نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
4855 | 54 | 9 | كذبت قبلهم قوم نوح فكذبوا عبدنا وقالوا مجنون وازدجر |
| | | ئۇلاردىن بۇرۇن نۇھنىڭ قەۋمى ئىنكار قىلدى، ئۇلار بەندىمىزنى (يەنى نۇھنى) ئىنكار قىلىپ، مەجنۇن دېدى. ئۇ (دىنغا دەۋەت قىلىشتىن) ھەيۋە بىلەن مەنئى قىلىندى |
|
4856 | 54 | 10 | فدعا ربه أني مغلوب فانتصر |
| | | ئۇ پەرۋەردىگارىڭغا: «ھەقىقەتەن مەن بوزەك قىلىندىم، ياردەم قىلغىن» دەپ دۇئا قىلدى |
|
4857 | 54 | 11 | ففتحنا أبواب السماء بماء منهمر |
| | | ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىنى قويۇلۇپ ياغقۇچى يامغۇر بىلەن ئېچىۋەتتۇق |
|
4858 | 54 | 12 | وفجرنا الأرض عيونا فالتقى الماء على أمر قد قدر |
| | | زېمىندىن بۇلاقلارنى ئېتىلدۇرۇپ چىقاردۇق، (اﷲ تەقدىر قىلغان ئۇلارنى غەرق قىلىپ ھالاك قىلىش) ئىشىغا بىنائەن، يامغۇر سۈيى بىلەن بۇلاق سۈيى (بىر - بىرىگە) قوشۇلدى |
|
4859 | 54 | 13 | وحملناه على ذات ألواح ودسر |
| | | نۇھنى تاختا ۋە مىخلار بىلەن ياسالغان كېمىگە سالدۇق |
|
4860 | 54 | 14 | تجري بأعيننا جزاء لمن كان كفر |
| | | كېمە بىزنىڭ ھىمايىمىز ئاستىدا ماڭاتتى، ئىنكار قىلىنغاننى (يەنى نۇھنى) مۇكاپاتلاش ئۈچۈن (نۇھنىڭ قەۋمىنى غەرق قىلدۇق) |
|
4861 | 54 | 15 | ولقد تركناها آية فهل من مدكر |
| | | ئۇنى (يەنى توپان بالاسىنى) ئىبرەت قىلىپ قالدۇردۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟ |
|
4862 | 54 | 16 | فكيف كان عذابي ونذر |
| | | مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق ئىكەن! |
|
4863 | 54 | 17 | ولقد يسرنا القرآن للذكر فهل من مدكر |
| | | ھەقىقەتەن بىز قۇرئاننى ھىپزى ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟ |
|
4864 | 54 | 18 | كذبت عاد فكيف كان عذابي ونذر |
| | | ئاد قەۋمى (پەيغەمبىرى ھۇدنى) ئىنكار قىلدى، مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق ئىكەن! |
|