نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
4716 | 51 | 41 | وفي عاد إذ أرسلنا عليهم الريح العقيم |
| | | ئادنىڭ (قىسسىسىدىمۇ) بىر تۈرلۈك ئالامەت بار، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا يامان بوراننى ئەۋەتتۇق |
|
4717 | 51 | 42 | ما تذر من شيء أتت عليه إلا جعلته كالرميم |
| | | ئۇ (يەنى بوران) ھەر قانداق نەرسىنىڭ يېنىدىن ئۆتسە، ئۇنى چىرىگەن سۆڭەكتەك (تىتما - تالاڭ) قىلىۋېتەتتى |
|
4718 | 51 | 43 | وفي ثمود إذ قيل لهم تمتعوا حتى حين |
| | | سەمۇدنىڭ (قىسسىسىدىمۇ) بىر تۈرلۈك ئالامەت بار، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا: «سىلەر ۋاقىتلىق پايدىلىنىڭلار» دېدۇق |
|
4719 | 51 | 44 | فعتوا عن أمر ربهم فأخذتهم الصاعقة وهم ينظرون |
| | | ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىگە قارشى چىقتى، ئۇلارنى چاقماق ھالاك قىلدى، ھالبۇكى، ئۇلار (ئازابنىڭ چۈشۈۋاتقانلىقىنى) كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ تۇراتتى |
|
4720 | 51 | 45 | فما استطاعوا من قيام وما كانوا منتصرين |
| | | ئۇلار (ئازاب چۈشكەن ۋاقىتتا) ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشقىمۇ، ئۆزلىرىنى قوغداشقىمۇ قادىر بولالمىدى |
|
4721 | 51 | 46 | وقوم نوح من قبل إنهم كانوا قوما فاسقين |
| | | ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلار ھەقىقەتەن پاسىق قەۋم ئىدى |
|
4722 | 51 | 47 | والسماء بنيناها بأيد وإنا لموسعون |
| | | ئاسماننى قۇدرەت بىلەن بەرپا قىلدۇق، بىز ھەقىقەتەن قۇدرەتلىكمىز |
|
4723 | 51 | 48 | والأرض فرشناها فنعم الماهدون |
| | | زېمىننى يايدۇق، بىز نېمىدېگەن ياخشى يايغۇچىمىز؟ |
|
4724 | 51 | 49 | ومن كل شيء خلقنا زوجين لعلكم تذكرون |
| | | سىلەر ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ھەر بىر نەرسىنى جۈپ ياراتتۇق |
|
4725 | 51 | 50 | ففروا إلى الله إني لكم منه نذير مبين |
| | | (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «اﷲ تەرەپكە قېچىڭلار (يەنى اﷲ قا ئىلتىجا قىلىڭلار)، مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە اﷲ تەرىپىدىن (كەلگەن) ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن |
|