نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
4296 | 42 | 24 | أم يقولون افترى على الله كذبا فإن يشإ الله يختم على قلبك ويمح الله الباطل ويحق الحق بكلماته إنه عليم بذات الصدور |
| | | ئۇلار (يەنى قۇرەيش كاپىرلىرى): «ئۇ (يەنى مۇھەممەد) اﷲ قا يالغاننى توقۇدى» دەمدۇ؟ ئەگەر اﷲ خالىسا (يەنى ئۇلار گۇمان قىلغاندەك، اﷲ قا يالغاننى توقۇغان بولساڭ) سېنىڭ قەلبىڭنى پېچەتلىۋەتكەن بولاتتى، اﷲ باتىلنى يوق قىلىدۇ، (پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان) سۆزلىرى ئارقىلىق ھەقنى ھەق قىلىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن دىللاردىكى سىرلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر |
|
4297 | 42 | 25 | وهو الذي يقبل التوبة عن عباده ويعفو عن السيئات ويعلم ما تفعلون |
| | | اﷲ بەندىلىرىدىن تەۋبىنى قوبۇل قىلىدۇ، يامان ئىشلارنى ئەپۇ قىلىدۇ، قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ |
|
4298 | 42 | 26 | ويستجيب الذين آمنوا وعملوا الصالحات ويزيدهم من فضله والكافرون لهم عذاب شديد |
| | | ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ دۇئاسىنى اﷲ ئىجابەت قىلىدۇ، (كامالى) پەزلىدىن ئۇلارغا ساۋابنى زىيادە بېرىدۇ، كاپىرلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ |
|
4299 | 42 | 27 | ولو بسط الله الرزق لعباده لبغوا في الأرض ولكن ينزل بقدر ما يشاء إنه بعباده خبير بصير |
| | | ئەگەر اﷲ بەندىلىرىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلسا، ئۇلار ئەلۋەتتە زېمىندا پىتنە - پاسات تېرىيتتى. لېكىن اﷲ خالىغان نەرسىنى ئۆلچەم بىلەن چۈشۈرىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ (ئەھۋالىدىن) تولۇق خەۋەرداردۇر، (ئۇنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر |
|
4300 | 42 | 28 | وهو الذي ينزل الغيث من بعد ما قنطوا وينشر رحمته وهو الولي الحميد |
| | | ئۇلار (يامغۇرنىڭ يېغىشىدىن ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن) اﷲ يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، رەھمىتىنى يايىدۇ، اﷲ (ھەممىنىڭ) ئىگىسىدۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر |
|
4301 | 42 | 29 | ومن آياته خلق السماوات والأرض وما بث فيهما من دابة وهو على جمعهم إذا يشاء قدير |
| | | ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ يارىتىلىشى ۋە ئۇ ئىككىسىدە جاندارلارنىڭ يېيىلىشى اﷲ نىڭ (قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىدىندۇر، اﷲ ئەگەر خالىسا، ئۇلارنى جەمئى قىلىشقا قادىردۇر |
|
4302 | 42 | 30 | وما أصابكم من مصيبة فبما كسبت أيديكم ويعفو عن كثير |
| | | سىلەرگە (يەنى جېنىڭلار ياكى مېلىڭلارغا) ھەرقانداق بىر مۇسىبەت يەتسە، ئۇ سىلەرنىڭ قىلغان گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن كەلگەن بولىدۇ، اﷲ نۇرغۇن گۇناھىڭلارنى ئەپۇ قىلىدۇ (ئەپۇ قىلمايدىغان بولسا، بالا ۋە مۇسىبەتتىن ھېچ قۇتۇلماس ئىدىڭلار) |
|
4303 | 42 | 31 | وما أنتم بمعجزين في الأرض وما لكم من دون الله من ولي ولا نصير |
| | | (ئى مۇشرىكلار!) سىلەر زېمىندا اﷲ نىڭ ئازابىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر، سىلەرگە اﷲ تىن باشقا ھېچ ئىگە ۋە مەدەتكار يوق |
|
4304 | 42 | 32 | ومن آياته الجوار في البحر كالأعلام |
| | | دېڭىزدا قاتنىغۇچى تاغدەك كېمىلەر اﷲ نىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىدىندۇر |
|
4305 | 42 | 33 | إن يشأ يسكن الريح فيظللن رواكد على ظهره إن في ذلك لآيات لكل صبار شكور |
| | | ئەگەر اﷲ خالىسا، شامالنى توختىتىۋېتىدۇ - دە، كېمىلەر دېڭىزنىڭ ئۈستىدە توختاپ قالىدۇ، بۇنىڭدا (قاتتىقلىقتا) سەۋر قىلغۇچى، (كەڭچىلىكتە) شۈكۈر قىلغۇچى ھەر مۆمىن ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار |
|