نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
4287 | 42 | 15 | فلذلك فادع واستقم كما أمرت ولا تتبع أهواءهم وقل آمنت بما أنزل الله من كتاب وأمرت لأعدل بينكم الله ربنا وربكم لنا أعمالنا ولكم أعمالكم لا حجة بيننا وبينكم الله يجمع بيننا وإليه المصير |
| | | شۇنىڭ ئۈچۈن (يەنى دىندا ئىختىلاپ قىلىشقانلىقى ئۈچۈن) (ئى مۇھەممەد! بارلىق ئىنسانلارنى توغرا دىن ئاساسىدا ئىتتىپاق بولۇشقا) چاقىرغىن، بۇيرۇلغىنىڭ بويىچە توغرا يولدا چىڭ تۇرغىن، ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن ۋە ئېيتقىن: «اﷲ نازىل قىلغان (بارلىق) كىتابلارغا ئىمان ئېيتتىم، ئاراڭلاردا ئادىل بولۇشقا بۇيرۇلدۇم، اﷲ بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزلىرىڭلار ئۈچۈندۇر، سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا جېدەللىشىشكە (ئورۇن) يوق (چۈنكى ھەقىقەت ئاشكارىدۇر)، اﷲ (قىيامەت كۈنى) بىزنى (ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن) يىغىدۇ، ئاخىر قايتىدىغان جاي اﷲ نىڭ دەرگاھىدۇر» |
|
4288 | 42 | 16 | والذين يحاجون في الله من بعد ما استجيب له حجتهم داحضة عند ربهم وعليهم غضب ولهم عذاب شديد |
| | | كىشىلەر اﷲ نىڭ دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، (كىشىلەرنى ئىماندىن توسۇش ئۈچۈن) اﷲ نىڭ دىنىدا خۇسۇمەت قىلىشقانلارنىڭ دەلىللىرى اﷲ نىڭ دەرگاھىدا باتىلدۇر، ئۇلار (دۇنيادا) غەزەپكە ئۇچرايدۇ، (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ |
|
4289 | 42 | 17 | الله الذي أنزل الكتاب بالحق والميزان وما يدريك لعل الساعة قريب |
| | | اﷲ كىتاب (يەنى قۇرئان) نى ھەق بىلەن نازىل قىلدى ۋە ئادالەتنى نازىل قىلدى. سەن نېمە بىلىسەن؟ قىيامەت يېقىن بولۇشى مۇمكىن |
|
4290 | 42 | 18 | يستعجل بها الذين لا يؤمنون بها والذين آمنوا مشفقون منها ويعلمون أنها الحق ألا إن الذين يمارون في الساعة لفي ضلال بعيد |
| | | قىيامەتكە ئىشەنمەيدىغانلار ئۇنىڭ بولۇشىنى ئالدىرىتىدۇ، ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغانلار بولسا قىيامەتتىن قورقىدۇ، قىيامەتنى ھەق دەپ بىلىدۇ، بىلىڭلاركى، قىيامەت توغرۇلۇق مۇجادىلە قىلىدىغانلار ئەلۋەتتە چوڭقۇر گۇمراھلىقتىدۇر |
|
4291 | 42 | 19 | الله لطيف بعباده يرزق من يشاء وهو القوي العزيز |
| | | اﷲ بەندىلىرىگە كۆيۈنگۈچىدۇر، ئۇ خالىغان ئادەمگە (كەڭ) رىزىق بېرىدۇ، اﷲ كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر |
|
4292 | 42 | 20 | من كان يريد حرث الآخرة نزد له في حرثه ومن كان يريد حرث الدنيا نؤته منها وما له في الآخرة من نصيب |
| | | كىمكى (ئۆزىنىڭ ئەمەلى بىلەن) ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭ ساۋابىنى زىيادە بېرىمىز، كىمكى (ئەمەلى بىلەن) دۇنيانىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىسە، (ئۇنىڭ تىلىگەن) مەنپەئىتىنىڭ بەزىسىنى بېرىمىز، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە (ساۋابتىن) ھېچ نېسىۋە يوق |
|
4293 | 42 | 21 | أم لهم شركاء شرعوا لهم من الدين ما لم يأذن به الله ولولا كلمة الفصل لقضي بينهم وإن الظالمين لهم عذاب أليم |
| | | ئۇلارنىڭ اﷲ رۇخسەت قىلمىغان نەرسىلەرنى دىن قىلىپ بېكەتكەن مەبۇدلىرى بارمۇ؟ (اﷲ نىڭ ئۇلارغا بېرىلىدىغان ئازابنى قىيامەتكىچە تەخىر قىلىش توغرىسىدىكى) ھۆكمى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە (دۇنيادىلا) ھۆكۈم چىقىرىلغان بولاتتى، (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغۇچىلار (يەنى كاپىرلار) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ |
|
4294 | 42 | 22 | ترى الظالمين مشفقين مما كسبوا وهو واقع بهم والذين آمنوا وعملوا الصالحات في روضات الجنات لهم ما يشاءون عند ربهم ذلك هو الفضل الكبير |
| | | كاپىرلارنىڭ (قىيامەت كۈنى دۇنيادا) قىلغان گۇناھلىرىنىڭ جازاسىدىن قورقۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسەن، (ئۇلار مەيلى قورقسۇن، قورقمىسۇن) جازا ئۇلارغا (چوقۇم) نازىل بولغۇسىدۇر، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار جەننەتلەرنىڭ باغچىلىرىدا بولىدۇ، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىدا خالىغان نەرسىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، بۇ كاتتا ئىنئامدۇر |
|
4295 | 42 | 23 | ذلك الذي يبشر الله عباده الذين آمنوا وعملوا الصالحات قل لا أسألكم عليه أجرا إلا المودة في القربى ومن يقترف حسنة نزد له فيها حسنا إن الله غفور شكور |
| | | اﷲ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بەندىلىرىگە ئەنە شۇ ئىنئام بىلەن خۇش - خەۋەر بېرىدۇ. «(پەيغەمبەرلىكنى) تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمايمەن، پەقەت تۇغقانچىلىق ھەققى ئۈچۈن مېنى دوست تۇتۇشۇڭلارنى (يەنى پەرۋەردىگارىمنىڭ دەۋىتىنى يەتكۈزۈشۈمگە چېقىلماسلىقىڭلارنى) تىلەيمەن» دېگىن، كىمكى بىرەر ياخشى ئىش قىلسا، ئۇنىڭغا بىز ساۋابنى زىيادە بېرىمىز، اﷲ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر |
|
4296 | 42 | 24 | أم يقولون افترى على الله كذبا فإن يشإ الله يختم على قلبك ويمح الله الباطل ويحق الحق بكلماته إنه عليم بذات الصدور |
| | | ئۇلار (يەنى قۇرەيش كاپىرلىرى): «ئۇ (يەنى مۇھەممەد) اﷲ قا يالغاننى توقۇدى» دەمدۇ؟ ئەگەر اﷲ خالىسا (يەنى ئۇلار گۇمان قىلغاندەك، اﷲ قا يالغاننى توقۇغان بولساڭ) سېنىڭ قەلبىڭنى پېچەتلىۋەتكەن بولاتتى، اﷲ باتىلنى يوق قىلىدۇ، (پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان) سۆزلىرى ئارقىلىق ھەقنى ھەق قىلىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن دىللاردىكى سىرلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر |
|