نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
5206 | 64 | 7 | زعم الذين كفروا أن لن يبعثوا قل بلى وربي لتبعثن ثم لتنبؤن بما عملتم وذلك على الله يسير |
| | | كاپىرلار ھەرگىز تىرىلدۈرۈلمەيمىز دەپ گۇمان قىلىشتى، ئېيتقىنكى: «ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، پەرۋەردىگارىم بىلەن قەسەمكى، سىلەر چوقۇم تىرىلدۈرىسىلەر، ئاندىن سىلەرگە قىلمىشىڭلاردىن خەۋەر بېرىلىدۇ، بۇ اﷲ قا ئاساندۇر» |
|
5207 | 64 | 8 | فآمنوا بالله ورسوله والنور الذي أنزلنا والله بما تعملون خبير |
| | | اﷲ قا، اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە بىز نازىل قىلغان نۇرغا (يەنى قۇرئانغا) ئىمان ئېيتىڭلار، اﷲ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر |
|
5208 | 64 | 9 | يوم يجمعكم ليوم الجمع ذلك يوم التغابن ومن يؤمن بالله ويعمل صالحا يكفر عنه سيئاته ويدخله جنات تجري من تحتها الأنهار خالدين فيها أبدا ذلك الفوز العظيم |
| | | ئۇ كۈندە اﷲ سىلەرنى قىيامەت ئۈچۈن توپلايدۇ، ئۇ زىيان تارتىدىغان كۈندۇر (يەنى ئۇ كۈندە ئىماننى تەرك ئەتكەنلىكى بىلەن كاپىرنىڭ زىيان تارتقانلىقى، ياخشى ئەمەللەرنى دېگەندەك قىلالمىغانلىقى بىلەن مۆمىننىڭ زىيان تارتقانلىقى ئاشكارا بولىدۇ). كىمكى اﷲ قا ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلىدىكەن، اﷲ ئۇنىڭ يامان ئىشلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ كاتتا مۇۋەپپەقىيەتتۇر |
|
5209 | 64 | 10 | والذين كفروا وكذبوا بآياتنا أولئك أصحاب النار خالدين فيها وبئس المصير |
| | | اﷲ نىڭ (بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى) ئىنكار قىلغانلار، ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغانلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي! |
|
5210 | 64 | 11 | ما أصاب من مصيبة إلا بإذن الله ومن يؤمن بالله يهد قلبه والله بكل شيء عليم |
| | | كىشىگە يەتكەن ھەر قانداق مۇسىبەت پەقەت اﷲ نىڭ ئىزنى (يەنى قازاسى) بىلەنلا (يېتىدۇ)، كىمكى اﷲ قا (يەنى ھەر قانداق مۇسىبەت اﷲ نىڭ قازاسى بىلەن يېتىدۇ دېگەن سۆزگە) ئىشىنىدىكەن، اﷲ ئۇنىڭ قەلبىنى (سەۋرگە) يېتەكلەيدۇ، اﷲ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر |
|
5211 | 64 | 12 | وأطيعوا الله وأطيعوا الرسول فإن توليتم فإنما على رسولنا البلاغ المبين |
| | | اﷲ قا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر (پەيغەمبەرنىڭ دەۋىتىدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار (پەيغەمبەرگە زىيان يوق، ئۆزۈڭلارغا زىيان)، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت (دەۋەتنى) روشەن تەبلىغ قىلىشتۇر |
|
5212 | 64 | 13 | الله لا إله إلا هو وعلى الله فليتوكل المؤمنون |
| | | اﷲ تىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، مۆمىنلەر اﷲ قا تەۋەككۈل قىلسۇن |
|
5213 | 64 | 14 | يا أيها الذين آمنوا إن من أزواجكم وأولادكم عدوا لكم فاحذروهم وإن تعفوا وتصفحوا وتغفروا فإن الله غفور رحيم |
| | | ئى مۆمىنلەر! سىلەرنىڭ ئاياللىرڭلاردىن، بالىلىرىڭلاردىن سىلەرگە دۈشمەن بولىدىغانلىرىمۇ بار، ئۇلاردىن ئېھتىيات قىلىڭلار، ئەگەر (ئۇلارنى) ئەپۇ قىلساڭلار، كەچۈرسەڭلار، مەغپىرەت قىلساڭلار (اﷲ سىلەرنىمۇ مەغپىرەت قىلىدۇ). اﷲ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر |
|
5214 | 64 | 15 | إنما أموالكم وأولادكم فتنة والله عنده أجر عظيم |
| | | سىلەرنىڭ ماللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار (سىلەرگە اﷲ تەرىپىدىن) بىر تۈرلۈك سىناقتۇر، اﷲ نىڭ دەرگاھىدا كاتتا ساۋاب بار |
|
5215 | 64 | 16 | فاتقوا الله ما استطعتم واسمعوا وأطيعوا وأنفقوا خيرا لأنفسكم ومن يوق شح نفسه فأولئك هم المفلحون |
| | | تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە اﷲ قا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، (ۋەزىنى) ئاڭلاڭلار، (ئەمرىگە) ئىتائەت قىلىڭلار، (اﷲ نىڭ يولىدا ماللىرىڭلارنى) سەرپ قىلىڭلار، (بۇ) ئۆزۈڭلار ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، كىمكى نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلىنىدىكەن، ئۇ مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىدۇر |
|