نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
5058 | 56 | 79 | لا يمسه إلا المطهرون |
| | | ئۇنى پەقەت پاك بولغانلارلا تۇتىدۇ |
|
5059 | 56 | 80 | تنزيل من رب العالمين |
| | | ئۇ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگار تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر |
|
5060 | 56 | 81 | أفبهذا الحديث أنتم مدهنون |
| | | (ئى كۇففارلار جامائەسى!) بۇ قۇرئاننى ئىنكار قىلامسىلەر؟ |
|
5061 | 56 | 82 | وتجعلون رزقكم أنكم تكذبون |
| | | (سىلەر اﷲ نىڭ رىزىق بەرگەنلىكىگە) شۈكۈر قىلىشنىڭ ئورنىغا، رىزىق بەرگۈچىنى) ئىنكار قىلامسىلەر؟ |
|
5062 | 56 | 83 | فلولا إذا بلغت الحلقوم |
| | | جان ھەلقۇمغا يەتكەن چاغدا (سەكراتتىكى كىشىگە) قاراپ تۇرىسىلەر |
|
5063 | 56 | 84 | وأنتم حينئذ تنظرون |
| | | جان ھەلقۇمغا يەتكەن چاغدا (سەكراتتىكى كىشىگە) قاراپ تۇرىسىلەر |
|
5064 | 56 | 85 | ونحن أقرب إليه منكم ولكن لا تبصرون |
| | | بىز (ئىلمىمىز ۋە قۇدرىتىمىز بىلەن) ئۇنىڭغا سىلەردىن يېقىنمىز، لېكىن سىلەر (ئۇنى) كۆرمەيسىلەر (يەنى بىلمەيسىلەر) |
|
5065 | 56 | 86 | فلولا إن كنتم غير مدينين |
| | | ئەگەر (سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئەمەلىڭلارغا قاراپ) جازاغا تارتىلمايدىغان بولساڭلار نېمىشقا ئۇنى (يەنى ئۇ مېيىتنىڭ جېنىنى بەدىنىگە قايتۇرمايسىلەر؟ ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار |
|
5066 | 56 | 87 | ترجعونها إن كنتم صادقين |
| | | ئەگەر (سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئەمەلىڭلارغا قاراپ) جازاغا تارتىلمايدىغان بولساڭلار نېمىشقا ئۇنى (يەنى ئۇ مېيىتنىڭ جېنىنى بەدىنىگە قايتۇرمايسىلەر؟ ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار |
|
5067 | 56 | 88 | فأما إن كان من المقربين |
| | | ئەگەر ئۇ مېيىت مۇقەررەبلەردىن (يەنى تائەت - ئىبادەت ۋە ياخشى ئىشلارنى ئەڭ ئالدىدا قىلغۇچىلاردىن) بولىدىغان بولسا، (ئۇنىڭ مۇكاپاتى) راھەت - پاراغەت، ياخشى رىزىق ۋە نازۇنېمەتلىك جەننەت بولىدۇ |
|