نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
5237 | 66 | 8 | يا أيها الذين آمنوا توبوا إلى الله توبة نصوحا عسى ربكم أن يكفر عنكم سيئاتكم ويدخلكم جنات تجري من تحتها الأنهار يوم لا يخزي الله النبي والذين آمنوا معه نورهم يسعى بين أيديهم وبأيمانهم يقولون ربنا أتمم لنا نورنا واغفر لنا إنك على كل شيء قدير |
| | | ئى مۆمىنلەر اﷲ قا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار، ئۈمىدكى، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ، سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) اﷲ پەيغەمبەرنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنى رەسۋا قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە ئوڭ تەرىپىدە يۈرىدۇ، ئۇلار: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە نۇرىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ بەرگىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، سەن بولساڭ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن» دەيدۇ |
|
5238 | 66 | 9 | يا أيها النبي جاهد الكفار والمنافقين واغلظ عليهم ومأواهم جهنم وبئس المصير |
| | | ئى پەيغەمبەر! سەن كۇففارلار بىلەن ۋە مۇناپىقلار بىلەن كۈرەش قىلغىن، ئۇلارغا قاتتىق مۇئامىلە قىلغىن، ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەمدۇر، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي! |
|
5239 | 66 | 10 | ضرب الله مثلا للذين كفروا امرأت نوح وامرأت لوط كانتا تحت عبدين من عبادنا صالحين فخانتاهما فلم يغنيا عنهما من الله شيئا وقيل ادخلا النار مع الداخلين |
| | | اﷲ كۇففارلارغا (ئۇلارنىڭ مۆمىنلەر بىلەن تۇغقانچىلىقىنىڭ پايدا بەرمەسلىكىدە) نۇھنىڭ ئايالىنى ۋە لۇتنىڭ ئايالىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى، ئۇلار بولسا بىزنىڭ بەندىلىرىمىزدىن ئىككى ياخشى بەندىمىزنىڭ ئەمرىدە ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى ئەرلىرىگە (ئىمان ئېيتماسلىق بىلەن) خىيانەت قىلدى، ئۇلارنىڭ ئەرلىرى (يەنى نۇھ بىلەن لۇت) (پەيغەمبەر تۇرۇقلۇق) ئۇلاردىن اﷲ نىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمىدى. (ئۇ ئىككىسىگە) «دوزاخقا كىرگۈچىلەر بىلەن بىللە كىرىڭلار» دېيىلدى |
|
5240 | 66 | 11 | وضرب الله مثلا للذين آمنوا امرأت فرعون إذ قالت رب ابن لي عندك بيتا في الجنة ونجني من فرعون وعمله ونجني من القوم الظالمين |
| | | اﷲ ئىمان ئېيتقانلارغا پىرئەۋننىڭ ئايالىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ: «ئى پەرۋەردىگارىم! دەرگاھىڭدا ماڭا جەننەتتىن بىر ئۆي بىنا قىلغىن، مېنى پىرئەۋندىن ۋە ئۇنىڭ يامان ئەمەلىدىن قۇتۇلدۇرغىن، مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇرغىن» دېدى |
|
5241 | 66 | 12 | ومريم ابنت عمران التي أحصنت فرجها فنفخنا فيه من روحنا وصدقت بكلمات ربها وكتبه وكانت من القانتين |
| | | ھەمدە ئىمراننىڭ قىزى مەريەمنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى، ئۇ نومۇسىنى ساقلىدى، ئۇنىڭغا بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن بولغان روھنى پۈۋلىدۇق (دەم ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئىساغا ھامىلىدار بولدى)، ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ سۆزلىرىنى ۋە (نازىل قىلغان) كىتابلىرىنى تەستىق قىلدى ۋە اﷲ قا ئىتائەت قىلغۇچىلاردىن بولدى |
|
5242 | 67 | 1 | بسم الله الرحمن الرحيم تبارك الذي بيده الملك وهو على كل شيء قدير |
| | | (پۈتۈن ئاسمان - زېمىننىڭ) پادىشاھلىقى ئىلكىدە بولغان اﷲ نىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر. اﷲ ھەر نەرسىگە قادىردۇر |
|
5243 | 67 | 2 | الذي خلق الموت والحياة ليبلوكم أيكم أحسن عملا وهو العزيز الغفور |
| | | سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، اﷲ ئۆلۈمنى ۋە تىرىكلىكنى ياراتتى، اﷲ غالىبتۇر، (تەۋبە قىلغۇچىنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر |
|
5244 | 67 | 3 | الذي خلق سبع سماوات طباقا ما ترى في خلق الرحمن من تفاوت فارجع البصر هل ترى من فطور |
| | | اﷲ يەتتە ئاسماننى بىرىنى بىرىنىڭ ئۈستىدە قىلىپ ياراتتى، مېھرىبان اﷲ نىڭ يارىتىشىدا ھېچ نۇقساننى كۆرمەيسەن، سەن (ئاسمانلارغا) تەكرار قاراپ باققىنكى، بىرەر يوچۇقنى كۆرەمسەن |
|
5245 | 67 | 4 | ثم ارجع البصر كرتين ينقلب إليك البصر خاسئا وهو حسير |
| | | ئاندىن سەن يەنە ئىككى قېتىم قارىغىن. كۆزۈڭ (ئاسمانلاردا بىرەر نۇقساننى تېپىشتىن) ئۈمىد ئۈزگەن ۋە تالغان ھالدا قايتىدۇ |
|
5246 | 67 | 5 | ولقد زينا السماء الدنيا بمصابيح وجعلناها رجوما للشياطين وأعتدنا لهم عذاب السعير |
| | | (بىزگە بارلىق ئاسمانلاردىن) ئەڭ يېقىن ئاسماننى چىراغلار (يەنى يورۇق يۇلتۇزلار) بىلەن بېزىدۇق ۋە ئۇلارنى (پەرىشتىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئوغرىلىقچە تىڭشاشقا ئورۇنغان) شەيتانلارنى ئاتىدىغان نەرسە قىلدۇق (يەنى شەيتانلار يۇلتۇزلاردىن چىققان شولا بىلەن ئېتىلىدۇ)، شەيتانلارغا (ئاخىرەتتە) دوزاخ ئازابىنى تەييارلىدۇق |
|