىتاب، ھېكمەت بەردۇق ۋە ئۇلارغا بۈيۈك پادىشاھلىق بەردۇق |
|
548 | 4 | 55 | فمنهم من آمن به ومنهم من صد عنه وكفى بجهنم سعيرا |
| | | ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) نىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئىمان ئېيتقانلارمۇ بار، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرمۇ بار، ئۇلارغا (ئۇلارنىڭ كۇفرىغا جازا بېرىش يۈزىسىدىن) جەھەننەمنىڭ يېنىپ تۇرغان ئوتى يېتەرلىكتۇر |
|
549 | 4 | 56 | إن الذين كفروا بآياتنا سوف نصليهم نارا كلما نضجت جلودهم بدلناهم جلودا غيرها ليذوقوا العذاب إن الله كان عزيزا حكيما |
| | | شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى دوزاخقا كىرگۈزىمىز، ئۇلارنىڭ تېرىلىرى پىشىپ تۈگىگەن چاغدا ئازابنى تېتىتىش ئۈچۈن ئورنىغا باشقا تېرە يەڭگۈشلەيمىز. اﷲ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر |
|