نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
5070 | 56 | 91 | فسلام لك من أصحاب اليمين |
| | | ئەگەر ئۇ سائادەتمەنلەردىن بولىدىغان بولسا، (ئۇلار راھەت - پاراغەتتە بولغانلىقى ئۈچۈن) (ئى مۇھەممەد!) ئۇلاردىن ساڭا سالام! |
|
5071 | 56 | 92 | وأما إن كان من المكذبين الضالين |
| | | ئەگەر ئۇ تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى گۇمراھلاردىن بولىدىغان بولسا، يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ |
|
5072 | 56 | 93 | فنزل من حميم |
| | | ئەگەر ئۇ تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى گۇمراھلاردىن بولىدىغان بولسا، يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ |
|
5073 | 56 | 94 | وتصلية جحيم |
| | | جەھەننەمدە كۆيدۈرۈلىدۇ |
|
5074 | 56 | 95 | إن هذا لهو حق اليقين |
| | | شەك - شۈبھىسىزكى، بۇ ئېنىق ھەقىقەتتۇر |
|
5075 | 56 | 96 | فسبح باسم ربك العظيم |
| | | ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنى (مۇشرىكلارنىڭ ئېتىرازلىرىدىن) پاك ئېتىقاد قىلغىن |
|
5076 | 57 | 1 | بسم الله الرحمن الرحيم سبح لله ما في السماوات والأرض وهو العزيز الحكيم |
| | | ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى اﷲ قا تەسبىھ ئېيتتى، اﷲ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر |
|
5077 | 57 | 2 | له ملك السماوات والأرض يحيي ويميت وهو على كل شيء قدير |
| | | ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى اﷲ قا خاستۇر، اﷲ ئۆلتۈرەلەيدۇ، تىرىلدۈرەلەيدۇ، اﷲ ھەر نەرسىگە قادىردۇر |
|
5078 | 57 | 3 | هو الأول والآخر والظاهر والباطن وهو بكل شيء عليم |
| | | اﷲ نىڭ ئىپتىداسى يوقتۇر، ئىنتىھاسى يوقتۇر، (اﷲ) ئاشكارىدۇر (يەنى مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسەتكۈچى دەلىللەر بىلەن ئەقىللەرگە ئاشكارىدۇ)، مەخپىيدۇر (يەنى ئۇنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ زاتىنىڭ ماھىيىتىنى تونۇشقا ئەقىللەر ئېرىشەلمەيدۇ)، اﷲ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر |
|
5079 | 57 | 4 | هو الذي خلق السماوات والأرض في ستة أيام ثم استوى على العرش يعلم ما يلج في الأرض وما يخرج منها وما ينزل من السماء وما يعرج فيها وهو معكم أين ما كنتم والله بما تعملون بصير |
| | | اﷲ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى، (ئاندىن ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) ئەرش ئۈستىدە قارار ئالدى، اﷲ زېمىنغا كىرىپ كېتىدىغان نەرسىلەرنى، زېمىندىن چىقىدىغان نەرسىلەرنى، ئاسماندىن چۈشىدىغان نەرسىلەرنى، ئاسمانغا ئۆرلەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، سىلەر قەيەردە بولساڭلار، اﷲ سىلەر بىلەن بىرگە، اﷲ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر |
|