نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
5097 | 57 | 22 | ما أصاب من مصيبة في الأرض ولا في أنفسكم إلا في كتاب من قبل أن نبرأها إن ذلك على الله يسير |
| | | يەر يۈزىدىكى بارلىق ھادىسىلەر ۋە ئۆزۈڭلار ئۇچرىغان مۇسىبەتلەر بىز ئۇلارنى يارىتىشتىن بۇرۇن لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىلغان، بۇ (ئىش)، شۈبھىسىزكى، اﷲ قا ئاساندۇر |
|
5098 | 57 | 23 | لكيلا تأسوا على ما فاتكم ولا تفرحوا بما آتاكم والله لا يحب كل مختال فخور |
| | | (اﷲ تائالانىڭ ئۇلارنى لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىشى) قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە قايغۇرۇپ كەتمەسلىكىڭلار ۋە اﷲ بەرگەن نەرسىلەرگە خۇش بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر، اﷲ مۇتەكەببىرلەر ۋە ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ |
|
5099 | 57 | 24 | الذين يبخلون ويأمرون الناس بالبخل ومن يتول فإن الله هو الغني الحميد |
| | | ئۇلار بېخىللىق قىلىدىغان ۋە كىشىلەرنى بېخىللىق قىلىشقا بۇيرۇيدىغانلاردۇر، كىمكى (اﷲ نىڭ يولىدا نەپىقە قىلىشتىن) باش تارتىدىكەن (اﷲ قا ھېچ زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ)، چۈنكى اﷲ بىھاجەتتۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر |
|
5100 | 57 | 25 | لقد أرسلنا رسلنا بالبينات وأنزلنا معهم الكتاب والميزان ليقوم الناس بالقسط وأنزلنا الحديد فيه بأس شديد ومنافع للناس وليعلم الله من ينصره ورسله بالغيب إن الله قوي عزيز |
| | | بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلىرىمىزنى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق ۋە ئۇلار بىلەن بىللە، ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن دەپ، كىتابنى، قانۇننى چۈشۈردۇق. تۆمۈرنى ياراتتۇق، (تۆمۈردىن ئۇرۇش قوراللىرى ياسىلىدىغانلىقى ئۈچۈن) تۆمۈر كۈچ - قۇۋۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، تۆمۈردە ئىنسانلار ئۈچۈن نۇرغۇن مەنپەئەتلەر بار، اﷲ اﷲ نى كۆرمەي تۇرۇپ (قوراللارنى ئىشلىتىپ) اﷲ قا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ياردەم بەرگەنلەرنى بىلىش (مەلۇم قىلىش) ئۈچۈن (تۆمۈرنى ياراتتى)، اﷲ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر |
|
5101 | 57 | 26 | ولقد أرسلنا نوحا وإبراهيم وجعلنا في ذريتهما النبوة والكتاب فمنهم مهتد وكثير منهم فاسقون |
| | | بىز ھەقىقەتەن نۇھنى، ئىبراھىمنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، پەيغەمبەرلىكنى ۋە كىتابنى ئۇلارنىڭ ئەۋلادىغا (ئاتا) قىلدۇق، ئۇلاردىن ھىدايەت تاپقانلىرى بار، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى اﷲ نىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر |
|
5102 | 57 | 27 | ثم قفينا على آثارهم برسلنا وقفينا بعيسى ابن مريم وآتيناه الإنجيل وجعلنا في قلوب الذين اتبعوه رأفة ورحمة ورهبانية ابتدعوها ما كتبناها عليهم إلا ابتغاء رضوان الله فما رعوها حق رعايتها فآتينا الذين آمنوا منهم أجرهم وكثير منهم فاسقون |
| | | ئۇلاردىن كېيىن پەيغەمبەرلىرىمىزنى داۋاملىق ئەۋەتتۇق، ئارقىدىن مەريەم ئوغلى ئىسانى ئەۋەتتۇق، ئۇنىڭغا ئىنجىلنى ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ دىللىرىغا شەپقەت ۋە مېھرىبانلىقنى سالدۇق، رەھبانىيەتنى ئۇلار ئۆزلىرى پەيدا قىلدى، ئۇلارغا ئۇنى بىز بېكىتمىدۇق، ئۇلار ئۇنى پەقەت اﷲ نىڭ رازىلىقىنى تىلەپ (پەيدا قىلدى)، لېكىن ئۇلار ئۇنىڭغا لايىق دەرىجىدە ئەمەل قىلمىدى، ئۇلاردىن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئەجرىنى ھەسسىلەپ بەردۇق، ئۇلاردىن نۇرغۇنى اﷲ نىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر |
|
5103 | 57 | 28 | يا أيها الذين آمنوا اتقوا الله وآمنوا برسوله يؤتكم كفلين من رحمته ويجعل لكم نورا تمشون به ويغفر لكم والله غفور رحيم |
| | | ئى (ئىساغا) ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! اﷲ تىن قورقۇڭلار، اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئىمان ئېيتىڭلار، اﷲ سىلەرگە رەھمىتىدىن ئىككى ھەسسە بېرىدۇ، سىلەرگە سىلەر (ئاخىرەتتە پىلسىراتتا) ماڭىدىغان نۇرنى پەيدا قىلىدۇ، سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ، اﷲ بەكمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر |
|
5104 | 57 | 29 | لئلا يعلم أهل الكتاب ألا يقدرون على شيء من فضل الله وأن الفضل بيد الله يؤتيه من يشاء والله ذو الفضل العظيم |
| | | ئەھلى كىتابنىڭ اﷲ نىڭ پەزلىدىن ھېچ نەرسىگە قادىر ئەمەسلىكلىرىنى، پەزلنىڭ ھەممىسى اﷲ نىڭ قولىدا بولۇپ، (اﷲ نىڭ) ئۇنى خالىغان ئادەمگە بېرىدىغانلىقىنى، اﷲ نىڭ ئۇلۇغ پەزل ئىگىسى ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن (اﷲ شۇ سۆزنى قىلدى) |
|
5105 | 58 | 1 | بسم الله الرحمن الرحيم قد سمع الله قول التي تجادلك في زوجها وتشتكي إلى الله والله يسمع تحاوركما إن الله سميع بصير |
| | | اﷲ ھەقىقەتەن ئېرى توغرىسىدا سەن بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ۋە اﷲ قا شىكايەت قىلغان ئايالنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى، اﷲ ئىككىڭلارنىڭ سۆزۈڭلارنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن ئاڭلىغۇچىدۇر كۆرگۈچىدۇر |
|
5106 | 58 | 2 | الذين يظاهرون منكم من نسائهم ما هن أمهاتهم إن أمهاتهم إلا اللائي ولدنهم وإنهم ليقولون منكرا من القول وزورا وإن الله لعفو غفور |
| | | سىلەردىن ئاياللىرىنى زىھار قىلغانلارنىڭ (يەنى ئاياللىرىنى ئانىلىرىمىزنىڭ ئۇچىلىرىغا ئوخشاش دېگۈچىلەرنىڭ) ئاياللىرى ئۇلارنىڭ ئانىلىرى ئەمەستۇر، پەقەت ئۇلارنى تۇغقان ئاياللارلا ئۇلارنىڭ ئانىلىرىدۇر، ھالبۇكى، ئۇلار (يەنى زىھار قىلغۇچىلار) ئەلۋەتتە يامان سۆزنى، يالغان سۆزنى قىلىدۇ، اﷲ، شەك - شۈبھىسىزكى، (تەۋبە قىلغۇچىنى) ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر |
|