نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
4587 | 48 | 4 | هو الذي أنزل السكينة في قلوب المؤمنين ليزدادوا إيمانا مع إيمانهم ولله جنود السماوات والأرض وكان الله عليما حكيما |
| | | مۆمىنلەرنىڭ ئىمانىغا ئىمان قوشۇلۇشى ئۈچۈن، اﷲ ئۇلارنىڭ دىللىرىغا تەمكىنلىكنى چۈشۈردى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (پەرىشتىلەردىن، جىنلاردىن، ھايۋانلاردىن ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرىدىن بولغان) قوشۇنلىرى اﷲ نىڭدۇر، اﷲ (خەلقنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر |
|
4588 | 48 | 5 | ليدخل المؤمنين والمؤمنات جنات تجري من تحتها الأنهار خالدين فيها ويكفر عنهم سيئاتهم وكان ذلك عند الله فوزا عظيما |
| | | (مۆمىنلەرنىڭ دىللىرىغا اﷲ نىڭ تەمكىنلىك چۈشۈرۈشى) ئەر - ئايال مۆمىنلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، ئۇلار مەڭگۈ قالىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزۈشى ئۈچۈندۇر، اﷲ نىڭ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈشى ئۈچۈندۇر، اﷲ نىڭ دەرگاھىدا، بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتتۇر |
|
4589 | 48 | 6 | ويعذب المنافقين والمنافقات والمشركين والمشركات الظانين بالله ظن السوء عليهم دائرة السوء وغضب الله عليهم ولعنهم وأعد لهم جهنم وساءت مصيرا |
| | | (مۆمىنلەرنىڭ دىللىرىغا اﷲ نىڭ تەمكىنلىك چۈشۈرۈشى) مۇناپىق ۋە مۇناپىقەلەرگە، مۇشرىك ۋە مۇشرىكەلەرگە ئازاب قىلىش ئۈچۈندۇر، ئۇلار اﷲ قا قارىتا (اﷲ پەيغەمبىرىگە ۋە مۆمىنلەرگە ياردەم) بەرمەيدۇ دەيدىغان يامان ئويلاردا بولدى، (ئۇلار مۆمىنلەرگە يەتسۇن دېگەن) ھالاكەت ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە يېتىدۇ. اﷲ ئۇلارغا غەزەپ قىلدى، ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، ئۇلارغا جەھەننەمنى تەييارلىدى، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي! |
|
4590 | 48 | 7 | ولله جنود السماوات والأرض وكان الله عزيزا حكيما |
| | | ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ قوشۇنلىرى اﷲ نىڭدۇر، اﷲ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر |
|
4591 | 48 | 8 | إنا أرسلناك شاهدا ومبشرا ونذيرا |
| | | بىز ھەقىقەتەن سېنى (قىيامەت كۈنى خەلققە) گۇۋاھلىق بەرگۈچى، (مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگۈچى، (كاپىرلارنى ئازابتىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق |
|
4592 | 48 | 9 | لتؤمنوا بالله ورسوله وتعزروه وتوقروه وتسبحوه بكرة وأصيلا |
| | | سىلەرنىڭ اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنى (يەنى پەيغەمبەرنى) ئۇلۇغلىشىڭلار ۋە ھۆرمەتلىشىڭلار ئۈچۈن، ئەتىگەندە ۋە ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىشىڭلار ئۈچۈن (بىز پەيغەمبەرنى ئەۋەتتۇق) |
|
4593 | 48 | 10 | إن الذين يبايعونك إنما يبايعون الله يد الله فوق أيديهم فمن نكث فإنما ينكث على نفسه ومن أوفى بما عاهد عليه الله فسيؤتيه أجرا عظيما |
| | | شۈبھىسىزكى، (ئى مۇھەممەد! ھۇدەيبىيىدە) ساڭا (رىزۋان) بەيئىتىنى قىلغانلار (ھەقىقەتتە) اﷲ قا بەيئەت قىلغان بولىدۇ، اﷲ نىڭ قولى ئۇلارنىڭ قولىنىڭ ئۈستىدىدۇر (يەنى اﷲ ئۇلارنىڭ قىلغان بەيئىتىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، اﷲ ئۇلارنى بەيئەت قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇكاپاتلايدۇ)، كىمكى ئەھدىنى بۇزىدىكەن، ئەھدىنى بۇزغانلىقىنىڭ زېيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ، اﷲ بىلەن قىلغان ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغانلارغا اﷲ بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىدۇ |
|
4594 | 48 | 11 | سيقول لك المخلفون من الأعراب شغلتنا أموالنا وأهلونا فاستغفر لنا يقولون بألسنتهم ما ليس في قلوبهم قل فمن يملك لكم من الله شيئا إن أراد بكم ضرا أو أراد بكم نفعا بل كان الله بما تعملون خبيرا |
| | | (ھۇدەيبىيىگە چىقماي) قېلىپ قالغان (مۇناپىق) ئەئرابىلار ساڭا: «بىز ماللىرىمىز، بالا - چاقىلىرىمىز بىلەن بولۇپ قېلىپ (سەن بىلەن چىقالمىدۇق)، بىز ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلغىن» دەيدۇ، ئۇلارنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقىنى دىلىدىكى سۆز ئەمەس (يەنى ئۇلار يالغان ئۆزرە ئېيتىدۇ). ئېيتقىنكى، «ئەگەر اﷲ سىلەرگە بىرەر زىياننى ياكى پايدىنى ئىرادە قىلسا، كىم سىلەر ئۈچۈن اﷲ نىڭ ئالدىدا بىرەر نەرسىگە دال بولالايدۇ؟ (يەنى كىم سىلەردىن اﷲ نىڭ خاھىشى ۋە قازاسىنى توسىيالايدۇ؟) ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش سىلەر ئويلىغاندەك ئەمەس)، اﷲ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر |
|
4595 | 48 | 12 | بل ظننتم أن لن ينقلب الرسول والمؤمنون إلى أهليهم أبدا وزين ذلك في قلوبكم وظننتم ظن السوء وكنتم قوما بورا |
| | | بەلكى سىلەر، پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەر ئائىلىسىگە مەڭگۈ قايتمايدۇ، دەپ گۇمان قىلدىڭلار، بۇ (گۇمراھلىق) دىللىرىڭلاردا چىرايلىق تۇيۇلدى، سىلەر يامان گۇماندا (يەنى ئۇلار ئۆلتۈرۈلۈپ بىرىمۇ ساق قايتمايدۇ دەيدىغان ئويدا) بولدۇڭلار، سىلەر ھالاك بولغۇچى قەۋم بولدۇڭلار» |
|
4596 | 48 | 13 | ومن لم يؤمن بالله ورسوله فإنا أعتدنا للكافرين سعيرا |
| | | كىمكى اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىشەنمەيدىكەن (ئۇ كاپىردۇر)، شۈبھىسىزكى، بىز كاپىرلارغا دوزاخنى تەييارلىدۇق |
|