نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
5389 | 70 | 14 | ومن في الأرض جميعا ثم ينجيه |
| | | (ھەر ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن) دوست دوستىدىن كۆرۈپ تۇرۇپ (ھال) سورىمايدۇ، گۇناھكار ئادەم ئۆز ئورنىغا ئوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى ۋە ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم - قېرىنداشلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى جىمى ئادەمنى بېرىپ بولسىمۇ، بۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ |
|
5390 | 70 | 15 | كلا إنها لظى |
| | | ياق، ئۇ مۇقەررەر دوزاختۇر |
|
5391 | 70 | 16 | نزاعة للشوى |
| | | (يەنى بۇ گۇناھكار كاپىر مۇنداق ئارزۇدىن يانسۇن، پىدا قىلىنغان ھېچقانداق نەرسە ئۇنى ئازابتىن قۇتقۇزالمايدۇ، ئۇنىڭ ئالدىدا دوزاخ يېنىپ تۇرىدۇ). (ئۇ ھارارىتىنىڭ قاتتىقلىقىدىن) باشنىڭ تېرىسىنى شىلىدۇ |
|
5392 | 70 | 17 | تدعو من أدبر وتولى |
| | | ئۇ (ھەقتىن) يۈز ئۆرۈپ بۇرالغان ۋە پۇل - مال يىغىپ ساقلىغان (ئۇنىڭدىن اﷲ نىڭ ۋە مىسكىنلەرنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىغان) لارنى چاقىرىدۇ |
|
5393 | 70 | 18 | وجمع فأوعى |
| | | ئۇ (ھەقتىن) يۈز ئۆرۈپ بۇرالغان ۋە پۇل - مال يىغىپ ساقلىغان (ئۇنىڭدىن اﷲ نىڭ ۋە مىسكىنلەرنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىغان) لارنى چاقىرىدۇ |
|
5394 | 70 | 19 | إن الإنسان خلق هلوعا |
| | | ئىنسان ھەقىقەتەن چىدامسىز يارىتىلدى |
|
5395 | 70 | 20 | إذا مسه الشر جزوعا |
| | | ئۇنىڭغا (يوقسۇزلۇق، ياكى كېسەللىك، يا قورقۇنچتەك) بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يەتكەن چاغدا، زارلانغۇچىدۇر |
|
5396 | 70 | 21 | وإذا مسه الخير منوعا |
| | | بىرەر ياخشىلىق يەتكەن چاغدا، بېخىللىق قىلغۇچىدۇر |
|
5397 | 70 | 22 | إلا المصلين |
| | | پەقەت (تۆۋەندىكىلەر بۇنىڭدىن) مۇستەسنا: ئۇلار نامازغا ھەمىشە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر |
|
5398 | 70 | 23 | الذين هم على صلاتهم دائمون |
| | | پەقەت (تۆۋەندىكىلەر بۇنىڭدىن) مۇستەسنا: ئۇلار نامازغا ھەمىشە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر |
|